قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر ساھە زاتلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا ئۆز رولىنى نامايان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى

2018-08-30 10:35:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كادىرلار، ئامما ۋە ھەر ساھە زاتلىرى ئىدىيە ۋە ھەركەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ بەش يىللىقى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، خىزمەتلەرنى يۇقىرى ئۈنۈمدە قانات يايدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
5 يىللىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى- ئىدىيە ۋە ئارزۇدىن ئەمەلىي ھەركەتكە ئايلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە: «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت ئاساسىي رېتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق چوڭ-چوڭ تۈرلەر قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چوڭ-چوڭ تۈرلەر، پۇل مۇئامىلە تىرىكى، مەبلەغ سېلىش مۇھىتى، خېيىم- خەتەرنى كونترول قىلىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش؛ تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ خىزمەتنىڭ ئۈزۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. شىنجاڭ ئالاھىدە ترانسىفورماتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» يادرولۇق رايونى قۇرۇشىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىغا ئومۇميۈزلۈك قاتناشتى. ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئالاھىدە ترانسىفورماتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسپ دائىرىسى دۇنيادىكى 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا كېڭىيىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى تاجىكىستان، پاكىستان، كېنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئېلىكتىر تورى، ئېلىكتىر مەنبەسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئېلىمىزنىڭ ئىلغار بولغان ئېلىكتىر ئېنىرگىيە تېخنىكىسى ۋە ئۆلچىمىنى دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ تەڭ بەھرىمەن بولۇشىغا سۇندى. شىنجاڭ ئالاھىدە ترانسىفورماتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىر ياردەمچىسى قوشۇمچە خەلقئارا بازار بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى جاۋ جىڭ مۇنداق دېدى:شىنجاڭ ئالاھىدە ترانسىفورماتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى سۆزنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خەلقئارادىكى ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە، ئېلىكتىر ئېنىرگىيە ئۈسكۈنە-جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقوقىنى قوغداش پىرىنسىپى ئاساسىدا، ئېلىكتىر ئېنىرگىيە كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىي قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ.
 «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئاستىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلار رايون، بايلىق ۋە ماركا ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا بازارلىرىنى ئۈزۈكسىز كېڭەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. ئالاتاۋ شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ چيەنتۇڭ خەلقئارا مال توشۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھەر يىلى تۆمۈر يول ۋە تاشيول ئارقىلىق ئېكىسپورت ۋە ئىمپورت قىلىنىدىغان مالدىن 50 مىڭ ۋاگوننى ۋاكالىتەن توشۇيدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 2 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ. ئۇلار تورۇبا ئارقىلىق ئىمپورت قىلىدىغان خام نېفىت 8 مىليون توننىغا، ئىمپورت قىلىدىغان تەبىئىي گاز 25 مىليارد كۇپ مېتىرغا يېتىدۇ. 5 يىلدىن بۇيان، بۇ شىركەتنىڭ كەسپ دائىرىسى ئۈزۈكسىز كېڭەيدى. شىنجاڭ چيەنتۇڭ خەلقئارا مال توشۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مەشغۇلات بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى ما خۈيمىن مۇنداق دېدى: 5 يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، بىز ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق رايونلاردا بازار ئاچتۇق. جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى-- كارخانىمىزنىڭ بازار ئېچىشىغا قولايلىق يارىتىلىپلا قالماي، كارخانىمىزنىڭ تىرانسپورت تەننەرخىمۇ تۆۋەنلىدى. كېيىنكى قەدەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول»دىن ئىبارەت بۇ سۇپىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تېخىمۇ چوڭ بازار ئېچىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۆھپە قوشىمىز.
بۇ يىل دۆلەت باج باش ئىدارىسى قۇمۇل شەھەرلىك باج ئىدارىسى قۇمۇل شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتىن ياردەم بەردى ھەمدە كارخانىلارنى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا يېتەكلىدى. دۆلەت باج باش ئىدارىسى قۇمۇل شەھەرلىك باج ئىدارىسى تاپاۋەت بېجى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جۇ جىڭجىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ چېگرا سىرتىدىكى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا سىرتىدىكى خەۋپ ـ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باج ئىشلىرى ئورگىنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، قۇمۇلنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، باج ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستىراتېگىيەسىدىكى ئەھمىيىتىنى قۇمۇلنىڭ باج ئىشلىرى سىستېمىسىدىكى ئەمەلىي خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنى ئالدىنقى باسقۇچتا مەسلىھەت بېرىش، باجغا ئالاقىدار خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ يىراق جايلارغا يۈزلىنىشىغا كۈچ قوشىمىز ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى