قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزنىڭ زىمىنى كەڭ، مىللەتلەر كۆپ بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش ئادىتى مول مەزمۇنلۇق چاي ۋە توي ئادىتى

2018-08-29 17:31:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قەدىمدىن تارتىپ، چاي جۇڭگولۇقلارنىڭ مۇھەببەت ۋە توي گۇۋاھچىسى بولۇپ كەلگەن شۇنداقلا، چاي كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش ۋاستىسى بولغان. قەدىمكىلەرنىڭ قارىشىچە، چاي ئۇرۇقىنى كۆچۈرۈپ تېرىشقا بولمايدۇ. شۇڭا، ياش قىز- يىگىتلەرنىڭ كۆپ ھاللاردا تويغا پۈتۈشۈشىنى «چاي ئىچۈرۈش» دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، ئىككى ياشنىڭ «بېشى باش، ئايىغى تاش بولسۇن» دېگەن مەنىدە.
جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ ۋۇيۈەن ناھىيەسىدە، توي قىلغاندا قىز تەرەپنىڭ قىز مېلى ئىچىدە بىر دەستە چاي مايسىسىنى قىزىل قەغەز بىلەن ئوراپ قويىدۇ. لۇيۈ چاي دەستۇرىدا: «تىكىش تېخنىكىسى ياخشى بولمىسا، ھەر قانچە ياخشى چاي بولسىمۇ كۆكلىمەيدۇ» دېيىلگەن. قەدىمقىلەر چاي دەرىخىنى كۆچۈرگىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، چاي مايسىسى سوۋغات قىلىشنىڭ قىزىنىڭ يولدىشى بىلەن مەڭگۈ ئىجىل ئىناق ئۆتۈشىنى ئارزۇ قىلغانلىقىدەك مەنىسى بار. تويدىن كېيىنكى بىرىنجى كۈنى كېلىنچەكنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ قىلىدىغان بىرىنجى ئىشى بولسا قېيىنئاتا، قېيىنئانىسىغا چاي تۇتۇش، قېيىنئاتا، قېيىنئانىلىرى بولسا كېلىنچەككە قىزىل بولاق بېرىدۇ. كەينىدىن كېلىنچەك ھاممىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۇرۇق- تۇغقانلىرى، دوست- بۇرادەرلىرىگە چاي تۇتۇپ، بىر- بىرلەپ قىزىل بولاق يىغىدۇ، بۇ «كېلىن چېيى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئەنئەنىۋى ئۆرپ- ئادەتكە ئاساسەن بىر يۈرۈش «كېلىن چېيى» چاي سەنئىتى بارلىققا كەلگەن. يۈننەندىكى لاخۇ مىللىتى چاي ماھىرى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا مۇتەخەسىس دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ توي تەكلىپى قويغاندا، چوقۇم بىر بولاق چاي، ئىككى قۇتا ۋە ئىككى يۈرۈش چىنە قاچا ئېلىپ بارىدۇ، قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپنىڭ ئېلىپ كەلگەن چېيىنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى- ناچارلىقىغا قاراپ، ئەرنىڭ ئەمگەكچان ياكى ھورۇنلىقىغا باھا بېرىدۇ. دېمەك، چاينىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى- ناچارلىقى ياش قىز- يىگىتلەرنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇپ قالغان.
يۈننەننىڭ شىشۇاڭبەننادىكى بۇلاڭ مىللىتى توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۇلگەن شۇ كۈنى، يىگىت تەرەپ بىر جۈپ ئەر- ئايالنى ئەلچىلىككە ئەۋەتىدۇ، قىز تەرەپمۇ بىر جۈپ ئەر- ئايالنى ئۇلارنى ئۇزۇتۇشقا ئەۋەتىدۇ. قىزنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ قىزىغا تەييارلىغان قىز مېلى ئىچىدە چاي دەرىخى، بورا، چويۇن قازان، قىزىل رەخت، خوراز، مىكىيان قاتارلىقلار بار. مەيلى نامرات ياكى باي كىشىلەر بولسۇن، قىزىنىڭ قىز مېلىدا چاي ھەرگىزمۇ كەم بولۇپ قالسا بولمايدۇ.
زاڭزۇ خەلقى چاينى توينىڭ قىممەتلىك سوۋغىسى دەپ بىلىدۇ. زاڭزۇ خەلقى توي قىلغاندا چوقۇم رەڭگى قېنىق قىزىل بولغان قايماق چاي بىلەن ئەزىز مېھمانلارنى كۈتىدىغان بولۇپ، قىز ئۆز قولى بىلەن چاي تۇتىدۇ، بۇ بەخت- سائادەتكە ۋە مىھرى- مۇھەببەتنىڭ چوڭقۇر بولۇشىغا سىمۋول قىلىنىدۇ، بۇ قەدىمىي ئۆرپ- ئادەت سۈپىتىدە ھازىرغىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ سۈينىڭ ناھىيەسىدىكى مىياۋجىيا مىللىتىنىڭ «مىڭ گۈل چېيى» بار. مىياۋجىيا مىللىتى ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ مۇھەببەت ئەلچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يىگىت قىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ توي تەكلىپى قويغاندا، قىز ئوغۇلغا بىر ئىستاكان «مىڭ گۈل چېيى» تۇتىدۇ، ئەگەر قىز بۇ توي ئىشىغا قوشۇلسا، چاي پىيالىسى ئىچىگە تۆت تال گۈل بەرگى سېلىپ قويىدۇ، ئەگەر قىز يىگىتكە رازىلىق بىلدۈرمىسە چاي پىيالىسىنىڭ ئىچىگە ئۈچ تال گۈل بەرگى سېلىپ قويىدۇ. بۇ مىڭ گۈل چاي ئىچىدىكى گۈلنى قىزلار ھەر يىلى كۈزلۈك يىغىم پەسلىدە، تەكىيە كاۋا پارچىسى ۋە ئاپلىسىن پوستىدىن كۆڭۈل قويۇپ ياساپ چىققان. گۇاڭشى ياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى چاشەندە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياۋزۇ بۇرادەرلەرنىڭ تويى «بىر پىيالە چاي، بىر دۆۋە ئوت» بولۇپ، توي قىلغان بىر تەرەپ چاي تۇتۇپ تەبرىك سۆزى قىلىپ، توي مۇراسىمىنىڭ تۈگىگەنلىكىنى جاكارلايدۇ.
گۇيجۇدىكى دوڭزۇ مىللىتىدە، قىز- يىگىتنىڭ توي ئىشىنى ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا- ئانىسى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئەگەر قىز قۇشۇلمىسا چاي قايتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق توي قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭ كونكېرت ئۇسۇلى مۇنداق، قىز بىر قاپ چاينى ئوراپ، بىر مۇۋاپىق پۇرسەتنى تاللاپ، يىگىت تەرەپنىڭ ئۆيىگە ئۆزى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ھەمدە يىگىتنىڭ ئاتا- ئانىسىغا: «تاغا، ھامما، مېنىڭ ئىككىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانغا تەلىيىم يوق ئىكەن، باشقا بىرەيلەننى تاللاپ كېلىن قىلىشقايلا» دەيدۇ- دە، چاينى ئايۋاندىكى ئۈستەلگە قويۇپ قويۇپ چىقىپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەت بۇ توي ئىشى كەينىگە يانغان بولىدۇ.
لياۋنىڭ ۋە ئىچكى مۇڭغۇلدىكى سالا مىللىتىدە، يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە ئەلچى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار قىزنىڭ ئاتا- ئانىسى ۋە قىزنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ياخشى كۈندىن بىرنى تاللاپ، ئەلچىلەر قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە چاي ئاپىرىدۇ. چاي ئادەتتە ئىككى كولوگرام چىقىدىغان بولۇپ، ئىككى بولاققا ئايرىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر جۈپ ھالقا ۋە باشقا سوۋغاتلارنىمۇ قوشىلىدۇ.
 يېشىل تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان بەيزۇ  قېرىنداشلاردا، تويغا پۈتۈشكەندىن تارتىپ توي قىلغىچە بولغان ئارلىقتا، چوقۇم چاينى سوۋغات بۇيۇمى قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن شۇ كۈنى، قىز- يىگىتنىڭ ئۆيىگە كەلگەنلەرگە يىگىت بىلەن قىز بىردىن بىردىن ئۈچ قېتىم چاي تۇتىدۇ، بىرىنجى قېتىمقىسى «قىرتاق چاي» بولۇپ، چاي يوپۇرمىقىنى قىزدۇرۇلغان قۇم قۇتىسى ئىچىگە سېلىپ، چاينىڭ رەڭگى يېشىلدىن سېرىق رەڭگە ئۆزگىرەشكە باشلىغاندا قايناقسۇنى قۇيۇپ قېنىق دەملەپ تۇتىدۇ. بۇ چاي خۇشپۇراق بولغىنى بىلەن تەمى قىرتاق. ئىككىنجى قېتىملىق چاي «تاتلىق چاي» بولۇپ، بۇ ياڭاق مېغىزى، قارا شىكەر ۋە چاينى ئارلاشتۇرۇپ دەملىنىدۇ، ئۈچىنجى قېتىملىق چاي «ئەسلەش چېيى» بولۇپ، چايغا ھەسەل ۋە كاۋاۋىچىننى ئارلاشتۇرۇپ تەڭشەپ دەملەيدۇ. ئۈچ قېتىملىق چايدىكى ئاچچىق ۋە تاتلىق تەملەر تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق- سوغۇقلىرى ۋە گۈزەل مۇھەببەتكە سىمۋول قىلىنغان. ئۈچ خىل چاينى تەقدىم قىلمىسا باشقىلار تەرىپىدىن توي مۇراسىمىنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولمىدى دەپ قارىلىدۇ.
شاڭخەي شەھىرى ئەتراپىدىكى بەزى جايلاردا، يەنە بىر خىل چاي كەمپۈتى يەيدىغان ئادەت بار. قىز ياتلىق بولۇپ بوسۇغىدىن ئاتلىغاندا، يىگىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئالدى بىلەن قوناق ئېتىلدۇرمىسى سېلىنغان تاتلىق چاينى تۇتىدۇ، ئاندىن يەنە بىر پىيالە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى داڭلىق چاينى تۇتىدۇ، بۇ يېڭى كېلىننى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. توي داۋامىدا ھامان ئەگرى- توقايلىقلار بولۇپ تۇرىدۇ. لېكىن، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە تىرىشسىلا خۇددى چايغا ئوخشاش جاپا مۇشەققەتتىن كېيىن ھالاۋىتىنى كۆرىدۇ. توي تۆكۈنلەردىكى چاي ئۆرپ- ئادەتلىرى يېڭى توي قىلغان قىز- يىگىتلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ خۇددى چايغا ئوخشاش تاتلىق، سۈزۈك، بەختلىك گۈزەل بولۇشىغا سىمۋول قىلىنغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى