قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنىڭ بەش يىللىقى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2018-08-29 10:43:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنىڭ بەش يىللىقى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك: ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىك روھى بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، ساغلام، ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاش ئاساسىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ كېيىنكى باسقۇچتا «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسىي تەلىپى. قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا خىزمەت قىلىدىغان كادىرلار ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەشيا ئوبوروتى ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، رايون پورت بىرلەشمە ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندا كەسپلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كادىرى بەي سەن مۇنداق دېدى:باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزى بىزنىڭ كېيىنكى باسقۇچتا«بىر بەلباغ، بىر يول»خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپ ھەمكارلىقى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان بۇ يۆنىلىشتە چىڭ تۇرىمىز. بىر تەرەپتىن، ئەتراپتىكى يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپى بويىچە دۆلەت ھالقىغان ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، بىز قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باجدىن خالىي رايونلىرى بىلەن ئىقتىساد-سودا ۋە كەسىپىي باغچە رايونى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ چېگرا ھالقىغان كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي كۈچى بار كارخانىلارنى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىپ كەسپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇشىغا تۈرتكە بولىمىز.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىۋېتىش بوشلۇقىنىڭ دېڭىز ياقىسى، دەريا ياقىسى، ئىچكى قۇرۇقلۇق، چېگرا بويىغا كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتى ھەمتۈرتكە بولۇش، شەرق بىلەن غەرب ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جۇڭجياڭ ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شۆ جيې مۇنداق دېدى : باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى شىركەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. كارخانىمىزغا نىسبەتەن، بۇ بەش يىللىق تەرەققىيات بىزگە تەرەققىيات باھارى ئېلىپ كەلدى. دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەردىكى سودا سېلىنمىسى زور دەرىجىدە ئاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى ۋە يۈك توشۇش بۇيۇملىرىنىڭ تۈرى ئۈزۈكسىز كۆپەيدى. بىز دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆلىمىمىز، سۈپىتىمىز ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈپ، پائال سىرتقا يۈزلىنىپ، يەنىمۇ زورىيىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بازار ئېچىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي كۈچى بار كارخانىلارنى يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. يېقىنقى يىللار بۇيان، شىنجاڭ تيەنيې سۇ تېجەپ سۇغىرىش چەكلىك پاي شىركىتى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا، كەسىپ بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن سۇ تېجەش تېخنىكىسى ھەمكارلىقى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەم شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلەتتى ھەم ئېلىمىزدىكى سۇ تېجەپ سۇغىرىش كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى. شىنجاڭ تيەنيې سۇ تېجەپ سۇغىرىش چەكلىك پاي شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ياڭ ۋەنسېن مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ بىر يول» ئارقىلىق سىرتقا يۈزلەنگەندىن كېيىن، خەلقئارادا ئەۋزەل كەسپكە ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى بايقىدۇق. مەھسۇلات تېخنىكىسى جەھەتتە پۈتۈن قۇرۇلمىلىق ئېكىسپورت قېلىش ــ بىزنىڭ يەنە بىر ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكىمىز ھىسابلىنىدۇ. مېنىڭچە بۇ ئىككى نۇقتا بىزنىڭ چەتئەل كارخانىلىرى بىلەن رىقابەتلىشىشىمىزدىكى ئەڭ زور ئالاھىدىلىك. بۇنىڭدىن كېيىن ،«بىر بەلباغ، بىر يول» ئارقىلىق سىرتقا يۈزلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى سىرتقا چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە چەتئەلنىڭ ئىلغار ئىدىيەسىنى قۇبۇل قىلىپ، سىرتقا يۈزلىنىشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىشىمىز كېرەك.

تەرجىمان:ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى