قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئەكبەر ئەركىننىڭ كەنتتىكى ‹قابىل ئادەم ›گە ئايلانغانلىقى» ھەققىدە

2018-08-31 19:09:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەكبەر ئەركىن ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى يۇقىرىباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى. كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، ئۇ ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ، دېھقانلار نەزىرىدىكى «تەرجىمان»، «سوتچى» ۋە «تىرىك لۇغەت» كە ئايلاندى.
بۇلتۇر 9- ئاينىڭ 29- كۈنى، خەبەر ئىسىملىك بىر دېھقان ئەكبەردىن ياردەم سوراپ، ئىچكىرى ئۆلكىدىن ياڭاق سېتىۋېلىشقا كەلگەن تىجارەتچى جۇ چېڭ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدا تەرجىمان بولۇپ بىرىشنى ئۆتۈندى. ئەسلىدە جۇ چېڭنىڭ شىنجاڭغا ياڭاق سېتىۋېلىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم كېلىشى بولۇپ،9- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، ئۇ باغچى بازىرىدا تۇرۇپ ئەلا سورتلۇق ياڭاقلارنى تاللاۋاتقانىكەن. ياڭاقلىق باغلارنى نەچچە قېتىم  ئايلانغاندىن كېيىن، جۇچىڭ ئاخىرى خەبەرنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىۋىنىڭ ياڭاقلىرىغا كۆڭۈل توختىتىپتۇ. بىراق، تىل ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ سودىسى پۈتمەپتۇ. ئەكبەر ئىككەيلەننىڭ ھەر بىر ئېغىز گېپىنى تەپسىلى تەرجىمە قىلىپ بەرگەچكە، بۇ ئىككەيلەن ئوڭۇشلۇق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سودىنى پۈتتۈردى. ھەمكارلىق كوپىراتىۋىدا جەمئىي 17 ئائىلىلىك دېھقان بولۇپ، خەبەر ھەر بىرەيلەننىڭ يىل ئاخىرىدا ئوڭۇشلۇق پايدا ئېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئەكبەرنىڭ سېتىش- سېتىۋېلىش توختامى تۈزۈشتە ئۆزىگە ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈندى. ئىككىنچى كۈنى ئىشقا چىقىش بىلەنلا، ئەكبەر ئەتراپلىق تۈزۈلگەن توختامنى ئېلىپ كەلدى. ئەكبەر ۋە باشقا ھەمكارلىق كوپىراتىۋى كېڭەش ئەزالىرىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن، خەبەر جۇچېڭ بىلەن بۇ توختامغا ئېمىزا قويدى.
كەنت ئاھالىسى سائادەت ھەبىبۇللا: ئەكبەر خۇددى يېنىمىزدىكى «تىرىك لۇغەت» كە ئوخشاش، ئۇنىڭ بىلىمەيدىغىنى يوق-دېدى. سائادەت ھازىر يۇقىرىباغ كەنتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىش ئۇچۇرلىرىنى تارقاتقۇچى بولۇپ، «58شەھەر تورى» غا چىقىپ بىمالال ئۇچۇر تارقىتىپ، يۇقىرىباغ دېھقانلىرىنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتاتتى. كومپىيۇتېر ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان سائادەتنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىشنى پىششىق ئۆگىنىپ كېتەلىشى ۋە بۈگۈنكىدەك ئۆزگىرىشىمۇ ئەكبەرنىڭ ياردىمىدىن بولغانىدى. بۇلتۇرنىڭ باشلىرىدا، سائادەتنىڭ يولدىشى كېسەللىك سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتۈپ، 3 بالىنى بېقىشتەك ئېغىر يۈك ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. شۇ يىلى4- ئايدا، ئەكبەر دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلىۋېتىپ سائادەتنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتىگە بىر توڭلىتىش ساندۇقى سېتىۋېلىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇندى. بۇنىڭ بىلەن، سائادەت كەنت كومىتېتىنىڭ دوقمۇشىدا يايما ئېچىپ سوغۇق ئىچىملىك سېتىپ، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ھەل قىلدى. ئەكبەر يەنە ئۆزى بىلىدىغان تور سودا بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ، يۇقىرىباغ دېھقانلىرىغا توردا ياڭاق، چىلان ۋە ئۆزى توقىغان گىلەملىرىنى قانداق سېتىشنى ئۆگەتتى. ئۆگىنىش ئارقىلىق، سائادەت «58 شەھەر تورى» غا چىقىپ ئۇچۇر تارقىتىپ، قوشنىسىنىڭ ئىككى پارچە گىلىمىنى سېتىپ بەردى.
بۇلتۇر12- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، يۇقىرىباغ كەنتىدىكى ئىمىننىياز كەنت كومېتېتىغا كىرىپلا ئەكبەرنىڭ قولىدىن تارتىپ «سوتچى، ماڭا ئىگە بولۇڭ»- دىدى. ئەكبەر بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەچ، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭدىن ئەھۋال ئىگىلىدى. ئەسلىدە ئىمىننىياز كەنتتە «گىلەمچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىۋى» قۇرغانىكەن.  2014- يىلى ئۇ 26 مىڭ يۈەن پۇلنى سودىدىكى بىر شېرىكىگە قەرز بەرگەن. بىراق، ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ پۇلنى ئالالماپتۇ. ئىمىننىياز يانچۇقىدىن پۇرلىشىپ كەتكەن بىر قەغەزنى چىقاردى، قەغەزگە قەرز ئالغان پۇل سانى ۋە قەرز بەرگۈچى ۋە ئالغۇچى ئىككەيلەننىڭ ئۇچۇرى يېزىلغان بولۇپ، قەرز قايتۇرۇش ۋاقتى ئېنىق يېزىلمىغانىدى. ئەھۋالنى چۈشەنگەن ئەكبەر ئىمىننىياز بىلەن بىرلىكتە قەرز ئالغۇچىنى تېپىپ كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا قانۇنىي نۇقتىدىن قەرز ئېلىپ قايتۇرماسلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېنىق چۈشەندۈردى. كۆپ قېتىم چۈشەندۈرۈش، كېلىشتۈرۈش ئارقىلىق قەرز ئالغۇچى ئاخىرى پۇلنى قايتۇرۇپ بەردى.   بۇ قەرز ماجراسىدىن ئەكبەر يۇقىرىباغ كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ ئومومىيۈزلۈك تۆۋەن ئىكەنلىكى، نۇرغۇن ماجرالارنىڭ ئاغزاكى پۈتۈم ياكى توختام مەزمونى تولۇق بولماسلىقتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇڭا، ئۇ دېھقانلار كەچلىك مەكتىپىدىن پايدىلىنىپ، كەنتتىكىلەرگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى توختام قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ئاياللارنىڭ ھوقوق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرنى سۆزلەپ چۈشەندۈردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى