قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئائىلە شەجەرىسىنىڭ ئەھمىيىتى

2018-08-31 19:14:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇڭگولۇقلار «سۇ ئىچكەندە مەنبەسىنى ئەسلەش» كە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، ئەجدادلىرىنى دائىم ياد ئېتىپ تۇرىدۇ. مىڭ يىللار مابەينىدە، كىشىلەر ئەجدات نەسەبى ۋە ئىش- ئىزلىرىنى خاتىرىلەپ ئەۋلادلارغىچە يەتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق، نەسەبىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ، جەمەت قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. مانا بۇ بىز تونۇشتۇرماقچى بولغان ئائىلە شەجەرىسى.
جۇڭگونىڭ ئائىلە شەجەرىسىنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسى توغرىلىق توختالغاندا، ئۇزاق تارىختىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىلىم دائىرىسى مول ۋە چوڭقۇر. «ئەرنىڭ ئائىلە شەجەرىسى، ئايماقنىڭ تەزكىرىسى، دۆلەتنىڭ تارىخى بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئوخشاش». جۇڭگودا، ئائىلە شەجەرىسى تەخمىنەن 3 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە، ئۇ دۆلەت تارىخى، تەزكىرە قاتارلىقلار بىلەن قوشۇلۇپ، ئۈچ چوڭ تارىخى ئەسەر دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.
جۇڭگولۇقلار ئىنتايىن ۋاپادار. بۇ دېگەنلىك-- تۈپ نېگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزاتقاندا ئەدەپ- قايدىنى ئۇنۇتماي، ئىلگىرىكى ئەجداتلارنى ياد ئېتىپ، سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماي، راھەت كۆرگەندە ئۇنىڭ قانداق قولغا كەلگەنلىكىنى ئويلاپ، قانداشلىق مېھرى- مۇھەببەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەجدادلىرىنى ئۇنتۇماسلىق قاتارلىقلارغا قارىتىلغان. يىلتىزىنى ئىزدەپ، ئەجدادىنى سۈرۈشتۈرۈش-- جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى. جۇڭگولۇقلار ئەزەلدىن ئائىلە جەمەتىنىڭ يىلتىز مەنبەسىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئائىلە شەجەرىسى-- جەمەت قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىشتىكى ئاساسلىق ھالقا بولۇپ، ئۇ ئاتا- بوۋىلارنىڭ ۋەسىيىتى ۋە ئۈمىدىگە تېخىمۇ ۋارىسلىق قىلىپ، ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ھەر بىر ئائىلىدە ساقلىنىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، كىشىلەر ئارا ۋاپادارلىق ئۈلگىسىنى تىكلەپ، باشتىن ئاخىر ئائىلە باشقۇرۇشتىكى تۈپ ئاساس بولۇپ كەلگەن.
جۇڭگو فامىلە تارىخى تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزۈكسىز ئۆزگىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن. مەسىلەن: ئۇرۇش مالىمانچىلىقى، كۆچمەن تۇرمۇش، سۇلالە ئالمىشىش سەۋەبلىك دەۋىر ئۆزگىرىشى ۋە بالا- قازادىن قېچىپ فامىلىسىنى مەقسەتلىك ئۆزگەرتىش، قوش خەتلىك فامىلىنى تاق خەتلىك فامىلىگە ئۆزگەرتىش، فامىلىسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپ فامىلىگە ئۆزگەرتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۆزگەرگەن فامىلىلەرنىڭ ھەقىقىي مەنبەسى ئائىلە شەجەرىسىدە تېخىمۇ تەپسىلىي دەلىللىنىپ، ئىنچىكە خاتىرىلەنگەن. ھەر بىر ئائىلىنىڭ ھەر بىر يۈرۈش «ئائىلە شەجەرىسى» دە بۇ ئائىلىنىڭ فامىلە مەنبەسى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.
 «ئائىلە شەجەرىسى» دە-- ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا بىر جەمەت ئەزالىرىنىڭ مەسىلەن: ئاتا- بالا، قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا مۇناسىۋەت، ئەجدادلار بىلەن ھەر بىر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىسمى قاتارلىقلار ناھايىتى ئېنىق خاتىرلىنىدۇ. ئۇنىڭ تۆت خىل ئاساسىي يازما بايان شەكلى بار. ئۇلار: ئوۋياڭشىيۇ نۇسخىسى، سۇشۈن نۇسخىسى، باۋتا نۇسخىسى ۋە دېجى نۇسخىسىدىن ئىبارەت.
ئائىلە شەجەرىسىدە ئائىلە باشقۇرۇش، پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت نۇرغۇن ھېكمەتلىك سۆزلەر خاتىرىلەنگەن بولۇپ، جەمەت ئەزالىرى چىن دىلىدىن قايىل بولۇپ ئورۇندايدىغان ئېسىل ئائىلە باشقۇرۇش قوللانمىسى. ئۇ «كامالەت يېتىشتۈرۈش»، «ئائىلىنى تۈزەش» تە ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن. مەسىلەن: بىر قاچا ئۇماچ، بىر قاچا تاماقنىڭ ئاسان قولغا كەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى تېجەشلىك بولۇپ ئائىلە باشقۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ ھازىرمۇ ئوخشاشلا ئىجابىي ئەھمىيىتى زور. ئائىلە شەجەرىسىدە ئائىلە نەسىھەتلىرى، ئائىلە بەلگىلىمىلىرى توغرىسىدا نۇرغۇن تەپسىلىي خاتىرىلەر بولۇپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇنىڭغا چوقۇم ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە، ئەڭ نادىر پەندى- نەسىھەت تۈرلىرىدىن يەن ھەزرەتنىڭ پەند- نەسىھەتلىرى، جۇ زىنىڭ ئائىلە باشقۇرۇش ھېكمەتلىرى قاتارلىقلار بار. بۇ پەندى- ھېكمەتلەر ھازىرغىچە كىشى قەلبىگە بىلىم ئاتا قىلىدىغان ئېسىل مەزمۇنلىرى ئەل ئىچىدە كەڭرى تارقىلىپ كەلمەكتە.
ئائىلە شەجەرىسى ئادەتتە بىيوگرافىكا، رەسمىي ۋە غەيرىي رەسمىي تەرجىمىھال قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. بىيوگرافىكا دېگەندە جەمەت ئىچىدە تۆھپە كۆرسەتكەن ئەرلەرنىڭ تەرجىمىھالى ئاساس قىلىپ خاتىرىلىنىدۇ؛ رەسمىي خاتىرىدە جەمەت ئىچىدىكى ئەخلاقلىق ئاياللارنىڭ تەرجىمىھالى ئاساس قىلىپ خاتىرلىنىدۇ؛ غەيرىي رەسمىي تەرجىمىھال خاتىرىسىدە جەمەت ئىچىدىكى ياتلىق بولغان ئەخلاقلىق ئاياللارنىڭ تەرجىمىھالى ئاساس قىلىپ خاتىرىلىنىدۇ.
«يىلتىزى يوق دەرەخ، مەنبەسى يوق دەريا بولمايدۇ». مەن كىم؟ مەن قەيەردىن كەلدىم؟ بۇ ھەر بىر كىشى كىشىلىك ھايات مۇساپىسىدە ئويلىنىدىغان ۋە بىلىشكە تېگىشلىك نېگىزلىك مەسىلە. كىشىلەر ئائىلە شەجەرىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانداشلىق يىلتىزىنى ئىزدەپ دەلىللەپ، بىر جەمەت ئىچىدىكى قانداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يىراق- يېقىنلىقىنى بىلەلەيدۇ. باھار بايرىمى، چوكانتال بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنى، قىشلىق كۈن- تۈن توختاش قاتارلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ھېيت- بايراملىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشى ۋە ئۈزلۈكسىز گۈللىنىشى-- كىشىلەرگە يىلتىزىنى ئۇنتۇماسلىق، ئەجداتلارنى، بۇرۇنقىلارنى ياد ئېتىش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش قاتارلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، راۋاجلىنىشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئاساس بىلەن تەمىنلىمەكتە.
ئادەم تۇرمۇش قايناملىرىدا مەيلى قەيەرگە بېرىپ ياشىسۇن، ئۆز يۇرتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ يەردە ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئۇرۇق- تۇققانلىرى، مەڭگۈ ئۇيقۇدا ياتقان ئەجداتلىرى بار. شۇڭا، «ئائىلە شەجەرىسى» ئەمەلىيەتتە «يىلتىز» دېگەن سۆزنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى بولۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەجدادىنى ھۆرمەتلەشتىكى بىر تۈرلۈك ئېتىقادى، ئۆز جەمەت تەۋەلىكى، ھەقىقىي مەنىدىكى «كىملىك» ئىسپاتىدىن ئىبارەت.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى