قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

  «چاۋاك» دېگەن تېمىدىكى تېكىستنىڭ تەرجىمىسى

2018-09-04 16:37:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

باشلانغۇچ مەكتەپ ۋاقتىمىزدا، سىنىپىمىزدا يىڭ زى ئىسىملىك ساۋاقدىشىمىز بولىدىغان. ئۇ ناھايىتى كەمسۆز بولۇپ دائىملا سىنىپنىڭ بىر بۇلۇڭىدىلا ئولتۇراتتى. ئۇ دەرسكە ئەڭ بۇرۇن كېلىپ، دەرستىن ئەڭ كېيىن قايتاتتى. چۈنكى، ئۇ بالىلار پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغاچقا، پۇت قىسمى مېيىپ ئىدى. شۇڭا، باشقا بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ مېڭىش قىياپىتىنى كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى.

بىر كۈنى، مۇئەللىم ھەممىمىزنى نۆۋەت بىلەن مۇنبەرگە چىقىرىپ ھېكايە سۆزلەتكۈزىۋاتاتتى، نۆۋەت يىڭ زىغا كەلگەندە، سىنىپىمىزدىكى 40 نەچچە جۈپ كۆز تەڭلا ئۇنىڭغا تىكىلىۋېدۇق، يىڭ زى دەرھال بېشىنى تۆۋەن سالدى. مۇئەللىم مەكتىپىمىزگە يېڭىدىن يۆتكىلىپ كەلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقمايتتى. يىڭ زى ئازراق ئىكىللەنگەندىن كېيىن، ھودۇققان ھالدا ئورنىدىن تۇردى. ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. ھەممىمىز ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرۇشتۇق. ئۇ ناھايىتى تەستە مۇنبەرگە مېڭىپ چىقىپ توختىغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز سىنىپىمىزدىن قىزغىن ۋە ئۇزۇن چاۋاك ئاۋازى ياڭرىدى.

چاۋاكلىرىمىز ئىچىدە، يىڭ زىنىڭ كۆز ياشلىرىمۇ تۆكىلىشكە باشلىدى. چاۋاك ئاۋازى پەسەيگەندىن كېيىن يىڭ زى ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ ھېكايىسىنى باشلىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى ئىنتايىن يېقىملىق ئىدى. ھېكايە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سىنىپ ئىچىدە يەنە قىزغىن چاۋاك ئاۋازى كۆتۈرۈلدى. يىڭ زى كۆپچىكىلىككە ئېگىلىپ تازىم قىلغاندىن كېيىن، چاۋاكلار ئىچىدە ئاستا مېڭىپ جايىغا ئولتۇردى.

شۇنىڭدىن كېيىن، يېڭ زىدا كۆپ ئۆزگىرىش يۈز بەردى. ئۇ بۇرۇنقىدەك تەشۋىشلەنمەيدىغان، ساۋاقداشلار بىلەن ئوچۇق- يورۇق پاراڭلىشالايدىغان بولدى. ھەتتا بىر قېتىملىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە ساۋاقداشلار ئۇنىڭغا ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگىتىپ قويدى.

نەچچە يىلدىن كېيىن، بىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقتۇق. بىر كۈنى ئۇنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇ خېتىدە: «مەن ئاشۇ قېتىملىق چاۋاكنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن. چۈنكى، ئۇ ئارقىلىق مەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ مېنى كەمسىتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. كۆپچىلىكنىڭ چاۋىكى ماڭا زور ئىلھام ئاتا قىلدى. مېنىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا، تۇرمۇشقا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىشىمگە مەدەت بولدى» دېگەن ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى