قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا قىزغىن قاتنىشىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ سىردىشى بولۇپ كەلگەن باھارگۈل نىغمەت

2018-08-31 10:46:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
جىمىسار ناھىيەسىنىڭ جىمىسار بازىرى مەنچېڭ يولى مەھەللىسىنىڭ كادىرى باھارگۈل نىغمەت پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا قىزغىن قاتنىشىپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ سىردىشى بولۇپ كەلدى.
يېقىندا، باھارگۈل جامائەت پاراۋانلىقى ئەترىتىنى باشلاپ، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مەركىزىگە بېرىپ پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى. پىدائىيلار ئىگە- چاقىسىز ياشانغانلارغا تاۋۇز، ئۈزۈم ئاپىرىپ بېرىپ، ئۇلارغا ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ بەردى. ئۇلارنىڭ چېچىنى ياساپ، كېسىلىنى كۆردى. پىدائىي جاڭ يۈجې مۇنداق دېدى: مەن بىر قېتىملىق دوكلات بېرىش يىغىنىدا، باھارگۈلنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلاپ بەك تەسىرلەندىم. ئويلىغىنىمىزنى ئەمەلىي ھەرىكەتتە ئىپادىلىگەن ئەۋزەل دەپ بىلىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلماقچى بولدۇم.
بۇ يىل 44 ياشقا كىرگەن باھارگۈل يىل بويى مەھەللىدە خەلق ئىشلىرى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاچقا، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن ئەڭ كۆپ ئۇچرىشاتتى. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ ھەر مىللەتتىن بولغان 11 ياشانغان كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ھەر ئايدا نەچچە يۈز يۈەن ھەتتا پۈتۈن ئايلىق مائاشىنى باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى. 65 ياشلىق مەھەللە ئاھالىسى ليۇ گوچۈن شۇلارنىڭ بىرى. 2000- يىلى ليۇ گوچۈن ئەر- ئايال ئىككەيلەننىڭ يالغۇز پەرزەنتى قاتناش ھادىسىسىدە بەختكە قارشى قازا قىلدى. ئوغلىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى 50 مىڭ يۈەن قەرزىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئەر- ئايال ئىككەيلەن تېجەشلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ، كۈنلىرىنى ناھايىتى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكۈزدى. باھارگۈل ئىككەيلەننىڭ كەچۈرمىشىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئون نەچچە يىل ياردەم قىلدى. ليۇ گوچۈن مۇنداق دېدى: ئۇ بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەندە ئەزەلدىن قۇرۇق قول كەلمەيتتى. گۈرۈچ كۆتۈرمىسە چوقۇم ياغ كۆتۈرۈپ كېلەتتى. سۇ تۇرۇبىسى بۇزۇلۇپ قالسا ئۇ ياسىتىپ بېرەتتى. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئۇنتۇپ قالساقمۇ ئۇنى ئىزدەيتتۇق. چوڭ- كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇ بىزگە ياردەم بېرىدۇ.
بۇلتۇر 4- ئايدا، مەھەللىدە «باھارگۈل ئىشخانىسى» قۇرۇلۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئامما بىلەن پىدائىيلار، مېھىر- شەپقەت يەتكۈزگۈچىلەر، جامائەت پاراۋانلىقى ساھەسىدىكىلەرگە ئالاقە باغلايدىغان، ھەمكارلىق ئورنىتىدىغان، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان، ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان سۇپا ھازىرلاپ بېرىلدى. باھارگۈلنىڭ نۇرغۇن ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرى مېھرى- شەپقەت ئۆمىكىگە قوشۇلدى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، مەھەللىدە ئايال پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قاتارلىق سەككىز پىدائىيلار قوشۇنى قۇرۇلدى، پىدائىيلار 500 دىن ئاشتى. ئۇلار جەمئىي 110 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل ۋە ماددى بۇيۇم ئىئانە قىلىپ، 400 ئارتۇق ئاممىغا ياردەم بەردى. باھارگۈل مۇنداق دېدى: مەن بىر كومپارتىيە ئەزاسى. مەن باشلامچىلىق رولۇمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئىنچىكە تەپسىلىي ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ پىدائىيلارنى مېھىر- شەپقەت ئۆمىكىمىزگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارغا جەمئىيەت چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھىس قىلدۇرىمەن.

  تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى