قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «پوسكام ئالتۇن توغراق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت كەنتىگە زىيارەت» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك خەۋەرنىڭ «مىللىي ئۆرپ- ئادەت ماركىسىنى يارىتىش» دېگەن 1- قىسمى

2018-08-29 12:56:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پوسكام «ئالتۇن توغراق» ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت كەنتى--- دۆلەت 5A دەرىجىلىك ئالتۇن توغراق سەيلىگاھىغا جايلىشىشتەك ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ، ئەسلىدىكى ئورمانچىلىق مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، ھەممە ئائىلىلەردە ئۆزگىچىلىك، ئالاھىدىلىك بولۇشتەك يېزا- كەنت ساياھىتى يېڭى ھالىتىنى شەكىللەندۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتتە ساياھەتچىلەر كۆپەيدى، دېھقانلار بېيىدى. ئەمدى، ئىستانسىمىزنىڭ «پوسكام ئالتۇن توغراق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت كەنتىگە زىيارەت» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك خەۋەرنىڭ «مىللىي ئۆرپ- ئادەت ماركىسىنى يارىتىش» دېگەن 1- قىسمى
قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پوسكام «ئالتۇن توغراق» ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت كەنتىدىكى «توغراق باھارى» سەھرا ئارامگاھىنىڭ لەمپىسى ئاستىدا، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىگىدىن تەشكىللىگەن مۇزىكا ئەترىتى دۇتتار بىلەن ئورۇنلايدىغان، كەنتنىڭ ئۆزىگە خاس، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان «چوكان مەشرىپى» نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. ساياھەتچىلەر كەنتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى، ئاھالىلەرنىڭ ئاددىي- ساددا، قىزغىن، مېھماندوستلۇقىنى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىشتى. بىر ساياھەتچى مۇنداق دېدى: بۇ يەردە مىللىي پۇراق كۈچلۈككەن، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن ئوخشىمايدىكەن، ئاھالىلەر بەكمۇ قىزغىن، مېھرىبان، مېھماندوستكەن. لەغمەن، كاۋاپ، چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورۇمىسى يېدۇق، ئىشتىھايىمىزغا ماس كېلىدىكەن، يېسىڭىز يەنە يېگۈڭىز كېلىدىكەن. يەنە بىر ساياھەتچى مۇنداق دېدى: ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى شۇكى، شىنجاڭ خەلقى بەك مېھماندوست، قىزغىن ئىكەن، مەن بۇ يەرنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالدىم، پۇرسەت بولسا كېلەر قېتىم يەنە شىنجاڭغا كېلىمەن.
پوسكام «ئالتۇن توغراق» ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت كەنتىدىكى تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى خىشلىرى قىزىل رەڭلىك ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرى قەدىمىي ئۇسلۇبقا ئىگە بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرى، سەھرا ئارامگاھى، كىچىك تۈرلۈك ماللار ماگىزىنى، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى دۇكىنى بار ئىدى. 2012- يىلى، شاڭخەي پىلانلاش لايىھىلەش يۇرتى «قەدىمىي، ئاددىي- ساددا، ئىللىق، ئازادە، راھەت بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، پوسكام «ئالتۇن توغراق» ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھويلا تاملىرى، پېشايۋان، ئۈزۈم باراڭلىرى، دەرۋازىلىرىنى ئۆزگەرتىپ، كەنتنى سەيلە- ساياھەت قىلىش، كۈتۈنۈش، دەم ئېلىش، خاسلىقنى نامايان قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن مەنزىرە رايونىغا ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ يەردە مىللىي ئۆرپ- ئادەتلەرنى كۆرۈش، چۈللۈك، توغراقلىقنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. پوسكام «ئالتۇن توغراق» سەيلىگاھى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ گۇجۈن مۇنداق دېدى: بىرىنچى، قەدىمىيلىكىنى ساقلىغان ئاساستا بىزەش، رېمونت قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، شۇ جاينىڭ توپا رەڭگىنى ئاساس قىلدۇق، ئىككىنچى، كەنت ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە قولايلىق يارىتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسلىق كوچىلاردا پىيادىلەر يولىنى ئاساس قىلدۇق، ئۈچىنچى، مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەممە ئائىلىلەردە ئالاھىدىلىك بولۇش، ئارتۇقچىلىق بولۇشنى گەۋدىلەندۈردۇق.
 ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 5- ئايدىن ھازىرغىچە، پوسكام «ئالتۇن توغراق» ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت كەنتىگە بارغان ساياھەتچىلەر 388 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشقان. ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن ساياھەت كوپىراتىپى بۇ كەنتكە بېرىپ، ساياھەت لىنىيەسىنى ئاچقان. خۇبېي «ئاۋشياڭ» خەلقئارا ساياھەت كوپراتىپىنىڭ شىنجاڭ بازىرى مەسئۇلى سۇڭ جياشىن مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ سەھرا پۇرىقى، مىللىي ئالاھىدىلىكى بەك كۈچلۈك، گەۋدىلىككەن، يەنە بۇ ئىپتىدائىي ئېكولوگىيە بېلىق كاۋىپىنىڭ تەمىمۇ بولىدىكەن. باشقا سەيلىگاھلاردا بۇلارنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى