قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇرا بازىرىنىڭ مەنزىرە نۇقتىلىرى

2018-08-29 17:34:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 «مىڭ مو شاپتوللۇق ئۆزى ئۈزۈش رايونى»:
  بۇ 2009- يىلى قۇرۇلغان، بۇ باغدا توقاچ شاپتۇل، ياغلىق شاپتۇل، سۇلۇق شاپتۇل قاتارلىق شاپتۇلنىڭ نۇرغۇن تۈرلىرى بار. پىشىپ ئۈزۈۋېلىش مەزگىلى ئاساسلىقى 7- ئاينىڭ بېشىدىن 9- ئاينىڭ ئوتتۇرسىغىچە مەركەزلەشكەن. ئەۋزەل شارائىت مەسىلەن: نۇر، ئىسسىقلىق، سۇ گاز قاتارلىق مەنبەگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتتىگەن كەچنىڭ تېمپراتۇرا پەرقى چوڭ. شۇڭا، باغدىكى شاپتۇللار پارقىراق، تەملىك، تاتلىق، شىرنىلىك بولۇپ، سورتى ئۆزگىچە، ساياھەتچىلەر شاپتۇللارنى ئۆزلىرى ئۈزۈپ يىسە بولىدۇ. باغ ئىچىگە ئېكولوگىيەلىك ئورمان توخوسى قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر خالىغانچە تاللىۋالسا بولىدۇ.
   «مىڭ مو زامانىۋى ئالىي دەرىجىلىك پارنىك ساياھەتچىلەر ئۆزى ئۈزۈش رايونى»: 
  بۇ 2011- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يەردە ھەر خىل يېڭى ئالاھىدە كۆكتاتلار ۋە ھەر خىل گۈل- گىياھلارمۇ بار. بۇ يەردە ئورگانىك ئوغۇت بىلەن مەھەللىۋى ئوغۇت تېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، يىلدا بىر قېتىم ھوسۇل بېرىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئاساسلىق كۆكتات بىلەن تەمىنلەش بازىسى. ساياھەتچىلەر تېتىپ باقسا، ئۈزۈۋالسا، سۈرەتكە تارتىۋالسا ھەمدە پايدىلانسا بولىدۇ.
  «زامانىۋى ئۆزگىچە باقمىچىلىق رايونى»:
  بۇ ئۆزگىچە باقمىچىلىق رايونى قىبلىتاغ دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق مەيدانى تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش بازىسىغا جايلاشقان بولۇپ، سانائەت كارخانىلىرى ۋە كانچىلىق كارخانىلىرىدىن يىراق، سۇ سۈپىتى ياخشى، ئەسلىھەلىرى تولۇق، باقمىچىلىق شارائىتى ئەۋزەل. ئوتلاققا، ئورمان ۋە سۇ بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئوتلاقتا ئۆي قۇشلىرىنى باقىدۇ. باقمىچىلىق رايونىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 500 مو بولۇپ، ئەتىۋارلىق قۇش باقمىچىلىقى ئاساس قىلىنىدۇ. بۇ يەر تور بىلەن قورشالغان بولۇپ، بىر ئېغىز زامانىۋىلاشتۇرۇلغان چۈجە بېقىش ئۆيى، بىر يېرىم ئوچۇق شەكىللىك توخۇ كاتىكى، ئالتە ئېغىز باشقۇرۇش پونكىتى بار. چىپار توخۇ، يەرلىك توخۇ، قىزىل تۇمشۇقلۇق ياۋا غاز، كۈركە توخۇ، ئۈنچە توخۇ، بۆدۈنە، ياۋا غاز قاتارلىق كۆپ خىل تۈردىكى 10 مىڭغا يېقىن ئۆي قۇشلىرىنى سىناق تەرىقىسىدە باقىدىغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر كۆرۈپ تاللىۋالسا بولىدۇ.
  «مىڭ مو تېرىلغۇ يەرنى ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك ئوۋ ئوۋلاش مەيدانى»:
  ئېكولوگىيە ئوۋ ئوۋلاش دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ 20 مىڭ مو يەرنى تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش بازىسىغا تايىنىپ، ساياھەتچىلەر بىپايان ئورماندا ئوۋ ئىزدەيدىغان بولۇپ، ياۋايى پۇراققا تولغان. بۇ يەرنىڭ خىزمەت بېسىمىنى يەڭگىللىتىشكە، تەن سالامەتلىكىنى ياخشىلاشقا پايدىسى بار. قاشالانغان باقمىچىلىقتىكى ياۋا توشقان، ياۋا ئۆردەك، ئۆچكە قاتارلىقلارغا ماسلىشىپ، ئوقيا  ئارقىلىق ھايۋاناتلارنى ئوۋلاشقا بولىدۇ، ئوۋلانغان ئۆي قۇشلىرى ۋە ئۆي ھايۋانلىرى تۇرا كىچىك بازىرىدىكى دېھقانلار ئارامگاھىدا بىۋاستە پۇشۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ تېتىپ بېقىشىغا سۇنۇلىدۇ. بۇ يەرنىڭ تەبىئەتنى قىزغىن سۆيىدىغان، دالا پائالىيىتنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچى بار.
  «10 مىڭ مولۇق زامانىۋى يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى سۇ تېجەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى»:
  زامانىۋى يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى سۇ تېجەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 20 مىڭ مو بولۇپ، يىتەكچى كەسپكە تايىنىپ، ھازىرقى زامان سۇ تىجەر يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا ھازىر يول، ئورمان، ئۆستەڭ تولۇق يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن  بولۇپ، ئېتىزلار ئىنتايىن رەتلىكلىك. ئۈلگە رايونىدا ئاساسلىقى ياڭيۇ، كۆممىقوناق، قۇرۇقلۇق كۆكتاتلار، شاپتۇل دەرىخى، ئېكولوگىيەلىك ئورمان قاتارلىقلار بار. بۇ رايوندا سەھرا مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغىلى، دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ باققىلى، تۇپراققا ئۇرۇق چېچىپ باققىلى بولىدۇ.
  «تاڭ دەۋرىدىكى تۇرا»:
  شىسەن دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق مەيدانى تىنچلىق رايونى تۇرا كىچىك بازىرى تەۋەسىدىكى قەدىمىي تۇرا چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان. بۇ تۇرا توپىنى چىڭداش ئارقىلىق ياسالغان، بۇ تۇرا ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى سىستېمىسىدىكى بەش تۇرر ئىچىدە ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان بىرى ھېسابلىنىدۇ. تۇرانىڭ شەرقى جەنۇبىدىن 100 مېتىر يىراقلىقتا بۇتخانا خارابىسى بار، تۇرانىڭ ئەتىراپىدا كۆك خىش، يېشىل، قارا ۋە قوۇر رەڭلىك ساپال پارچىلىرى چېچىلىپ كەتكەن. بەزىلىرى كۆك خىش بولۇپ، خىشقا ئەجدىھا ۋە شىر ئويۇلغان. تۇرا بىلەن ئارلىقى 10، 20 مېتىر كېلىدىغان جايدا چېگرا قاراۋۇلى تۇرالغۇ خارابىسى بولۇپ، بۇ مۇھىم لەشكىرىي قورغان بولغان ئورۇن بولغانلىقى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.   تۇرادا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تاشقى دۈشمەنلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشتەك شەرەپلىك تارىخىي مەدەنىيەت خاتىرلەنگەن. تۇرانىڭ ئالدىدا سىز يەنە يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىي شەخسلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى چۈشىنەلەيسىز، ساياھەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا غايەت زور تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلالايسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى