قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىدىن نومۇر تۇتۇشتا قانداق ئالاھىدە بەلگىلىمە بار؟

2018-08-30 19:11:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

گوۋۇيۈەننىڭ «مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ بەلگىلىمىسگە ئاساسەن، مەكتەپ ئاپتوموبىلى- بالىلار باغچىسىدىكى بالىلارنى ئاپىرىپ- ئەكېلىش، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ- ئەكىلىشكە ئىشلىتىلىدۇ. مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ-كېلىش بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدىگەندە زور ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالغان بولىدۇ، شۇڭا قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇن- قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك. مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ123- نۇمۇرلۇق پەرمانىدا مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا قاتتىق نومۇر تارتىش بەلگىلىمىسى چىقىرىلدى:
بىرىنچىدىن، بىر قېتىمدىلا 12 نومۇر تارتىلىدىغان ئەھۋاللار: مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىدىكى ئادەم سانى بەلگىلەنگەن ئادەم سانىدىن %20 تىن ئارتۇق ئېشىپ كەتكەن بولسا؛ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدا ھەيدىگەندە سائەتلىك سۈرئىتى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن %20دىن ئارتۇق ئېشىپ كەتكەن ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدىن باشقا يولدا سائەتلىك سۈرئىتى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن %50تىن يۇقىرى بولسا؛ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالمىغانلار مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدىگەن بولسا؛
ئىككىنچىدىن، بىر قېتمدىلا ئالتە نومۇر تارتىلىدىغان ئەھۋاللار: مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىدىكى نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن ئادەم سانى %20 كە يەتمىگەندە؛ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدا ھەيدىگەندە بەلگىلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن سائەتلىك سۈرئىتى %20 كە يەتمىگەندە؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدىن باشقا يولدا ھەيدىگەندە بەلگىلىمىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن سۈرئىتى %20تىن يۇقىرى %50تىن تۆۋەن بولغاندا؛
ئۈچىنچىدىن، بىر قېتىمدا ئىككى نومۇر تارتىلىدىغان ئەھۋاللار: مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا بەلگىلىمىگە بويسۇنمىغان ھالدا بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى ئورناتمىغانلار ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى بىخەتەرلىك جەھەتتە ئاسرىمىغانلا؛ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ ماڭغاندا، بەلگە تاختىسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قويمىغان، بەلگە چىرىغىنى ئېچىپ قويمىغانلار ۋە ياكى تەكشۈرۈپ بىكىتىشتىن ئۆتمىگەن يول لىنيىسىدە يول يۈرگەنلەر؛ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى مەكتەپكە بارىدىغان- قايتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ ماڭغاندا، بەلگىلىمە بويىچە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى توختىتىش بېكىتىدە توختىمىغانلار؛ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئالماي يول يۈرگەندە مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگىسى، مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگە چىرىغى، ئاپتوموبىل توختىتىش كۆرسەتكۇچ بەلگىسىنى ئىشلەتكەنلەر؛ مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ يول يۈرۈشتىن ئىلگىرى، مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا تەلىپىگە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكشۈرمىگەن ياكى بىخەتەرلىك يۇشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان ئاپتوموبىلنى ھەيدىگەنلەر؛ ئوقۇغۇچىلار ئولتۇرغان مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا ماي قاچىلىغان ياكى مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ ماتورى ئۆچمەستىن بۇرۇن ئورنىدىن ئايرىلغانلار. مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىنىڭ باشقا قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا نومۇر تارتقاندا، «يول قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە تارتىلىدىغان نومۇر قىممىتى» نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئىجرا قىلىنىدۇ. ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، باشقا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى بەلگىلىمە بويىچە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا يول بېرىشى كېرەك، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرى مەكتەپ ئاپتوموبىلىغا بەلگىلىمە بويىچە يول بەرمىگەندە بىر قېتىمدا ئالتە نومۇر تارتىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى