قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە كەنتلەردە تۇرۇشلۇق 108 خىزمەت ئەترىتى جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە تۇنجى قېتىم قاتناشتى

2018-08-31 10:31:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
6- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش كۆرگەزمە رايونىدا، كەنتتە تۇرۇشلۇق 108 خىزمەت ئەترىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشتى ھەمدە تېخىمۇ كۆپ سودىگەر ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دېققىتىنى قوزغاپ، كەنتنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ يىراق جايلارغا سېتىپ چىقىرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشنى ئۈمىد قىلدى.
ـــ «قارا توخۇ ئادەتتىكى توخۇلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئورمانلىقتا، دالىدا بېقىلىدۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى».
 ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات- نەشرىيات- رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ چىرا ناھىيەسىنىڭ چاقا يېزا لەنگۈي كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كۆرگەزمە سۇپىسى ئالدىدا، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى شەۋكەت سودىگەرلەرگە ئۆز كەنتىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى- لەنگۇي قارا توخۇسىنى تونۇشتۇرۇۋاتاتتى. بۇ خىل ئىپتىدائىي ئۇسۇلدا بېقىلىدىغان توخۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ سېتىلىش باھاسى 120 يۈەن ئىدى. شەۋكەت مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئارقىلىق «لەنگۇي قارا توخۇسى» ماركىسىنى ياراتماقچى بولدۇق. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە ئارقىلىق «لەنگۇي قارا توخۇسى» ماركىسىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز. ئاندىن بىزنىڭ كەنتكە مەبلەغ سېلىپ، ئوراش- قاچىلاش، سويۇش بىر گەۋدىلەشكەن ئورۇن قۇرماقچى بولۇۋاتىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۆز ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، بۇ يىل قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ قومۇشئېرىق يېزا قومۇشئېرىق كەنتىدە تېرىقنىڭ يېڭى سورتىنى سىناق تەرەققىسىدە تېرىغانىدى، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى مەپتۇن قىلدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى شۈ لىن مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە بۇ سورتنى نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا كۇچ چىقىرىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭدا ئېڭىز تېرىلغۇسى ئەسلىدە نوقۇل بىر خىللا ئىدى، يەنى كۆممىقوناق تېرىلاتتى، ھەر مو يەردىن چىقىدىغان كۆممىقوناق ھوسۇلى پەقەت 200، 300 يۈەن بولاتتى. بۇ يىل تېرىقنىڭ مو بېشى مەھسۇلات قىممىتى مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. بىزمۇ كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، كەنتىمىزنىڭ داڭلىق ماركىسىنى نامايان قىلىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى بۇ قېتىم يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ياڭيۇ، چىلان، ياڭاق قاتارلىق ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا بىر تۇتاش «يوپۇرغا سوۋغاتلىرى» دەپ نام قويۇپ، كۆرگەزمىدە مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىپ ساتتى. يەنە ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق ئۇزاق مەزگىللىك ئوبوروت يوللىرىنى بەرپا قىلىپ، سېتىلىش مىقدارىنى كۆپەيتتى ھەمدە مەبلەغ جەلپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ يوپۇرغا بازىرى ئەۋزەلقۇم كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى جۇ خېشياڭ مۇنداق دېدى: بىز بىر تەرەپتىن تەشۋىقات دائىرىسىنى كېڭەيتىۋاتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالغۇچى، سودىگەرلەرنى جەلپ قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئەمەلىيەتتە كەنتىمىزمۇ بۇنداق سۇپىغا مۇھتاج ئىدى.
بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئاپتونوم رايون بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق 108 خىزمەت ئەترىتىنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى، كۆرگەزمە ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن خۇامىڭ مۇنداق دېدى: بىز نامرات رايونلاردىكى نۇرغۇن ياخشى مەھسۇلاتنى سېتىپ چىقىرىشنى ئويلىشىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆرگەزمە رايونىدىن باشقا، يەنە مەخسۇس سودىگەرلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش كېڭىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. دۆلىتىمىزدىكى چوڭ تىپتىكى سودا سارايلىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىۋاتىمىز. مەقسىتىمىز ئەڭ ئاخىرىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى