قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جېنجياڭ شەھىرىدىكى يەرلىك ئالاھىدە ئەنئەنىۋى يىمەكلىكى

2018-08-29 17:32:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇڭگونىڭ ئۇن تاماق مەدەنىيىتىنىڭ تۈرى كۆپ ھەمدە ئىنتايىن مەززىلىك. سۇ تۇپرىقى ئوخشىمىسا ئۆرپ- ئادەتمۇ ئوخشىمايدۇ، ھەر بىر جاينىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇن تامىقى بولىدۇ. جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جېنجياڭ شەھىرى، مەملىكەت بويىچە داڭلىق گۈرۈچ ماكانى بولۇپلا قالماي ئۇنىڭ تۇۋاق چۆپىمۇ مەملىكەتكە داڭلىق، بۇ يەنە جېنجىياڭ پىچاق چۆپى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئون چوڭ چۆپنىڭ بىرى، شۇنداقلا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جېنجياڭ شەھىرىدىكى يەرلىك ئالاھىدە ئەنئەنىۋى يىمەكلىكى.
تۇۋاق چۆپى. بۇ ئىسىم قۇلاققا غەلىتە ئاڭلىنىدۇ، دەسلەپتە ئاڭلىغىنىڭىزدا سىز چوقۇم چۆپ پىشىپ بولغاندىن كېيىن تۇۋاق بىلەن قاچىغا ئۇسۇلغان چۆپ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇ ناھايىتى ساددىلارچە تەپەككۇر. رىۋايەت قىلىنىشىچە، چىيەنلۇڭ خان چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى جېنجياڭغا كېلىپ، پۇقراچە كىيىنىپ، يولبويى داڭلىق جاڭ يەڭگە چۆپ دۇكىنىنى ئىزدەپتۇ. بىر كۈنى جاڭ يەڭگە ۋە ئېرى ئالدىراش خېرىدار كۈتۈۋاتقان بولۇپ، بىر خېرىدارنىڭ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي: «تەمى ئىنتايىن ياخشى، راستلا ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، قاتتىق- يۇمشاقلىقى جايىدا، ھەم مەززىلىك بوپتۇ» دەپ ماختىغىنىنى ئاڭلاپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن چىيەنلۇڭ خان بىر تەرەپتىن شۇنداق دېگەچ بىر تەرەپتىن ئاشپۇزۇلغا كىرىپ كەپتۇ- دە، ھودۇققان ھالدا: «ۋوي سىز نىمە دەپ تۇۋاقنى قازانغا سېلىپ پۇشۇرۇپ كەتتىڭىز» دەپتۇ. جاڭ يەڭگە شۇ ۋاقىتتىلا ئۆزىنىڭ بايام ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇ ئىسسىتىدىغان كورىنىڭ ئۈستىدىكى كىچىك تۇۋاقنى چوڭ تۇۋاق دەپ ئويلاپ قېلىپ قازانغا سېلىۋەتكەنلىكىنى بايقاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن چيەنلۇڭ خان شۇ ئاشپۇزۇلغىلا بېرىپ غىزالىنىپتۇ. «تەمى ياخشىكەن» دېگەن ھېكايە شۇنىڭدىن كېيىن تارقىلىپ كېتىپتۇ. كېيىن جېنجىياڭنىڭ چوڭ- كىچىك كوچىلىرىدا نۇرغۇن تۇۋاق چۆپ دۇكانلىرى ئېچىلىپتۇ. بۇنىڭغا سەكرىگەك چۆپ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان سەكرىگەك چۆپ، يۇغۇرۇپ تەييار قىلىنغان خېمىرنى ئەنبەلنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، مەشغۇلاتچى خادىم بامبۇكنىڭ بىر تەرىپىدە ئولتۇرۇپ، يەنە بىر تەرىپىنى ئەنبەلگە چىڭ ئورنىتىپ، يۇقىرى تۆۋەن ئوينىتىپ سەكرىتىدىغان بولۇپ، بۇ ھەم ئۇسسۇل ئوينىغانغا ھەم سېرىك ئويۇنى ئوينىغانغا ئوخشايدۇ. شۇنداق قىلىپ قايتا- قايتا قىسىپ نىپىز يىيىپ، پىچاق بىلەن ئۈگرە شەكلىگە كەلتۈرلىدۇ. بۇ خىل چۆپنىڭ تۆشۈكچىلىرى بار بولۇپ، تەم ئاسان سىڭىدۇ ھەمدە چايناشقا خېلى كۈچ كېتىدىغان بولۇپ، تەمى ئۆزگىچە. بۇ چۆپنىڭ ماتىريالىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بولۇپ، مەخپىي رىتسىپلىق جاڭيۇغا ئون نەچچە خىل دورا دەرمەك سېلىنىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن تەملىك. بىر قاچا تۇۋاق چۆپنى ئوخشىتىش ئۇنىڭ چۆپىنىڭ ياخشى بولۇشىدا، تۈجۈپلەش قاينىتىشتا ۋە ماتىرياللارنىڭ ياخشى سېپىلىشىدە، پۇشۇرغان ۋاقىتتا كىچىك تۇۋاقنى قوشۇپ قويسا قازاندىكى سۇنىڭ تېز قايناپ كېتىشى ۋە يۆلىنىشىنى كونترول قىلغىلى ھەمدە چۆپنىڭ شەكلىنىڭ ئۆزگىرەپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا چۆپنىڭ ئىلاستىكىلىقىمۇ ياخشى بولىدۇ. تۇۋاق چۆپكە قىيما سىلىپ يىيىش چاڭجىياڭنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا داۋاملىشىپ كەلگەن يىمەكلىك ئادىتى بولۇپ، كۆكتاتنىڭ يېڭىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. قىيما گۆشلۈك ۋە گۆشسىز قىلىپ ئىتىلىدۇ؛ يەنە بىرى مەخپىي رىتسىپلىق جاڭيۇنىڭ رولى بولۇپ، سېرىق پۇرچاق جاڭيۇسىنى سېتىۋېلىپ، سازاڭ، قوۋزاق دارچىن، پۇراقلىق ئوت، شاكال بەدىيان، جېنجياڭنىڭ جەنۇبىي تېغىنىڭ ئىچكىرسىدىكى ياۋا موگۇ، چاڭجىياڭ دەرياسى راك لىچىنكىلىرى، توخۇ سۆڭىكى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، ئاۋۋال كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ، ئاندىن سۇس ئوتقا تەڭشەپ نەچچە سائەت قاينىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، قارىمۇچ سېلىپ، سوۋۇتۇپ ئىككى كۈندىن كېيىن ئىستىمال قىلسا بولىدۇ. بۇنداق ياسالغان جاڭيۇنى شورپىغا سالسا تەمى ئىنتايىن مەززىلىك بولىدۇ. بىر نەچچە خىل تۈجۈپىلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، جېنجىياڭ تۇۋاق چۆپىدەك مەززىلىك تەمنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. تەييار بولغان تۇۋاق چۆپنىڭ شورپىسى سۈزۈك، چۆپى يۇمشاق بولۇپ، چاپلىشىپ قالمايدۇ، ھەم ئىنتايىن يۇمران، بۇنى بىر تىنىقتىلا يەۋەتسىڭىز بۇنىڭ لەززىتى چەكسىز بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى