قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگو- ئاسىيا-- ياۋروپا كۆرگەزمىسى شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى

2018-09-03 12:52:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
   6-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى-- دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودىگەرلەرنى كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك ئەمەلىي ھەمكارلىق ۋە كەڭ ئالاقە سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، شىنجاڭغا تېخىمۇ كۆپ ئادەم، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئېقىمى ئېلىپ كېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.
يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى تۈرى بۇ قېتىمقى جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودىگەرلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. كۆرگەزمە مەزگىلىدە، بۇ تۈر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 12 ئەشيا ئوبوروت كارخانىسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلدى. شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېن لىخۇي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى «مال توپلاش، باغچىلاشقان رايون قۇرۇش، كەسپلەرنى توپلاشتۇرۇش» تەپەككۈرى بويىچە، ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى رايونىنى يادرو قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى جۇڭگو خەلقئارا تۆمۈر يولى ئاساسىي پورتىنى بەرپا قىلىدۇ. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى-- يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى قاتناش تۈگۈنى مەركىزى ۋە سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھازىر، يەنە بىر چوڭ تۈر يولغا قويۇلۇش ئالدىدا تۇرىدۇ. بۇ تۈردە روسىيە تۆمۈر يولى، قازاقىستان تۆمۈر يولى، گېرمانىيە تۆمۈر يولى ۋە جۇڭگو تۆمۈر يولى ھەمدە تاموژنىسى قاتارلىق تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى بىر يەرگە يىغىلىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق تۆمۈر يول پورتىنى ئېلىمىزنىڭ غەربىدىكى جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى توپلاپ توشۇش مەركىزى قىلغىلى بولىدۇ.
شىنجاڭ «دېيۈەن» بىئو قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قان ئاقسىلى ۋە ئادەم ئىممۇنىتېت شار ئاقسىلى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىردىنبىر كارخانا. شىركەتنىڭ سېتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل باش نازارەتچىسى لەن يۈنفېڭ مۇنداق دېدى: كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، چەتئەلدىكى داڭلىق كارخانىلار بىلەن بىرگە ماھارەت كۆرسىتىش، يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپلا قالماي، نەزەر دائىرىمىزمۇ ئېچىلدى. بىز يىللىق پايدىمىزنىڭ%20، %30 نى پەن- تەتقىقات ئىشلىرىغا ئاجرىتىپ، ھۈنەر- سەنئەت ۋە مەھسۇلاتنىڭ ئىلغار سەۋىيەدە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. شىنجاڭدىكى يەرلىك كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شىنجاڭ بازىرىنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرغاندىن سىرت، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا يۈزلىنىمىز.
جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى-- ئىقتىساد- سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈنمۇ كۆۋرۈك بولدى. ئاسىيا-ياۋروپا مودا كىيىملىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنى--جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىكى دائىملىق پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قازاقىستان، قىرغىزىستان، كورىيە، روسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق 17 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 42 لايىھەلىگۈچى ۋە 30 كىيىم- كېچەك ماركىسىنى جەلپ قىلدى. ئۇلار جەمئىي 109 مەيدان ئويۇن قويدى. شىنجاڭ كىيىم- كېچەك لايىھەلىگۈچىلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سۈن شيۇچىن مۇشۇنداق بىر خەلقئارالاشقان چوڭ سۇپىدىن پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە پەن- تېخنىكا مەركىزى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ، ئۈرۈمچىنى ئاسىيا- ياۋروپا مودا شەھىرىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: كىيىم- كېچەك لايىھىلەش كەسپى-- مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى دائىرىسىگە كىرىدىغان بولۇپ، قوشۇلما قىممەت يارىتىشتا لايىھەگە تايىنىمىز. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى لايىھىلىگۈچىلەر مەدەنىيەت جەھەتتە دۇنياۋى قاراشتا بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا، تېخىمۇ يىراققا يۈزلەنگىلى بولىدۇ. ئۆز ئېلېمېنتلىرىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرمەكچى بولساق، چوقۇم دۇنياغا سىڭىپ كىرىشىمىز؛ چوقۇم يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىي قىلىشىمىز لازىم.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى