قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لو يۈمىڭ باشتىن- ئاخىر جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئەڭ گۈزەل ياشلىقىنى ئۆزى سۆيگەن كەسپىگە ئاتىدى

2018-08-29 11:09:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
بۇ يىل چاغان ھارپىسىدا، كۈنەس ناھىيە قارا بۇغرا بازارلىق ئەدلىيە ئورنىنىڭ باشلىقى، ئەمدىلا 38 ياشقا كىرگەن لو يۈمىڭ كېسەل سەۋەبىدىن خىزمەت ئورنىدا يىقىلىپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان خىزمەت ئورنى ۋە سۈيۈملۈك ئائىلىسىدىكىلەردىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى. لو يۈمىڭ خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، باشتىن- ئاخىر جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئەڭ گۈزەل ياشلىقىنى ئۆزى سۆيگەن كەسپىگە ئاتىدى.
لو يۈمىڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى خىزمىتى كۈندە تۈرلۈك زىددىيەت- ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش ئىدى. قارا بۇغرا بازىرى جىيەك كەنتىدىكى دېھقان ياڭ كېفۇ تا ھازىرغىچە لو يۈمىڭنىڭ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ مۇرەسسە قىلغان بىر قېتىملىق ماجرانى ئۇنتۇپ قالمىدى. 2016- يىلى يازدا، ياڭ كېفۇ سۇغىرىش ئىشى سەۋەبلىك قوشنىسى بىلەن جىدەللىشىپ قىلىپ لو يۈمىڭنى ئىزدىدى. ياڭ كېفۇ مۇنداق دېدى: قوشنام بىلەن جىدەللىشىپ قالغاندىن كېيىن ئەدلىيە ئورنىغا بارسام ئەدلىيە ئورنىدا ئادەم يوق ئىكەن. مەن لو يۈمىڭغا تېلېفون قىلدىم، ئۇ ئەسلىدە بىر ماجىرانى مۇرەسسە قىلىۋاتقان ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كېلەلمىدى. ئۇ كەچتە باراي، دىدى. مېنىڭ ئۇنىڭ كېلەلىشىگە كۆزۈم يەتمىگەن ئىدى.
ئىشلار ياڭ كېفۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماي، كەچتە، لو يۈمىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى. لېكىن، ياڭ كېفۇ ئۆيدە يوق ئىدى. لو يۈمىڭ تەرەپ ـ تەرەپتىن سۈرۈشتۈرۈپ، ئاخىرى ئېتىزدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى. ياڭ كېفۇ مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا لو يۈمىڭ ئېتىزغا كېلىپ، ماجرانى مۇرەسسە قىلدى. مۇرەسسە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىپ قالدى. بىز ھازىرغىچە يېقىن دوستلاردىن بولۇپ ئۆتىۋاتىمىز.
 ئەدلىيە ئورنىدا ئىشلىگەن ئالتە يىلدا لو يۈمىڭ 100 دىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام ماجراسىنى مۇرەسسە قىلدى. خىزمەتتە ئۇ دائىم ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيتتى. ئۇ خىزمەتنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنداپ بولمىغۇچە ئارام ئالمايتتى. كۈنەس ناھىيە قارا بۇغرا بازارلىق ئەمگەك كاپالەت ئورنىنىڭ باشلىقى خۇ خەيفېڭ مۇنداق دېدى: ئۇ ھەر بىر خىزمەتنى ناھايىتى ئەستايىدىل ئىشلەيتتى، كۆڭۈلدىدەك بولمىغىچە بولدى قىلمايتتى.
خىزمەت ئالدىراشلىقى تۇپەيلى، لو يۈمىڭ 2012- يىلى توي قىلغاندا تويلۇق سۈرەتكە چۈشۈشكىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى. ئۇ ئايالىغا تويلۇق سۈرەتكە كېيىن چۈشۈش توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ئەمما، ھازىرغىچە ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ تېمىغا مىخ قېقىپ قويۇلغان پېتى قالدى. لو يۈ مىڭنىڭ ئايالى ياڭ ۋېي مۇنداق دېدى: مېنىڭچە ئۇنىڭ ماڭا قالدۇرغان ئەڭ زور بايلىقى ئۇنىڭدىكى روھ، مەندىمۇ ئۇنىڭغا خاس كۈچ- قۇدرەت بار.
بۇلتۇر 10- ئايدا، لو يۈمىڭدا پات- پاتلا يۈتىلىدىغان، بېشى قايىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئەمما، ئۇ يەنىلا خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرى خىزمەت ئورنىدا يىقىلدى. دوختۇر تەكشۈرۈش ئارقىلىق، لو يۈمىڭنىڭ زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن جىددىي خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى دەلىللىدى. بۇ يىل 2- ئايدا لو يۈمىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى. ئايالى ئۇنىڭ نەرسە- كېرەكلىرىنى رەتلىگەندە، ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە، لو يۈمىڭنىڭ ھەر يىلى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، نامرات ئائىلىلەر ۋە ئائىلىسىدە قېيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا پۇل ۋە نەرسە- كېرەك ئىئانە قىلغانلىقىنى بايقىدى. ياڭ ۋېي مۇنداق دېدى: ئوغلۇمنى دادىسىغا ئوخشاش جەمئىيەتكە ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلەيمەن.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى