قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون2018- يىللىق كۈزگى بۇغداي تېرىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئاچتى

2018-09-03 12:54:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايون 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 2018- يىللىق كۈزگى بۇغداي تېرىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق كۈزگى بۇغداي تېرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كېلەر يىللىق يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىلقى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىدا «بىرلىك ھوسۇل ئېشىش، سۈپەت ئۆسۈش، كۆلەم ئازىيىش،  ئومۇمىي ھوسۇل كېمىيىش» تەك ھالەت گەۋدىلەندى، شىمالىي شىنجاڭدىكى بۇغداي رايونىدا 1- دەرىجىلىك بۇغداينىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %95 ئەتراپىدا بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى ئۈزۈكسىز كۈچىيىپ، ئاشلىقتىن ئۇدا نەچچە يىل مول ھوسۇل ئېلىش نىشانى ئىشقا ئاشتى، ئاشلىق ئومۇمىي بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى.          
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شىنجاڭدا ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. كۈزگى بۇغداي پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بۇغداي ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %70 تىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، كۈزگى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتقاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئالاقىدار تارماقلار بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە مەمۇرىي باشلىق مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، بۇغداي تېرىش يېتەكچى پىلانىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇغداينىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېتەكچىلىك مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، كۈزگى بۇغداي تېرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغاپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، كۈزگى بۇغداي تېرىش خىزمىتىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى