قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىلارنىڭ بېلىش ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز يەتكۇزسە قانداق قانۇن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ؟

2018-08-31 19:05:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق، كۈتۈنۈش قارىشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدىكى تۈرلۈك كۈتۈنۈش ئورۇنلىرىمۇ قارىشى ئېلىشقا ئىرىشمەكتە. نۇرغۇن كۈتۈنۈش ئورۇنلىرى پۇت داۋالاش، ماسساژ قىلىش، ئۇۋىلاش، يەنە بىر قىسىم ئاساسلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش، ئورۇقلىتىش، تۇغۇتتىن كېيىنكى ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ.
بۇ تۈردىكى ئىستىماللار ھەمىشە ئالدىن پۇل تاپشۇرۇش ياكى ئەزالىق كارتىسى بىجىرىش شەكلىدە ماڭىدۇ، ناۋادا دۇكاندار ئەينى ۋاقىتتىكى پۈتۈم بويىچە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىيەلمىسە، ئالاقىدار قانۇندا بۇ توغرىدا قانداق بەلگىلەنگەن؟ ئىستىمالچىلار ئۆزلىرىنىڭ ھوقوق- مەنپەئەتىنى قانداق قوغدىشى كېرەك؟ بۇ توغرىدا تۆۋەندىكى دېلو مىسالى
بۇ يىل 1- ئايدا، خەن خانىم ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم كۈتۈنۈش ئورنىدا يىللىق كارتا بېجىرگەن ھەمدە دۇكاندارنىڭ تەكلىپى بىلەن «تەڭشەلگەن كۈتۈنۈش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى» نى سېتىۋالغان. بۇ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بىر يۈرۈش 5 بوتۇلكا 30 مىللىلېتىرلىق ئەلا سۈپەتلىك چەككلەنگەن ماي ۋە 3 ئايلىق بەدەن پەرۋىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەزالىق باھاسى 3 مىڭ 680 يۈەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، خەن خانىم 2 ھەپتىدە بىر قېتىم بۇ كۈتۈنۈش ئورنىغا بېرىپ دۈمبىسىنى فىزىكىلىق داۋالاتقان. ئۇ ھەر قېتىم قىممەت باھادا ئالغان چەككىلەنگەن ماينى كۆتۈرۈپ يۈرۈشنى ئاۋارىچىلىق ھىس قىلغاچقا، مەھسۇلات ئۈستىگە ئىسمىنى يېزىپ بەلگە چاپلان دۇكانغا قويۇپ قويغان. بىراق، قايتا بېرىپ داۋالاش قىلماقچى بولغاندا، خەن خانىم چەككىلەنگەن ماي بوتۇلكا ئورالمىسىنىڭ دەسلەپ سېتىۋالغان چاغدىكىسىگە ئوخشىمايۋاتقانلىقىنى بايقاپ، مۇۋاپىق پەيىتتە بۇ ئىشنى دۇكاندارغا ئىيتقان. دۇكاندار ئۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپ، دۇكان خادىملىرى بىخەستەلىك قىلىپ، ئۇنىڭ مېيىنى باشقا خېرىدارلارغا ئىشلىتىپ قويغانلىقى، كېيىن بۇ ئەھۋال بايقالغاندا ماينىڭ تۈگەپ قالغانلىقى، دۇكاندا ئوخشاش مال ۋاقتىنچە يوق بولغاچقا، ئوخشاش باھادىكى باشقا ماينى ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
خەن خانىم، ئۆزىنىڭ مەھسۇلات ئەھۋالىنى ئېنىق بىلمىگەن ئەھۋالدا، دۇكان خادىملىرىنىڭ ئۇ سېتىۋالغان مەھسۇلاتنى ئىشلىتىپ قويغانلىقى ھەمدە ئالماشتۇرۋەتكەنلىكى توغرىسىدىكى بۇ ئىشتىن ئۆزىنى ئاۋال خەۋەرلەندۈرۈشى، ئۆزىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆزىگە تەئەللۇق ماينى ئىشلەتسە بۇلاتتى دەپ قارىغاچقا، دۇكاندارغا ئەزالىق كارتىسىنى قايتۇرۋىتىدىغانلىقى، ئالدىن تاپشۇرغان پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئېيتقان، دۇكاندارمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن: پەقەت ئىلگىرىكى مايغا ئوخشاش باھادىكى ماينى تۆلەپ بېرىدىغانلىقى ھەمدە خەن خانىمنى داۋاملىق فىزىكىلىق داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىنى بۈلدۈرگەن.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوقىنى قوغداش قانۇنى» نىڭ 53- ماددىسىدا: «تىجارەتچىلەر ئالدىن پۇل ئېلىش شەكلى بىلەن تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمەكچى بولسا، پۈتۈشكىنى بويىچە تەمىنلىشى؛ پۈتۈشكىنى بويىچە تەمىنلىيەلمىسە، ئىستىمالچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە پۈتۈمنى ئادا قىلىشى ياكى ئالدىن ئالغان پۇلنى قايتۇرۇشى؛ ھەمدە ئالدىن چىقىم قىلىنغان پۇلنىڭ ئۆسۈمى، ئىستېمالچىغا تۆلەشكە تېگىشلىك مۇۋاپىق خىراجەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋېڭ جىيەن مۇنداق دىدى: ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوقىنى قوغداش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، خەن خانىمنىڭ كارتىنى قايتۇرۇش تەلىپى قانۇن- قائىدىگە ئۇيغۇن. دۇكاندار خەن خانىم پۈتۈنلەي بىلمىگەن ئەھۋالدا ۋاقىتلىق ئالماشتۇرغان مەھسۇلاتنى ئىشلىتىپ خەن خانىمنىڭ بىلىش ھوقوقىغا دەخلى يەتكۈزگەن.
 ۋېڭ جيەن مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئىستىمالچىلار كۈتۈنۈش ئورۇنلىرنىڭ مۇلازىمىتىنى سېتىۋالغاندا، سېتىۋالغان مۇلازىمىتىنىڭ مەزمونىنى ئېنىق بىلىشى ھەمدە تەپسىلى يازما پۈتۈمنى پاكىت سۈپىتىدە ساقلاپ قويۇشى؛ ئىشلەتمەكچى بولغان ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، كۈتۈنۈش مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە سانىنى ئېنىق بىلىشى، بۇ ئارقىلىق دۇكاندارلارنىڭ «قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە سېتىش، ئىش ھالقىلىرىنى قىسقارتىپ ماتېرىيال ئوغرىلىشى» نىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
شىنجاڭ «چاڭنيەن» ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى جاڭ خاۋشۈەن ئىستىمالچىلارغا ئەسكەرتىش بېرىپ مۇنداق دىدى: قانۇنىي ھوقوقىنى قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە، ئالدى بىلەن ئەقلىي ئىستېمال قىلىشنى بىلىشى، ئىناۋەت دەرىجىسى يۇقىرى كارخانىلارنىڭ ئىستېمالىنى تاللىشى؛ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىنى پائال يۈرگۈزۈپ، دۇكانداردىن ھەق ئېلىش باھا قۇرۇلمىسى قاتارلىق ئىستېمال ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىشى؛ ناۋادا بىلىش ھوقوقى دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىسا، ھوقوق- مەجبۇرىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىپ، دۇكاندارنى پاكىت بىلەن قايىل قىلىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھوقوق ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئۈنۈملۈك تالونلارنى ساقلاپ قويۇش ئارقىلىق، تەكشۈرۈشكە پاكىت قويۇشنى بىلىشى كېرەك. ناۋادا تالاش- تارتىشنى كېلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمىغاندا، ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقوق- مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئورگانلار، سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورۇنلىرى، باج ئورگىنى قاتارلىق ئورۇنلارغا ئەرز قىلىشقا؛ يەنە كېسىم ياكى دەۋا يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشقىمۇ بولىدۇ. قىسىقىسى، ئىستېمالچىلار قانۇنىي ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھوقوق- مەنپەئەتىنى قوغدىسا بولىدۇ».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى