قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۆرەش قىلىش ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇشىنى ياراتقان ئالىمجان مەمتىمىن

2018-08-28 11:08:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
گۇما ناھىيەسىنىڭ باشلەڭگەر يېزا سازام كەنت ئاھالىسى ئالىمجان مەمتىمىن تور ئارقىلىق گۇما ناھىيەسىنىڭ ئۆرۈكىنى ئىچكىرى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شەھەرلەرگە سېتىش ئارقىلىق، گۇما ئۆرۈكىنىڭ داڭقىنى تونۇتۇپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.      
2013- يىلى ئالىي مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتتۈرگەن ئالىمجان مەمتىمىن يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىدى. يۇرتىدىكى ئەلا سۈپەتلىك ئۆرۈكلەرنىڭ ياخشى سېتىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئالىمجان مەمتىمىن يەرلىك ئۆرۈكلەرنى سېتىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى قارار قىلدى. ئۇ ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ كەنتتە تۆت قۇرۇتۇش ئۆيى سېلىپ، كەنتتىكى ئۆرۈك قۇرۇتۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئالىمجان مەمتىمىن يەنە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا ئۆرۈك مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئاچتى. يەنە ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى ئارقىلىق توردا ساتتى. ئالىمجان مەمتىمىن مەھسۇلات سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۆرۈك ۋە گۇلىنى ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن ئۆلكە، رايون، شەھەرگە ساتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ئۈچ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىر كوللىكتىپ بولۇپ، ئالاقە تورىغا تايىنىپ ئۆرۈكلەرنى ناھايىتى ياخشى ساتتۇق. ئالاقە تورى مېنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىش شارائىتىغا ئىگە قىلدى.   
كەسىپنىڭ ئۈزۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، 2015- يىلى ئالىمجان مەمتىمىن ئۈرۈمچىدە «سازام» سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، مەخسۇس شىنجاڭنىڭ داڭلىق، ئەلا، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ساتتى. 2016- يىلى ئالىمجان مەمتىمىننىڭ شىركىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئۆزگىچە ئۆرۈك مەھسۇلاتى 7- نۆۋەتلىك شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بويىچە بېيجىڭ سودا يەرمەنكىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كارخانا ئالىمجان مەمتىمىننى ئىزدەپ ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشتى. ھازىر ئالىمجان مەمتىمىن تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى تەبىئىي ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېرىشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ داڭلىق، ئەلا، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ بازارغا كېڭەيتىش نىشانىنى بېكىتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز كېلەر يىلى بارلىق ئۆرۈكلۈك باغنى ئۆزىمىز ھۆددىگە ئېلىپ، ئۆزىمىز باشقۇرىمىز. مېنىڭ كېيىنكى نىشانىم سودامنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە كۆلەملەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.
تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى