قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بەخت ئۇرۇقىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىغا تارقىتىش

2018-08-30 11:01:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدىن پېنسىيەگە چىققان پروفېسسور ھۈسەنجان تۇنىياز 30 نەچچە يىل قېتىرقىنىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى مۇرەككەپ ۋە قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.
مۇخبىر ھۈسەنجان تۇنىيازنىڭ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرى سۆكمەن كەنتىدە ئاھالىلەرنى كېۋەزلىكنى باشقۇرۇش تېخنىكىسى بويىچە يېتەكلەۋاتقانلىقىنى كۆردى. سۆكمەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياسىنجان قۇربان مۇنداق دېدى: ھۈسەنجان پىروفېسسور كەنت ئاھالىلىرىگە كېسەللىك ۋە ھاشارەت زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قىزىل ئۆمۈچۈكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كېۋەزلىكنى سۇغۇرۇش، ئۇغۇتلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىلىملەرنى ئۆگەتتى. كەنت ئاھالىلىرى بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدى، مەنمۇ كېۋەز پەرۋىشىگە ئائىت نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدىم.         
ھۈسەنجان تۇنىياز 1978- يىلىدىن باشلاپ يېزا ئىگىلىك ئوقۇتۇشى ۋە پەن- تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى. ئۈچ يىل ئىلگىرى ئۇ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدىن پېنسىيەگە چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇتۇش، تەتقىقات ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى قارار قىلدى. ھەر قېتىم ئاساسىي قاتلامغا بارغاندا، ھۈسەنجان تۇنىياز پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشقا كىرىشىپ كېتەتتى. ئۇ ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن نەزەرىيە لېكسىيەسى سۆزلىسە، چۈشتىن كېيىن ئېتىزلىققا كېلىپ ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىپ چۈشەندۈرەتتى. ئۇنىڭ ئەجىر سىڭدۈرۈپ يېتىشتۈرۈشى ۋە يېتەكلىشى نەتىجىسىدە، بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك خىزمەتچىلىرى شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرىغا ئايلاندى. دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا يولۇققان نۇرغۇن مۇرەككەپ ۋە قىيىن مەسىلىلىرى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىندى. سۆكمەن كەنتىدىكى ئاھالە سەۋلې مۇنداق دېدى: ھۈسەنجان مۇئەللىم 5- ئايدا ماڭا ئېيتىپ بەرگەن ئۇسۇل بويىچە كېۋەزلىكىمنى پەرۋىش قىلدىم. كېۋەز غوزىلىرىم ياخشى ئېچىلدى. ھۈسەنجان مۇئەللىم ئۆگەتكەن ئوغۇتلاش، پەرۋىش قىلىش جەھەتتىكى تېخنىكىلارنى ناھايىتى ياخشى قوللاندىم، ھۈسەنجان مۇئەللىمگە رەھمەت.                 
ھۈسەنجان تۇنىيازنىڭ نامىنىڭ تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورايدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. ھەتتا يان تېلېفونمۇ ئۇنىڭ باشقىلارغا تېخنىكا ئۆگىتىشىدىكى «دەرسخانىسى» غا ئايلاندى. ھۈسەنجان تۇنىياز مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى 10 قېتىم، كۆپ بولغاندا ھەتتا 20 دىن 30 قېتىمغىچە مەھسىلىھەت سورىغۇچىلارنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا مەسلىھەت بېرىمەن. پۇقرالارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىنىمدىن ئۆزۈمنى شۇنداق بەختلىك ھېس قىلىمەن. 
ھۈسەنجان تۇنىياز تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا باشلىغاندا، ئۆزىنى تېخىمۇ بەختلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ پېنسىيەگە چىققان ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 32 ناھىيە، شەھەرگە بېرىپ، تۈرلۈك نەزەرىيە لېكسىيەسى ۋە نەق مەيداندا ئۆگىتىش پائالىيىتىدىن 400 مەيدان (قېتىم) نى ئۆتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دېھقانلارغا تېخنىكا ئۆگىتىش مېنىڭ ئەڭ بەختلىك ئىشىم. بۇنىڭدىن كېيىن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىرىشىپ ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتىگە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىمەن. 

 تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى