قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

فەن شياۋفېڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆچەت يېتىشتۈرۈش كەسپىدە بىر پونكىت شەكلىدىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلدى

2018-09-03 13:16:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەن ماگىستىر فەن شياۋفېڭ شاڭخەيدىن شىنجاڭغا كېلىپ، قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى كۆچەت سودىسى بازىرىدا 6 يىل ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆچەت يېتىشتۈرۈش كەسپىدە بىر پونكىت شەكلىدىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلدى.
فەن شياۋفېڭ 2012- يىلى قۇتۇبى ناھىيەسىگە كېلىپ، بۇ يەردىكى كۆچەت سودىسى بازىرى ۋە 20 نەچچە يىللىق كۆچەت يېتىشتۈرۈش كەسىپ ئاساسىنى نىشانلىدى. 2013- يىلى 1- ئايدا، ئۇ قۇتۇبىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك كۆچەت سودىسى بازىرى چەكلىك پاي شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى بولغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن قۇتۇبى ناھىيەسىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى يۇقىرى ئۆلچەملىك كۆچەت ئۆستۈرۈش بازىسى بەرپا قىلىپ، قۇر ئارلىقىنى كېڭەيتىپ، چوڭ كۆچەت يېتىشتۈرۈپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرمەكچى بولدى. بۇ--كۆچەت يېتىشتۈرىدىغان دېھقانلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى. فەن شياۋفېڭ مۇنداق دېدى: دېھقانلار گۇمانىي قاراشتا بولۇپ، «سىلەر مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبىدىن كەلگەنلەر شىنجاڭدا كۆچەت يېتىشتۈرۈشتىن خەۋىرىڭلار يوق ئىكەن» دېگەن سۆزلەرنىمۇ قىلدى.
يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆچەت بازارلىرى تۇيۇنۇش ھالىتىگە كىرىپ، كىچىك كۆچەتلەرنىڭ سېتىلىشى ياخشى بولماي قالدى. بۇ ۋاقىتتا، دېھقانلار فەن شياۋفېڭنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكىنى ھەقىقىي ھىس قىلدى.
  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىش پەسلى ئۇزۇن بولۇپ، قانداق قىلغاندا پەرقلىق ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ فەن شياۋفېڭ بۇ جەھەتتە دادىل سىناق ئېلىپ باردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەۋزەل بولغان يېشىللىق بايلىقىنى پارنىكنىڭ مەنزىرە سىستېمىسىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشتۇق. بىز نۇرغۇن سۈنئىي مەنزىرە، ئادىمىيەت مەنزىرىسىنى كىرگۈزۈپ، بۇنى ئېكولوگىيە بايلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتتە بىر قەدەر كەم ئۇچرايدىغان پارنىك مەنزىرىسى ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنى بەرپا قىلدۇق.
  بۇلتۇر9- ئايدا، «يېڭى زىمىن» ئىكولوگىيەلىك پارنىك تۈرى يولغا قويۇلۇپ، ئىستىراھەت ساياھەتچىلىكى، تەربىيەلەش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، ئېلىكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى قاتارلىقلار ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلدى. قۇتۇبى ناھىيەلىك كۆچەت سودىسى بازىرى تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىنى ئۆستۈرۈپ، سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بويىچە ئېكولوگىيەلىك ئىستىراھەت ساياھەتچىلىك ئۈلگە بازىسىنى بەرپا قىلدى. فەن شياۋفېڭ مۇنداق دېدى: بايلىقنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، شەھەر تۇرمۇشىنىڭ3- بوشلۇقىنى ياراتتۇق. جۈملىدىن قۇتۇبىنىڭ شەھەر مېھمانخانىسى؛ ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىك بويىچە ساياھەتچىلەرنى يىغىش-تارقىتىش مەركىزى؛ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئىكولوگىيەلىك ساياھەتچىلىك بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ چىقتۇق. مېنىڭچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى كەلگۈسىدە مول نەتىجە بېرىدۇ.
  فەن شياۋفېڭنىڭ چىڭ تۇرۇشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشى نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەم سانى 3 تىن كۆپىيىپ، ھازىرقى 40 نەچچىگە يەتتى. ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى قۇتۇبى ناھىيەلىك كۆچەت سودىسى بازىرى كۆچەت سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسىنى بەرپا قىلدى. فەن شياۋفېڭ مۇنداق دېدى: كەسىپتىكى بەخت تۇيغۇسى--ئادەمنىڭ توغرا يۆنىلىشتە ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. شىنجاڭدىكى بۇ ئىشلار ئەمەلىيەتتە بىر ئەسەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ۋە يارىتىش جەريانى. بۇ جەرياندا ئىگىلىك تىكلەشنىڭ جاپاسىنى باشتىن كۆچۈردۇق، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ شېرىن جەريانىدىنمۇ بەھرىمەن بولدۇق.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى