قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئابابەكرى توختىمەمەت ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى

2018-08-31 10:50:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
قاراقاش ناھىيەسى ئۇرچى يېزىسىنىڭ يالغۇز ئوقار كەنتىدىكى ئابابەكرى توختىمەمەت دېھقاندىن زاۋۇت باشلىقى بولغىچە بولغان جەرياندا ئۆزىنىڭ جاپادىن قورقماسلىقتەك روھىغا تايىنىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.
قاراقاش ناھىيەسى ئۇرچى يېزىسىدىكى «بوستان» قاچا- قۇچا يۇيۇش زاۋۇتىنىڭ يۇيۇش سېخىدا، زاۋۇت باشلىقى ئابابەكرى توختىمەمەت  ئىشچىلارغا ئەستايىدىل ئىشلەش، تازىلىق سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئەسكەرتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەنلەر، ئۇنىڭ تېخى يېرىم يىل ئىلگىرىلا ئېتىزدا ئىشلەيدىغان دېھقان ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتەلمەيتتى. ئابابەكرى توختىمەمەت مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزدە 6 جان بار، يەر ئاز بولغاچقا ھەر يىلى كۆممىقۇناق ۋە بۇغداي تېرىپ قىلىدىغان كىرىمىمىزمۇ ناھايىتى ئاز. يەر تېرىپلا ئۆتۈشنى خالىمىغانلىقتىن، شۇ ئازغىنە پۇلدىن تىجەپ يۈرۈپ پۇل يىغىپ، پۇرسەت كۈتتۈم. كېيىن قاچا-قۇچا يۇيۇش بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئويلاپ قالدىم. بۇنىڭغا قويۇلىدىغان تېخنىكا تەلىپى ئانچە يۇقىرى بولمىغاچقا، سىناپ باقماقچى بولدۇم.
بۇ يولدا مېڭىشنى پىلانلىغان ئابابەكرى توختىمەمەت زاۋۇت قۇرۇشنى پىلانلاش ۋە ئۈسكۈنە سېتىۋېلىشقا كىرىشتى. لېكىن، كۆپ يىللاردىن بۇيان يىغقان پۇلىنىڭ ھەممىسى بىر يۈرۈش تازىلاش ئۈسكۈنىسى سېتىۋېلىشقا ئاران يەتتى. ئوبوروت مەبلىغى بولمىغانلىقتىن، ئورۇنمۇ ئىجارە ئالالماي قالدى. قىيىنچىلىقتا قالغان ئابابەكرى توختىمەمەت كەنت ئاھالىلار كومىتېتىنى ئىزدەپ باردى. ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىدىن يالغۇز ئوقار كەنتىگە چۈشكەن 1- شۇجى ئىلھام رىشىت كەنت ئاھالىلار كومىتېتى ۋە كەنت پارتىيە ياچىيكىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن كەنتتىكى 3 نامرات ئائىلىنى ھەركەتكە كەلتۈرۈپ، 150 مىڭ يۈەنلىك ئاز سوممىلىق قەرز پۇلدىن پايدىلىنىپ، ئابابەكرى توختىمەمەتنىڭ زاۋۇتىغا پاي قوشتى. كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن، زاۋۇت ئۆيى قۇرۇلدى، ئىشچىمۇ بار بولدى، قاچا- قۇچا يۇيۇش ئۈسكۈنىلىرىمۇ ئىشقا كىرىشتى. ئىلھام رىشىت مۇنداق دېدى: كەنت پارتىيە ياچىيكىسى ۋە كەنت ئاھالىلار كومىتېتىدىكىلەر يىغىن ئېچىپ كېڭىشىش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا ئورۇن تېپىپ بەردى ھەمدە ئاشخانا ئاچىدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنى بۇ يەردە يۇيۇلغان قاچا- قۇچىلارنى ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلدى.
بۇ يىل3- ئايدا، «بوستان» قاچا-قۇچا يۇيۇش زاۋۇتى ئوڭۇشلۇق ئىشقا كىرىشتى. ئابابەكرى توختىمەمەت ئۇزاق مۇددەت ۋە مۇقىم مال بىلەن تەمىنلەش مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، بازار ئېچىش ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپكە قاترىدى.ئۇ مۇنداق دېدى: زاۋۇت يېڭىدىن قۇرۇلغاندا، زاكاز تالونلىرى ناھايىتى ئاز بولغاچقا، خىزمەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە، ناھىيە بازىرىدىكى ئاشخانىلارنى بىردىن-بىردىن ئارىلاپ چىقتۇق، تەشۋىقات ئېلىپ باردۇق ھەمدە ئەلا سۈپەت ئارقىلىق، ئاشخانا ئىگىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتۇق.
ھازىر، «بوستان» قاچا-قۇچا يۇيۇش زاۋۇتى مەلۇم دەرىجىدە نام چىقىرىپ، ئۇرچى يېزىسىدىكى 10 ئاشخانا ئۇلار بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئابابەكرى توختىمەمەت مۇنداق دېدى:ھازىر زاۋۇتىمىزنىڭ ئىشلىرى بىرەر قۇر ئىزغا چۈشتى. كەنتىمىزدىكى 12 كىشى زاۋۇتتا ئىشقا ئورۇنلاشتى.

  تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى