قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يىپەك يولىدىكى 100 يىللىق چوڭ بازار

2018-08-30 16:30:31     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

 

 8-ئاينىڭ 20-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى مەززىلىك تائاملار كوچا رايونىدىكى كەچلىك بازار.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان دۆڭكۆۋرۈك يۈز يىلدىن بۇيان سودا-سېتىق بىلەن ئاۋاتلىشىپ چوڭ بازارغا ئايلانغان. يىپەك يولىنى بويلاپ كەلگەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تاۋارلىرى شۇنىڭدەك ھەر خىل مەدەنىيەت بۇ يەردە گىرەلىشىپ كەتكەن. 2018-يىلى، يەرلىك ھۆكۈمەت دۆڭكۆۋرۈككە قارىتا «گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى» ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى مەدەنىيەت ساياھەت كەسىپىنىڭ ئىقتىسادىي يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلغان.

  بۇ يىل 3-ئايدا، دۆڭكۆۋرۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەتراپتىكى قوشنا كوچىلارنىڭ قىياپىتى يېڭىلىنىپ، گۈزەللەشتۈرۈلدى ھەمدە شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنى مەركەز قىلغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 800 مېتىرلىق پىيادىلەر كوچىسى كۆپەيتىلىپ، ئايرىم ھالدا مەدەنىيەت-ساياھەت ۋە «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» تۈرى كوچىسى، خەلقئارا مودا كوچىسى شۇنداقلا چوڭ بازار مەززىلىك تائاملار كوچىسى بەرپا قىلىندى.

 

 

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى