قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش

2018-09-03 18:44:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو- ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى ئاخىرلاشتى.

  سۈرەتتە: شىنجاڭ داشۆدىن كەلگەن پىدائىي 9- ئاينىڭ 1- كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە كۆرگەزمىگە قاتناشقان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك سودىگەرلەر بىلەن قول پۇلاڭلىتىپ خوشلاشماقتا. (مۇخبىرىمىز جوۋ پېڭ فوتوسى)

  9- ئاينىڭ 1- كۈنى، 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو- ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئاخىرقى كۈنگە قەدەم قويدى. دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار ۋە سودىگەرلەر جۇڭگو شىنجاڭغا جەم بولۇپ، «<بىر بەلباغ، بىر يول>، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش» باش تېمىسىنى داۋاملىق چۆرىدەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئالاقىلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلىدى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بەش يىللىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىدىن كۈنسايىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، قۇدرەتلىك جەلپ قىلىش كۈچىنى نامايان قىلدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولغان شىنجاڭنىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتەك بەلگە ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى.

  شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت زېمىندا، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كېلىپ كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت قوشۇلۇش نۇقتىسىنى كۆردى، ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى پىلانلىدى.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويۇش

  9- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە زالى كىشىلەر بىلەن لىق تولغانىدى، سودىگەرلەر تەشۋىقات قوللانمىسىنى ئوقۇپ، ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ، تەشۋىقات فىلىمى كۆرۈپ، شىنجاڭدىكى بۇ يەرلىك چوڭ كارخانىنى بەس- بەستە ئالقىشلىدى.

  كۆرگەزمىگە تۇنجى قېتىم قاتناشقان گۇاڭخۇي گۇرۇھى ئۆز قارىمىقىدىكى گۇاڭخۇي ئېنېرگىيەسى، گۇاڭخۇي ئاپتوموبىلى، گۇاڭخۇي ئەشيا ئوبوروتى، گۇاڭخۇي ئۆي- مۈلۈكچىلىكىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ يادرولۇق كەسپىنى تولۇق نامايان قىلدى. شىركەت پارتكومىنىڭ شۇجىسى ليۇ شۈبىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كۆرگەزمە كارخانىلارغا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتىنى ۋە ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەتنى ئېلىپ كەلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنى ھەر تەرەپلىمە كۆزىتىدىغان بولساق، ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى قىسقارغان، كۆرگەزمە دائىرىسى، كۆلىمى كىچىكلىگەن بولسىمۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سىگنالىنى تارقاتتى.

  بىرىنچىدىن، كۆرگەزمىگە قاتناشقان 704 كارخانا ئىچىدە، گۇاڭخۇي گۇرۇھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن 27 سى، جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن 11 ى، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك كارخانىدىن بەشى، ساھەلەر بويىچە باشلامچى كارخانىدىن 62 سى، ئۆلكە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر كارخانىدىن 237 سى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر كارخانىدىن 104 ى بار. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، كۆرگەزمە تەشكىلىي كومىتېتى چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى ئۆلچەمگە يەتمىگەن كارخانىدىن 111 نى رەت قىلدى.

  ئىككىنچىدىن، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئىمزالىنىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە ئىچكى ئالاقە تۈر سانى ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن 40 ى ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن قولغا كەلتۈرۈلگەن تۈر مەبلىغى سوممىسى 268 مىليارد 47 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن %16.39 ئاشقان.

  كەسىپلەر بويىچە قارىغاندا، 1- كەسىپ بويىچە ئۈچ تۈر ئىمزالانغان بولۇپ، مەبلەغنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %0.16 بولغان؛ 2- كەسىپ بويىچە 106 تۈر ئىمزالانغان بولۇپ، مەبلەغنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %70.99 بولغان؛ 3- كەسىپ بويىچە 51 تۈر ئىمزالانغان بولۇپ، مەبلەغنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %28.85 بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ساياھەتچىلىكتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت چۆرىدىلىپ، جەمئىي 165 تۈر ئىمزالانغان، سوممىسى 258 مىليارد 986 مىليون يۈەن بولغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىجات ئىسمايىل تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋى كەسىپلەر تەرەققىيات سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش

  8- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باۋۋۇ گۇرۇھى 1- ئاۋغۇست پولات- تۆمۈر پاي چەكلىك شىركىتى شياڭگاڭ موڭغۇل ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى موڭغۇلىيە دۆلىتى MoEnCo LLC شىركىتى بىلەن مۇددىئانامە سوممىسى 750 مىليون دوللارغا يېتىدىغان كوكس كۆمۈرى سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ، ئىككى تەرەپ كارخانىسىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنىڭ، «شىنجاڭنىڭ جۇڭگو- موڭغۇلىيە- رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش چوڭ سۇپىسى بەرپا قىلدى.

  پاكىستان تەرەققىيات- پىلان- ئىسلاھات مىنىستىرلىقى جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى راشىد شاھداد مۇنداق دېدى: جۇڭگو- ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى جۇڭگونىڭ ئەڭ مۇھىم چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىلىرىنىڭ بىرى، ئاسىيا- ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ سودا سېلىنمىسى، مەدەنىيەت ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردە پىكىر، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم سۇپا، شۇنداقلا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئاسىيا- ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشىدىكى مۇھىم يول. كۆرگەزمىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ خەلقئارالىق سودىگەرلەرنى جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلغىلى بولىدۇ.

  جۇڭشىن جېڭيې مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى غەربىي شىمال رايونىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى بيەن جياڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە، بىز جۇڭشىن جېڭيې مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىشتاب بازا تۈرىنى ئىمزالىدۇق، بىز شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ زامانىۋى ئىقتىسادتىكى يادرولۇق رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنى ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى، يەر- مۈلۈك، تەمىنلەش زەنجىرى پۇل مۇئامىلىسى، پاي ھوقۇقى سېلىنمىسى قاتارلىق كۆپلىگەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز.

  بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە، شىنجاڭدىكى 25 نۇقتىلىق كارخانا «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى 13 دۆلەتتىن كەلگەن 29 چەت ئەل كارخانىسى بىلەن جەمئىي 29 تاشقى سودا توختامى، كېلىشىمى ئىمزالىدى، سودا ئومۇمىي سوممىسى 10 مىليارد 488 مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا يەتتى، تاشقى ئالاقە تۈرىدىن ئىككىنى ئىمزالىدى، ئىمزالانغان توختام سوممىسى 2 مىليارد 896 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو- ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تور كۆرگەزمىسى باشلىنىپ، «تور+ تور سىرتى»، «پۈتۈن كۈنلۈك كۆرگەزمە، پۈتۈن كۈنلۈك سودا»، «مەڭگۈ ئاياغلاشمايدۇ»دىن ئىبارەت يېپيېڭى «رەقەملىك كۆرگەزمە» تەرەققىيات باسقۇچىغا رەسمىي كىردى.

  ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىش

  بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە ئېچىلىش مۇراسىمى ھەم ئاساسىي مۇنبەردىن باشقا، تۆت مەيدان پاراللېل مۇنبەر، 22 مەيدان سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، شەرقىي ئوتتۇرا قىسىم، غەربىي قىسىمنىڭ ئاسىيا - ياۋروپا بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم سۇپىنى ئۈنۈملۈك بەرپا قىلدى.

  چۇڭچىڭ شەھەرلىك سودا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: جۇڭگو- ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى دۆلەت ئىچىدە ئەڭ ياخشى ئۇيۇشتۇرۇلغان كۆرگەزمىلەرنىڭ بىرى. بىز بۇ سۇپا ئارقىلىق چۇڭچىڭنىڭ بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرى ۋە تېخنىكىلىرىنى سىرتقا چىقارماقچى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئارقىلىق چەت ئەلدىكى بىر قىسىم ياخشى مەھسۇلات، ياخشى تېخنىكىلارنى چۇڭچىڭغا كىرگۈزمەكچى.

  جۇڭگو قاتناش - تىرانسپورت جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ دېرۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشى، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودىسىنىڭ كەڭلىك دەرىجىسى ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى، سودا، تاموژنىدىن ئۆتۈش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ھەم مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىقىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي قىسىم رايونى ھەم خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت ئېھتىياجى يېڭى ئېشىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىدۇ.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» نى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش جەريانىدا، شىنجاڭمۇ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىساد چەمبىرىكى بىلەن ياۋروپا ئىقتىساد چەمبىرىكىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆزنەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى خىل بايلىق، ئىككى بازاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى سودىگەرلەر بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە پۇختا بولۇشىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى گاۋ جيەنلۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى پۇختا تەرەققىيات ئاساسىغا ئىگە، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىلىنىش ۋە شىنجاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا ياخشى رېئال شارائىت ھازىرلاپ بەردى. سودا - سانائەت كارخانىلىرى شىنجاڭنىڭ يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغۇسى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى