قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۈز چەملىك ئاياغلارنى ئاز كىيىڭ

2018-08-29 12:43:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ساپما كەش، لاتا خەي قاتارلىق بىر قىسىم پاشنىسىز، چەمى تۈز ئاياغلار يۇمشاق، يەڭگىل ھەم ئەپلىك بولغاچقا، كىشلەر بۇ خىل ئاياغلارنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن بۇ خىل ئاياغنى ئۇزاق ۋاقىت كىيىپ ئادەتلىنىپ قالسا، سالامەتلىككە زىيانلىق.
ئارا پاشنىلىق ئاياغ ئادەم بەدىنىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئەڭ ياخشى سەۋىيىدە ساقلاپ، ئېغىرلىقنى ئىلمىي ئۇسۇلدا پۇت بارماقلىرىغا تەكشى تەقسىملەپ، سۆڭەك، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ شەكلىنى نورمال ساقلايدۇ، پاشنىسى يوق، تىگى تۈز ئاياغلارنى كىيگەندە بولسا، ئېغىرلىقنىڭ تارقىلىشى تەكشى بولمايدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال بەدەن ھالىتى ئېغىرلىق مەركىزى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئاياغنى كىيگەندە ئادەم ئاسانلا ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى پۇت ئىگىلىپ، ئومۇرتقىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا تارقالغان ئېغىرلىق تەكشى بولماسلىق تۈپەيلىدىن نورمال بەدەن ھالىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ئاياغنىڭ پاشنىسى قانچە ئېگىز بولسا، شۇنچە ياخشى دېگەنلىك ئەمەس، بەك ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلارنىڭمۇ بەدەنگە زىيىنى بار. شۇڭا نورمال ئېگىزلىكتىكى ئاياغنى تاللاش ئەڭ ئاقىلانىلىك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى