قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ، داۋالىنىش جەريانىدا ھامىلىگە تەسىر يەتسە قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

2018-08-29 11:39:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دېلو ئەھۋالى: ئايگۈل تۇنجى پەرزەنتىگە ھامىلىدار بولغىلى ئالتە ئاي بولغاندا، بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە باش قىسمى ئېغىر زەخىملىنىپ، مېڭىسىگە قان چۈشۈپ دوختۇرخانىدا ئوپېراتسىيە قىلىنغان. ئۇ داۋالىنىش جەريانىدا، دوختۇردىن داۋالىنىشقا ئىشلەتكەن دورا، ئوكۇلنىڭ تەسىرىدە ھامىلىنىڭ مېيىپ تۇغۇلۇپ قېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھامىلىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ ئالدۇرۇۋەتكەن. ئايگۈلنىڭ داۋالىنىشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنى مېيىپلىك دەرىجىسىنى باھالاپ 6 - دەرىجىلىك مېيىپ دەپ بېكىتكەن. ئايگۈلنىڭ قاتناش ھادىسىسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان جىسمانىي تۆلەم ماجراسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ھادىسە سەۋەبلىك قورساقتىكى ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشتىن كېلىپ چىققان تۆلەمنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ماجىراسى ئوتتۇرىغا چىقىپ تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئىختىلاپ كۆرۈلگەن.
بىرىنچى خىل پىكىردىكىلەر: ئايگۈلنىڭ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ زەخىملىنىپ مېيىپ بولۇپ قېلىشى بىلەن قورساقتىكى ھامىلىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئالدۇرۇۋېتىشنىڭ بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق. دوختۇرنىڭ دېگىنى بىر پەرەز بولۇپ ئەمەلىي پاكىت ئەمەس، ھامىلە ھادىسىدە زەخىملەنمىگەن ياكى چۈشۈپ كەتمىگەن، ئايگۈل ئۆزى خالاپ چۈشۈرۈۋەتكەن. شۇڭا ئايگۈلنىڭ جىسمانىي تۆلەم ماجىراسى بىلەن ھامىلىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئالدۇرۇۋېتىشتىن كېلىپ چىققان تۆلەم ماجىراسىنىڭ مۇناسىۋىتى يوق. ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى قورساقتىكى ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشتىن كېلىپ چىققان تۆلەمنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئەمەس، دەپ قارىغان.
ئىككىنچى خىل پىكىردىكىلەر: ئايگۈلنىڭ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ زەخىملىنىپ مېيىپ بولۇپ قېلىشى بىلەن قورساقتىكى ھامىلىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئالدۇرۇۋېتىشنىڭ بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بار. دوختۇرنىڭ داۋالاش جەريانىدا ئىشلەتكەن دورا، ئوكۇلنىڭ ھامىلىنىڭ ئانىنىڭ قورسىقىدا ساغلام يېتىلىپ تۇغۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، مېيىپ تۇغۇلۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھەرگىزمۇ يۈزەكى پەرەز ئەمەس. شۇڭا ئايگۈلنىڭ جىسمانىي تۆلەم ماجىراسى بىلەن قورساقتىكى ھامىلىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ ئېلىۋېتىشتىن كېلىپ چىققان تۆلەمنىڭ مۇناسىۋىتى بار. ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئايگۈلنىڭ جىسمانىي تۆلىمىنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىللە، قورساقتىكى ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشتىن كېلىپ چىققان تۆلەمنىمۇ ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك، دەپ قارىغان.
ئۈچىنچى خىل پىكىردىكىلەر: ئايگۈلنىڭ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ زەخىملىنىپ مېيىپ بولۇپ قېلىشى بىلەن قورساقتىكى ھامىلىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئالدۇرۇۋېتىشنىڭ ۋاسىتىلىك مۇناسىۋىتى بار. ئايگۈل قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن داۋالىنىشقا مەجبۇر بولغان. دوختۇر داۋالاش جەريانىدا ئىشلەتكەن دورا، ئوكۇلنىڭ ھامىلىگە تەسىرى يېتىپ، بالىنىڭ مېيىپ تۇغۇلۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئايگۈل ھامىلىنىڭ ساغلام تۇغۇلماي قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ھامىلىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ ئالدۇرۇۋەتكەن، شۇڭا ئايگۈلنىڭ جىسمانىي تۆلەم ماجىراسى بىلەن قورساقتىكى ھامىلىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ ئېلىۋېتىشتىن كېلىپ چىققان تۆلەمنىڭ ۋاسىتىلىك مۇناسىۋىتى بار. ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئايگۈلنىڭ جىسمانىي تۆلىمىنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىللە، قورساقتىكى ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشتىن كېلىپ چىققان روھىي تەسەللى تۆلىمىنىمۇ ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك، دەپ قارىغان.
تەھلىل: ئايگۈلنىڭ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ زەخىملىنىپ مېيىپ بولۇپ قېلىشى بىلەن قورساقتىكى ھامىلىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئالدۇرۇۋېتىشنىڭ ۋاسىتىلىك سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، ئايگۈل قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىمىغان بولسا داۋالانمىغان، دورا، ئوكۇلمۇ ئىشلەتمىگەن، ھامىلىنىڭمۇ تەسىرگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى بولمىغان بولاتتى. دېمەك، بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتىلىك سەۋەب مۇناسىۋىتى قورساقتىكى ئالتە ئايلىق ھامىلىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئالدۇرۇۋېتىشتەك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئايگۈل ۋە يولدىشىنى روھىي جەھەتتىن ئازابلىغان. بۇ ۋاسىتىلىك شەكىللەنگەن روھىي تەسەللى تۆلىمى ماجىراسى بولۇپ، قوللاشقا تېگىشلىك ئورۇنلۇق تەلەپ دەپ قاراشقا بولىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقوققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى»نىڭ 22 - ماددىسىدا: «باشقىلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان- زەخمەت يەتكۈزۈپ، ئېغىر زىيان سالغاندا، ھوقوققا چېقىلغۇچى روھىي زىياننى تەلەپ قىلسا بولىدۇ» دېيىلگەن. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىراسخورلۇق قانۇنى»نىڭ 28 - ماددىسىدا: «مىراس بۆلۈش ۋاقتىدا قورساقتىكى بالىغا تېگىشلىك مىراس ئۈلۈشى ساقلاپ قويۇلۇشى كېرەك» دېيىلگەن. بۇ قانۇندا قورساقتىكى ھامىلىنىڭ ھوقۇقىمۇ ئالاھىدە قوغدىلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانىي زىيان تۆلىمى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشتىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» نىڭ 18 - ماددىسىدا: «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى ئۆلگۈچىنىڭ يېقىن تۇغقىنى روھىي زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، تۆلەم ھوقۇقى ئىگىسى سوت مەھكىمىسىدىن روھىي زىيان تەسەللى پۇلى تۆلىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلارغا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق - تەلەپ ھوقۇقىغا دەخلى -تەرۇز قىلىش روھىي زىيان تۆلەم جاۋابكارلىقىنى بېكىتىشتىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى تەتبىقلىنىپ بېكىتىلىدۇ» دېيىلگەن.
«ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق- تەلەپ ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز يەتكۈزگەنلەرنىڭ روھىي زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى بېكىتىشكە ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 1 -ماددىسىدا: «تەبىئىي شەخسلەر تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن كىشلىك غۇرۇر ھوقۇقى زىيانغا ئۇچرىغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، روھىي زىيان تۆلەشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك» دېيىلگەن.
2 - ماددىسىدا: «ۋەسىيلىك قىلىنغۇچى ۋەسىيسىدىن قانۇنسىز ئايرىۋېتىلىپ، ئاتا- بالىلىق مۇناسىۋىتى ياكى يېقىن ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغاندا، ۋەسىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، روھىي زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك» دېيىلگەن.
9 -ماددىسىدا: «روھىي زىيان تەسەللى پۇلى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ 1) مېيىپ بولغان بولسا، مېيىپلىك تۆلەم پۇلى؛ 2) ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۆلۈم تۆلەم پۇلى؛ 3) باشقا زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، روھىي تەسەللى پۇلى بېرىش» دېيىلگەن.
@ئايگۈل يۇقىرىقى پاكىت ۋە قانۇنىي ئاساسلارغا ئاساسەن ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغۇچىدىن «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانىي زىيان تۆلىمى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشتىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 17-، 18- ماددىلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆزىنىڭ داۋالىنىش جەريانىدىكى تۆلەملىرىنى ۋە مېيىپلىك تۆلىمىنى تەلەپ قىلغاندىن باشقا، قورساقتىكى ھامىلىنى ئالدۇرۇۋېتىشتىن كېلىپ چىققان روھىي تەسەللى تۆلىمىنى تەلەپ قىلسا، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى، زىيان سېلىش ۋاسىتىسى، قىلمىشىنىڭ پەيدا قىلغان ئاقىۋىتى، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشتىكى ئىقتىسادىي قۇربى، دەۋانى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرمۇش سەۋىيەسى دائىرىسىدە روھىي تەسەللى تۆلىمى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى