قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن بىرسى بولغان خەلق رىۋايىتى «مېڭ جىياڭنۈنىڭ ھېكايىسى»

2018-09-04 16:44:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«مېڭ جىياڭنۈنىڭ چاڭچېڭدىكى يىغىسى» ناملىق رىۋايەت جۇڭگونىڭ مۇھەببەت توغرىسىدىكى تۆت چوڭ رىۋايەتنىڭ بىرى بولۇپ، مىڭ يىللاردىن بۇيان بۇ ھېكايە ئەل ئىچىدە كەڭرى تارقىلىپ كەلمەكتە. تارىخنى ۋاراقلايدىغان بولساق، مېڭ جىياڭنۈ توغرىسىدىكى ھېكايە «چى لىياڭنىڭ خوتۇنىنىڭ ئېرى ئۈچۈن يىغلىشى» ناملىق تارىخىي ۋەقەلىككە ئاساسەن يېزىلغان. تارىختا ھەقىقەتەن موشۇنداق بىرەيلەن ئۆتكەن بولۇپ، بۇ ھەرگىزمۇ ئويدۇرۇپ چىقىلغان ئەمەس.

چى دۆلىتىنىڭ چى لياڭ ئىسىملىك سەركەردىسى جەڭدە قازا قىلغان. چى جۇاڭگۇڭ تەزىيە مۇراسىمىغا ئۆزى قاتناشماي، قول ئاستىدىكىلەرنى ئەۋەتكەن. بۇ چى لياڭنىڭ خوتۇنىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇ ئېرى دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشقان، چى جۇاڭگۇڭنىڭ تەزىيە مۇراسىمىغا قاتناشمىغانلىقى ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقى، دەپ قاراپ، ئۆلۈمنى ئۇزۇتۇشنى رەت قىلغان. چى جۇاڭگۇڭ بۇنىڭدىن ناھايىتى تەسىرلەنگەن ۋە ئۆزى بىۋاسىتە چى لياڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، تەزىيە مۇراسىمىغا قاتناشقان. شۇنداقلا چى لياڭنى دەبدەبىلىك ھالدا پايتەختنىڭ ئەتراپىغا دەپنە قىلغان. بۇ مېڭ جىياڭنۈنىڭ ئەسلى تارىخىي يېزىلىشى بولۇپ، تارىختا ھەقىقىي خاتىرىلەنگەن مەزمۇن.

غەربى خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغا كەلگەندە، ليۇ شىياڭ بۇ ساداقەتمەن ئايالنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن «ئېرى ئۈچۈن يىغلاش» ۋە «سېپىل تېمىنىڭ ئۆرۈلۈشى» دىن ئىبارەت ئىككى تەپسىلاتنى قوشۇپ يازغان. «ئۇنىڭ يىغا ئاۋازى ناھايىتى ئازابلىق بولۇپ، ئون كۈندىن كېيىن «سېپىلمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن» دەپ تەسۋىرلەنگەن. بۇ تەپسىلاتلار مېڭ جىياڭنۈنىڭ ھېكايىسىگە تېخىمۇ رىۋايەت تۈسى قوشقان.

تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئالاقىدار تارىخىي خاتىرىلەردە چى لياڭنىڭ خوتۇنىنىڭ ھېكايىسى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىلگەن بولۇپ، چى لياڭ چۈنچىيۇ دەۋرىدىكى چى دۆلىتى ئادىمىدىن چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى يەن دۆلىتى ئادىمىگە ئايلىنىپ قالغان؛ چى لياڭنىڭ خوتۇنىنىڭ ئىسمىمۇ ئۆزگىرىپ، مېڭ جىياڭنەن بولۇپ قالغان؛ چى لياڭنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى بولسا جەڭدە قۇربان بولغان بولماستىن، بەلكى ئۇرۇشتىن قېچىپ تۇتۇلۇپ قالغاندىن كېيىن، جەسىتى شەھەر سېپىلنىڭ ئىچىگە كۆمۈۋېتىلگەن، دەپ يېزىلغان.

چى لياڭنىڭ خوتۇنىنىڭ ھېكايىسى يەنە ئالتە سۇلالىنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، سۈي، تاڭ سۇلالىرى دەۋرىدە پىششىقلاپ ئىشلىنىپ، سەددىچىن سېپىلىنىڭ سېپىل تېمىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە چىن شىخۇاڭنىڭ سەددىچىن سېپىلىنى سالدۇرىشىدىن ئىبارەت ۋەقەلىك بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن.

مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىدىن كېيىن، مېڭ جىياڭنۈ ھېكايىسى ئەل ئىچىدە داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن. ھەر قايسى جايلاردا ئاغزاكى تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە: مېڭ جىياڭنۈ قاپاقتىن تۆرەلگەن. بۇ قاپاق بىر تام ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان مېڭ، جىياڭ فامىلىلىك قوشنىلارنىڭ ھويلىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغانلىقتىن، بۇ قىزغا «مېڭ جىياڭنۈ» دەپ ئىسىم قويۇلغان ئىكەن.

مېڭ جىياڭنۈ ھېكايىسىنىڭ تارقىلىش دەۋرى ئۇزۇن بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان جايلارمۇ ئىنتايىن كەڭ. ئوخشاش بولمىغان جايلاردىكى يەرلىك ئاممىنىڭ ئوخشاش بولمىغان قىزىقىشلىرىغا ئاساسەن، بۇ ھېكايىگە ئوخشاش بولمىغان ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلگەن ھەمدە بۇ رىۋايەت قويۇق يەرلىك تۈسكە ئىگە بولغان. 2006- يىلى، مېڭ جىياڭنۈ رىۋايىتى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

ئەڭ دەسلەپكى چى لياڭنىڭ ئايالىنىڭ ھېكايىسىدىن ئەڭ ئاخىرقى مېڭ جىياڭنۈ رىۋايىتىگىچە بولغان ئارلىقتا توپ- توغرا ئىككى مىڭ يىل ۋاقىت ئۆتكەن. خەلقنىڭ بىر ھېكايىنى ئۇزاق يىللار مابەينىدە ئىزچىل ياخشى كۆرۈپ، ھەمدە ئۇنىڭغا ئىزچىل ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، پىششىقلاپ ئىشلەپ تارقىتىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلغان بولۇپ، ئەمگەكچان خەلقنىڭ ئەڭ ھەقىقىي يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. بۇ ئورتاق ئارزۇ شۇكى: تىنچلىققا تەلپۈنۈپ، مۇقىملىقنى قوغلىشىپ، ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك ۋە خاتىرجەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىش.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى