قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كوڭ زىنىڭ ئۇستاز تۇتۇشى

2018-09-04 16:38:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كوڭ زى ياش ۋاقتىدىلا، يىراق- يېقىنغا نامى تارقالغان داڭلىق ئۇستاز ئىدى. ئۇ ھەمىشە بىلىمىنى تېخى تولۇق ئەمەس دەپ قاراتتى. شۇڭا ئۇ 30 ياش ۋاقتىدا يۇرتى چۈفۇدىن ئايرىلىپ، لوياڭغا بېرىپ ئاتاقلىق مۇتەپەككۈر لاۋ زىنى ئۇستاز تۇتتى.

چۈفۇ بىلەن لوياڭنىڭ ئارىلىقى مىڭ چاقىرىمدىن ئارتۇق بولغاچقا، كوڭ زى تالا- تۈزدە يېتىپ قوپۇپ، يېمەي- ئىچمەي، كېچىلەپ يول يۈرۈپ، نەچچە ئايدىن كېيىن ئاندىن لوياڭغا يېتىپ باردى.

ئۇ لوياڭ شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىر ئات ھارۋىسىنىڭ يېنىدا، ئۇچىسىغا ئۇزۇن كەمزۇل كەيگەن، چاچ- ساقاللىرى ئاقىرىپ كەتكەن، 70 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى قاراشتىنلا بىلىملىك ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بىر مويسىپىت بوۋاينى كۆرۈپ قالدى- دە، كۆڭلىدە: «بۇ مويسىپىت بوۋاي، بەلكىم مەن ئىزدەپ كەلگەن ئۇستاز بولىشى مۇمكىن» دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەدەب بىلەن: «ئۇستاز، سىز لاۋدەن ئەپەندىم بولامسىز؟»دەپ سورىدى. «سىز...» دېدى مويسىپىت كىشى ئۈستى- بېشىدىن چاڭ- توزان توزۇپ تۇرغان ياش يىگىتنىڭ ئۆزىنى تونۇۋالغانلىقىغا ئەجەبلىنىپ. كوڭ زى ئالدىراشلىق بىلەن:

«مەن شاگىرتىڭىز كوڭ چىيۇ بولىمەن، ئۇستازدىن تەلىم ئېلىش ئۈچۈن ئالاھىتەن كەلدىم. شاگىرتىڭىزنى قوبۇل قىلغايسىز» دېدى.

لاۋ زى: «سىز جوڭنىمۇ، سىزنى كېلىدىكەن دەپ ئاڭلاپ مۇشۇ يەردە كۈتۈپ تۇراتتىم. ئىلىم تەھسىل قىلىشتا مەن سىزگە يەتمەيدىغان تۇرسام، مەندىن تەلىم ئالغىلى كەلدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدى.

كوڭ زى يەنىمۇ ئېھتىرام بىلەن: «ئۇستازنىڭ ساقلىغىنىغا كۆپ رەھمەت. ئۆگىنىشنىڭ چېكى يوق، سىزنىڭ بىلىمىڭىز مول، سىزدىن ئۆگەنسەم چوقۇم ياخشى ئىلگىرلىيەلەيمەن» دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، كوڭ زى ھەر كۈنى ئۇستازىدىن ئايرىلماي، ھەر ۋاقىت ئۇنىڭدىن تەلىم ئالدى. لاۋ زىمۇ ئۆز بىلىمىنى ئۇنىڭغا ئايىماي ئۆگەتتى. شۇڭا، كىشىلەر كوڭ زى بىلەن لاۋ زىنىڭ بىلىمىگە قايىل بولۇشىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنى ھۆرمەت قىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى