قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت خەلقئارالىق سۇپىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى بازارلىرىغا يۈزلەندى

2018-08-30 10:39:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 5 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت خەلقئارالىق سۇپىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى بازارلىرىغا يۈزلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، جايلاردىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەسىدىكى «غەربىي يۇرت» مۇسەللەس چەكلىك شىركىتى يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ چىققان چۆل رەيھىنى، ئالما مۇسەللىسى قاتارلىق 5 خىل ئىچىملىكنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ يېڭى مەھسۇلاتلار6- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىدە كىشىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى ۋاڭ چىڭگۇاڭ مۇنداق دېدى: بۇ مەھسۇلاتلار شىركىتىمىزنىڭ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تەتقىق قىلىشى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، كۆپلىگەن ئورۇنلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ سېتىش مىقدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ۋاڭ چىڭگۇاڭنىڭ ئىشەنچىسى ئۇنىڭ ئۇدا بەش قېتىم جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، بازار ئېھتىياجىنى چۈشىنىشىدىن كەلگەن. ئۇ تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشقاندا كارخانىنىڭ مەھسۇلاتى بىر خىل، ھۈنەر-سەنئىتى ئاددىي بولغاچقا، بىرمۇ زاكاز تالونى تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى ئۇنتۇيالمايتتى. ئەمما، ۋاڭ چىڭگۇاڭ كۆرگەزمە ئارقىلىق نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ چوڭ بازار ئېھتىياجىنى بايقىدى. ئاۋات ناھىيەسىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ ئېچىتىش ھۈنەر- سەنئىتىنى ياخشىلاپ، ئوخشاشمىغان تەمدىكى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەردى. كېيىنكى بىر نەچچە نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىدە، زاكاز تالونى ئۈزۈكسىز كۆپەيدى. ئالدىنقى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىدە، ئۇلار 1 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك قىممەتتە زاكاز تاپشۇرۇۋالدى. ۋاڭ چىڭگۇاڭ مۇنداق دېدى: 2015- يىلى، 100 توننا مۇسەللەس ئىشلەپچىقىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى 3 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدۇق. بۇ يىل ئىشلەپچىقىرىدىغان 600 توننا مۇسەللەسنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 18 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۇمكىن. مەھسۇلات مىقدارى ۋە مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئېشىشىنى جۇڭگو ئاسىيا-ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. جۇڭگو ئاسىيا-ياۋرۇپا كۆرگەزمىسى ئارقىلىق، مەھسۇلاتلىرىمىزنى مەملىكەت بازىرىغا يۈزلەندۈردۇق.
شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە بولغان سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق بايلىقى-- ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شىنجاڭنىڭ مىۋە- چىۋە، شوخلا قىيامى، لازا، پاختا، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئىچى- سىرتىدا داڭلىق. ھەر نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىدە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن سودىگەرلەر مال زاكاز قىلدى. ئالدىنقى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىدە، 42 دۆلەت ۋە رايوندىكى 418 كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى.
يېقىندا، شىنجاڭ «قارلىق تاغ» يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن چەرچەن «شياۋۋەن» ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى شىركىتى چىلان پىششىقلاپ ئىشلەش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. شىنجاڭ «قارلىق تاغ» يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى ئۇدا 5 نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان بولۇپ، كەڭ دائىرىدە كېڭىشىش ئارقىلىق، ھەر قېتىم ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر، ئۇلار مەملىكەت بويىچە مىڭدىن ئارتۇق ۋاكالەتچىگە، 30 نەچچە شۆبە شىركەتكە، بىر مىليون مودىن ئارتۇق ئۆستۈرۈش بازىسىغا ئىگە بولدى. بۇ شىركەت يېڭىدىن كىرگۈزگەن يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پات ئارىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. بۇ ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭىيىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ. شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى شەن دىڭخۇا مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى ناھايىتى ياخشى، بۇ يەردىكى مەسىلە--قانداق قىلغاندا مۇۋاپىق سۇپىدا سېتىشتىن ئىبارەت. خەلقئارالىق خاراكتىرگە ئىگە جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىدە ھەر يىلى قازاقىستان، پاكىستان قاتارلىق چەت ئەللەردىن زاكاز تالونى قوبۇل قىلىۋاتىمىز. 
«بىر بەلباغ، بىر يول» نىڭ شەرق شامىلىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىدە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كۆز قارىشىنى يېڭىلىدى. ئۇلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارمۇ بارغانسېرى بازار ئېھتىياجىغا ماسلاشتى. جۇڭگو ئاسىيا- ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىگە تايىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرى ئېچىلىپ، سېتىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. زاكاز تالونلىرى دېھقانلارنى خاتىرجەم قىلىپلا قالماي ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى. بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، شىنجاڭ «جۇاڭزى» ئوقەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مالىيە بۆلۈمى 70 نەچچە مىڭ يۈەن پۇلنى جىمىسار ناھىيەسىنىڭ چۈئەنزىگەي بازىرىدىكى دېھقان جاڭ خوڭنىڭ ھېسابىغا يۆتكىدى.جاڭ خۇڭ بۇ بىر قانچە يىلدا ھەر يىلى40، 50 مو يەردە سېرىق پۇرچاق تېرىپ، «جۇئاڭزى» شىركىتىگە سېتىپ بەرگەنىدى. ئالدىنقى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋرۇپا كۆرگەزمىسىدىن باشلاپ، شىنجاڭ «جۇاڭزى» ئوقەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپچىقارغان جياڭيۇنىڭ ئېكىسپورت مىقدارى بارغانسېرى ئاشتى. شىنجاڭ «جۇاڭزى» ئوقەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى سېرىق پۇرچاق ئۆستۈرۈش ئۆلچىمىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سېرىق پۇرچاق سېتىۋېلىش باھاسىنىمۇ ماس ھالدا يۇقىرى كۆتۈردى. جاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، بىز تېرىغان سېرىق پۇرچاقنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى جۇاڭزى شىركىتىگە2، 3 يۈەندىن سېتىپ بەرگەنىدۇق. بۇلتۇر جۇاڭزى شىركىتىنىڭ جياڭيۇلىرى ئېكسپورت قىلىنىدىغان بولدى. بىز تېرىغان سېرىق پۇرچاقنىڭ سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، سېتىۋېلىش باھاسىمۇ ئاشتى. ھەر كىلوگرامىنى 5 يۈەندىن سېتىۋالىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن، بىزنىڭ كىرىمىمىز ئاشتى.

تەرجىمان:مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى