قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

6- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە نۇقتىلىق تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى  ئۆتكۈزۈلدى

2018-08-31 10:18:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
6- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە نۇقتىلىق تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن  ئۆتكۈزۈلدى. ئىچكى ۋە تاشقى ھەمكارلىق بويىچە 162 توختام تۈرىدە ئىمزالانغان توختام سوممىسى270 مىليارد 943مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن %11.98 ئاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇش تەشەببۇسى رامكىسىدا، جۇڭگو شىنجاڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، بايلىقى ۋە ئادەمىيەت ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. ساياھەت قاتارلىق ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن 18 چېگرا ئېغىزى ۋە كەسىپلەر توپلانغان دۆلەت دەرىجىلىك 23 باغچا رايونى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى. بولۇپمۇ شەرق بىلەن بىرلىشىپ، غەربكە چىقىرىشتىكى خەلقئارا سودا يولى ئېچىشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن كەسىپ ۋە سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈزۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.
شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ۋە زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق تېزلىتىپ، بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئىشەنچىمىز كامىل. شىنجاڭ مەملىكەت ئىچى، سىرتىدىكى كارخانىلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى بىرلىكتە قۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى سودا سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتا ئورتاق پايدا ئېلىش گۈزەل سەھىپىسىنى بىرلىكتە يارىتىشنى خالايدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە توختام تۈزۈلگەن نوقتىلىق تۈرلەر «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش» نى باش تېما قىلىپ، نېفىت خىمىيە سانائىتى، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش يېڭى ماتېرىيالى، ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىقى، مەدەنىيەت ساياھەت، ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر، ئۆي-زىمىن، پەن- تەتقىقات مۇلازىمىتى، توقۇلما كىيىم-كىچەك، سودا ئەشيا ئوبوروتى، قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى، يېنىك سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق نۇقتىلىق سېلىنما ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ئىلگىرىكى ئاساستا، ئىچكى جەھەتتە بىرلىشىشتىن، ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە بىرلىشىپ ھەمكارلىشىشقا كېڭىيىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تاشقى ئالماشتۇرۇش ۋە ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن پائالىيەتكە قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى