قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپلىگەن توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كارخانىلىرى ئۈزۈكسىز تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن خەلقئارا بازارنى ئاچتى

2018-08-29 10:46:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى: 
«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپلىگەن توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كارخانىلىرى جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ھەمكارلىق ئالماشتۇرۇش سۇپىسىغا تايىنىپ، مەھسۇلات ئېچىش، ئۆلچەم سىستېمىسى ئورنىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزۈكسىز تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن خەلقئارا بازارنى ئاچتى.
ئىككى كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ «تيەنمۇخۇ» گىلەم توقۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بەكمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. سېخلار تاپشۇرۇۋالغان زاكاز تالونلىرى زىيادە كۆپ ئىدى. شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل دېڭ داجى مۇنداق دېدى: بىز ھازىر 24 سائەت ئىشلەۋاتىمىز. ئىشچى- خىزمەتچىلەر 3 بەن بويىچە نۆۋەتلىشىپ ئىشلەۋاتىدۇ، ھەر كۈنى 3 مىڭ 500 مىتىر ئەتراپىدا گىلەم توقۇپ چىقىرىۋاتىمىز، 10- ئايغىچە زاكاز قوبۇل قىلىپ بولدۇق.
شىنجاڭ «تيەنمۇخۇ» گىلەم توقۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2016- يىلى 3- ئايدا جياڭسۇدىن ساۋەن ناھىيەسىگە كېلىپ ماكانلاشقان. شۇ يىلى 5- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، قازاقىستان بىلەن 300 مىڭ كۇۋادرات مېتىر، قىممىتى 15 مىليون يۈەنلىك زاكاز توختىمى ئىمزالىغان ئىدى. شىركەت قۇرۇلۇپ ئىككى يىلدىن بۇيان، يىلىغا ھەر خىل يۇقىرى سۈپەتلىك گىلەمدىن 12 مىليون كۇۋادرات مېتىردىن كۆپرەك ئىشلەپچىقىرىپ، مەملىكەت بويىچە 34 ئۆلكە، شەھەر ۋە دۇنيادىكى 20 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا سېتىپ چىقاردى. شىركەت مەمۇرىي ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جۇ خۇڭچۈن مۇنداق دېدى: كارخانىمىز شىنجاڭغا ماكانلاشقاندىن كېيىن بىز ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياقتۇرۇپ قالدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن بىز يىللىق مەھسۇلات قىممىتىمىزنى تەدرىجىي 800 مىليون يۈەنگە يەتكۈزىمىز. مەھسۇلاتلىرىمىزنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا دېڭىز رايونى، جۈملىدىن ياۋروپا، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىمىز. ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە 2- قارارلىق قۇرۇلۇشىمىز پۈتكەندىن كېيىن ھازىرقى كۆلەم ئاساسىدا، مەھسۇلات مىقدارىمىزنى ئاز دېگەندە ئۈچ ھەسسە ئاشۇرىمىز.
شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2011- يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كۆرگەزمە رايونى كۆلىمىنى ئۈزۈكسىز كېڭەيتتى ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول» توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك تەرەققىيات مۇنبىرى، ساياھەتچىلىك، توقۇمىچىلىق سوۋغاتلىرى لايىھەسى تەكلىپ مۇسابىقىسى قاتارلىق ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇش تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك ئىجادىيىتى، داڭلىق ماركا يارىتىش قۇرۇلۇشىنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ۋەندا مەيدانى «يۇنا» تۆگە تىۋىتى تۇرمۇش سارىيىدا، شىنجاڭ «يۈتەي» تۆگە يۇڭى توقۇلما بۇيۇملار چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى يۈمېي نەق مەيداندا مۇخبىرغا 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قويۇلىدىغان تۆگە يۇڭى شارپىسىنى كۆرسەتتى. ئۇ بىر ئىستاكان سۈزۈك سۇنى شارپىغا تۆكتى، لېكىن شارپا ھۆل بولمىدى. لى يۈمېي مۇنداق دېدى: بۇ خىل شارپا شىركىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان يېڭى مەھسۇلات. بۇ خىل شارپىغا بوتلاق يۇڭىنى ئىشلىتىپلا قالماي، يەنە سۇ ئۆتكۈزمەسلىك تېخنىكىسىنى قوللاندۇق.
لى يۈمېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك تەرەققىيات مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ، مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشتا يېڭى تونۇشقا ئىگە بولدۇق. ھازىر كارخانىنىڭ يىللىق تەتقىقات خىراجىتى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. ئۆز ئالدىمىزغا تەتقىق قىلىپ  ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىمىز گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق 13 دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنىۋاتىدۇ. بىز يېنىمىزدا ئۆتكۈزىلىدىغان بۇنداق خەلقئارالىق كۆرگەزمىگە ئەلۋەتتە قاتنىشىمىز. جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى مەيلى شىنجاڭلىقلار ياكى سىرتتىن كەلگەنلەر بولسۇن، شىنجاڭدا بۇنداق بىر ماركىنىڭ، مۇشۇنداق بىر مەھسۇلاتنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ سۇپا ئارقىلىق، دۆلەت ئىچىدىكى بىر تۈركۈم داڭلىق توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كارخانىلىرى ئىلى ئوبلاستىغا ماكانلىشىپ، شۇ جايدا توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل 1- ئايدىن 6- ئايغىچە، ئىلى ئوبلاستىدىكى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم- كېچەك كارخانىلىرىنىڭ سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد 843 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن 46.5 پىرسەنت ئاشتى. ئىلى ئوبلاستلىق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى شەھەر- بازار ئىقتىسادىي تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ساۋ جوڭچىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ سۇپا ئارقىلىق، ئىلى ئوبلاستى شەندۇڭ «بەيجېڭ»، جياڭسۇ «جىنسېن» گۇروھى، جياڭسۇ «قىزىل پۇرچاق» كىيىم- كېچەكلىرى، جېجياڭ «ئاكېمې» كىيىم- كېچەكلىرى قاتارلىق بىر تۈركۈم توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كارخانىلىرىنى جەلپ قىلىپ، كەسىپ كۆلىمىنى ئۈزۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتتى. توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپى سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى