قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى

2018-09-03 18:42:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى شىنيۈ ئىمپورت- ئېكسپورت چەكلىك شىركىتى كۆكتات، مېۋە- چېۋە قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئېكسپورت قىلىشنى ئاساس قىلغان ئىمپورت- ئېكسپورت سودا كارخانىسى. ھازىرغا قەدەر، بۇ شىركەتنىڭ بۇ يىلقى كۆكتات ئېكسپورتى 471 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %80 ئاشتى.

  سۈرەتتە: 8- ئاينىڭ 30- كۈنى، بۇ شىركەتنىڭ بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرىدىكى مېۋە- چېۋە، كۆكتات ئېكسپورت قىلىش بازىسىدا خىزمەتچى خاڭگا ئۈزمەكتە. (گېزىتىمىزنىڭ بورتالا ئوبلاستلىق مۇخبىرلار پونكىتىدىن يۈسۈپ غېنى فوتوسى)

  مۇخبىرىمىز ليۇ يىنىڭ 9- ئاينىڭ 1- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىلقى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشى ئاخىرلىشىپ قالغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون (يەرلىك، تۆۋەندىمۇ شۇنداق) نىڭ بۇغداي ئومۇمىي ھوسۇلى 5 مىليون 637 مىڭ توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىدا كۆلەم ئازىيىش، بىرلىك ھوسۇل ئېشىش، سۈپەت ئۆسۈشتەك يېڭى ئالاھىدىلىك كۆرۈلگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى تېرىقچىلىق ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاڭ يىۋۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا بۇغداينىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى تەخمىنەن ئون كىلوگىرام ئاشتى، بۇ، ئاز ئېشىش ئەمەس. بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، «مۇقىملاشتۇرۇش، يېشىل بولۇش، كۆپ مەنبەلىك بولۇش»تەك ئىسلاھات تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، بۇغداينىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتىدە يېڭى ئېشىش بولدى.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش شەكلىدىن قارىغاندا، بۇغداي ئىشلەپچىرىش سۈپىتىنىڭ ئېشىشى بۇغداي سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشى ۋە بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش كەسپى سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشى، دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدە ئىپادىلەنگەن.

  تاڭ يىۋۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ بېشىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇغداي ئامبار قالدۇقىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشىدەك ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز بۇغداينىڭ يېتەكچى خاراكتېرلىك تېرىقچىلىق پىلانىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ئازايتىپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەۋزەللىككە ئىگە ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈشكە پائال يېتەكلەپ، ئۆزگىچە قۇياش نۇرى ۋە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە تايىنىپ، شارائىتى يار بېرىدىغان رايونلاردا ئورگانىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېشىل مۇداپىئە كۆرۈش ۋە تىزگىنلەش، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق يېڭى تىپتىكى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىلىرىنى پائال كېڭەيتىپ، خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنى ئازايتىپ، بۇغداينىڭ يېشىل بولۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

  يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ يىل گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى بىر بۇغداي تەجرىبە ئېتىزىدا بۇغداينىڭ مو بېشى ھوسۇلى تۇنجى قېتىم 700 كىلوگىراملىق چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، 724 كىلوگىراملىق بىرلىك ھوسۇل بىلەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۈزگى بۇغداي بىرلىك ھوسۇلى رېكورتىنى يېڭىلىغان.

  ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى تىپتىكى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ئارقىلىق بۇغداي ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش بىلەن بىللە، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى يەنىمۇ كۈچەپ ئىلگىرى سۈرگەن.

  ھازىر پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشى ئومۇمىي جەھەتتە تەمىنلەش مول بولۇش، سۈپەتلىك بۇغداي بىلەن تەمىنلەش ئازراق بولۇشتەك قۇرۇلما خاراكتېرلىك كەمچىل بولۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا. شۇڭا پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا تايىنىپ، بۇغداي بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  تاڭ يىۋۇ مۇنداق دېدى: بۇغداي بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئىسلاھاتنىڭ ئاساسلىق يۆنىلىشى. بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېشىل تەرەققىيات ۋە بازار ئېھتىياجىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئۇسۇلىنى پائال ئۆزگەرتىپ، كاپالەت تېخىمۇ كۈچلۈك، ئىشلىتىلىش ئورنى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەشكەن، ماس كېلىشى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق بۇغداي بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاست، يەتتە ناھىيە، شەھەردىكى 36 مىڭ مو بۇغدايلىقتا تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، ھەر قايسى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارنىڭ ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، سېلىن مىقدارى كۆپ ۋە ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بۇغدايلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى پائال قانات يايدۇرغان. بۇغداينى ئىنچىكە پىششىقلاپ، بازار ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن ئاپتونوم رايون رېتسېپلىق ئۇن داڭلىق ماركىسى يارىتىشنى نۇقتىىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭغا خاس «نان يېقىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۇن»، «لەڭمەن ئېتىشكە ئىشلىتىلىدىغان ئۇن» ۋە «جۇۋاۋا تۈگۈشكە ئىشلىتىلىدىغان ئۇن» قاتارلىق مەخسۇس ئۇن ماركىلىرىنى يارىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىشلىتىلىش ئورنى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەشكەن، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان بۇغداي بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلغان.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى