قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھاياتلىق ھېكمەتلىرى

2018-08-28 12:36:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مېھىر- مۇھەببەتلىك ھايات تۇرمۇشىمىزغا خوشاللىق ۋە ئۆزگىچە مەنالارنى ئاتا قىلىدۇ. تۇرمۇشتا ئۇرۇق- تۇققانلىرىمىز، دوست- بۇرادەرلىرىمىز، ياخشى كۆرگەن ئادەملىرىمىزنىڭ ئىللىق قەلبى ۋە  مېھىر- شەپقىتى بىزنى ھەر ۋاقىت ئارزۇ- ئارمانغا تولدۇرىدۇ، ھاياتىمىزغا ئالەمچە خوشاللىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ۋەدە سەمىمىي مۇلازىمەتنىڭ يارقىن ئىپادىلىنىشى،  ئەخلاقىي پەزىلەت، مېھىر- ۋاپانىڭ نامايەندىسى. ۋەدە- تىل گۈزەللىكى. ۋەدە بېرىش- بەرمەسلىك ئانچە مۇھىم ئەمەس. ئەمما ۋەدە بېرىپ قويۇپ ئەمەل قىلماسلىق تولىمۇ ئەدەپسىزلىكتۇر. شۇڭا ھەر ۋاقىت سەمىمىي بولۇپ قىلغان ۋەدىمىزگە ئەمەل قىلايلى. ئۆز كۈچىڭىز، سالماقلىق، ئىشەنچ ۋە ئۈمىد ھاياتىڭىزدا قەتئىي يوقىتىشقا بولمايدىغان گۆھەر ھېسابلىنىدۇ. ھەرقانچە خاپا بولسىڭىزمۇ كۈلۈمسىرەشنى ئۇنۇتماڭ، ھەرقانچە ئاچچىقىڭىز كەلسىمۇ، سۆزىڭىزنىڭ ئۇرامىغا دىققەت قىلىڭ، سول كۆزىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرسىڭىز، ئوڭ كۆزىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنى تەپسىلىي كۆزىتىپ بېقىڭ. بەخىتكە ئېرىشىشنىڭ چارىسى- ئۆزىدە بارىنى قەدىرلەش، ئۆزىدە بولمىغانلارنى ئۇنتۇپ كېتىش.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى