قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن سودىگەرلەر ۋە كارخانىلار جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە بىر يەرگە جەم بولدى

2018-08-31 10:24:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
6-نۆۋەتلىك جۇڭگو- ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى8-ئاينىڭ 30-كۈنى باشلاندى. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن سودىگەرلەر ۋە كارخانىلار بىر يەرگە جەم بولدى. شىنجاڭ-دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىدىكى مۈنبەت زېمىنغا ئايلاندى. كۆرگەزمە ئىقتىسادى-- يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان «چوڭ سەھنە» بەرپا قىلدى.
ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش-- ھەر نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىكى ئۆزگەرمەس قىزىق نۇقتا. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە، سىياسىي، ئىقتىساد، سودا، يېزا ئىگىلىك قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدىغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق مۇنبەرلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاۋسترىيەنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى سودا باشقارمىسى شىئەن سودا ئىشلىرى ۋەكىللىرى باشقارمىسىنىڭ باش ۋەكىلى راۋ چۈنشياڭ جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى پۇرسىتى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ شىنجاڭغا ماكانلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىش سالمىقى بىر قەدەر كۈچلۈك. ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭدا بىز نۇرغۇن ھەمكارلىق پۇرسىتى بار دەپ قارايمىز. مەسىلەن، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك ساياھىتى، قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ھەمكارلىق پۇرسىتى بار. بىز بۇ قېتىم ئۈرۈمچى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىلەن يېزا ئىگىلىك، تەنتەربىيە ۋە ساياھەتچىلىك جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز.
بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئافغانىستاندىكى 10 نەچچە كارخانىنى ئۆمەك تەشكىللەپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. ئافغانىستان كۆرگەزمە ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مېرۋاس مۇنداق دېدى: تاۋارلارنى تەۋسىيە قىلىش ۋە تۇنۇشتۇرۇشتىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئافغانىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقە قىلىپ كېلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولدى. ئافغانىستان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدىكى مۇھىم تەشكىلىي قىسىم ھىساپلىنىدۇ. بىزنىڭ سودا كارخانىلىمىز جۇڭگو شىنجاڭغا كەلگەنلىكىدىن ناھايىتى خوشال، بۇ يەردە پۇرسەت كۆپ. بىز تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن دوست بولۇپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىشكە تىرىشىمىز.
ئامېرىكا «جون دېل» شىركىتىنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگو-ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى بولۇپ، شىركەتنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا مەسئۇل باش نازارەتچىسى چىن جيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ-- بىزنىڭ مۇھىم بازارلىرىمىزنىڭ بىرى. جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە ئوخشاش پائالىيەت ئارقىلىق، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەردە بازار ئېچىشنى خالايمىز. كېيىنكى قەدەمدە، ئەسلىدىكى ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمىز.
بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، دۇنيا بويىچە 500 كۈچلۈك كارخانا، جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا، كەسپىي جەھەتتىكى باشلامچى كارخانىلار ۋە مۇنەۋۋەر كارخانىلاردىن 60 نەچچىسى كۆرگەزمىگە قاتناشتى. بۇنىڭ بىلەن، جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ خەلقئارالىشىش سەۋىيەسى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرلۈپلا قالماي، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ سىرتقا يۈزلىنىشى ئۈچۈن كەڭ سۇپا ھازىرلاپ بىرىلدى. «جۇڭتەي» خىمىيە گۇروھىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا، كۆرگەزمىنى كۆرۈش ۋە كېڭىشىش ئۈچۈن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى. شىنجاڭ «جۇڭتەي»مئىمپورت- ئېكىسپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى ۋېي ۋەنرۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى--كارخانىمىزنىڭ خەلقئارادىكى دوستلىرىنى يەنىمۇ كۆپەيتتى، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىشىمىزنى ئىلگىرى سۈردى، خەلقئارا بازارنى كېڭەيتىشىمىز ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. 

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى