قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا دالا تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى

2018-09-04 19:17:33     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

 

2018-يىللىق تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى. (سۈرەتنى «تەكلىماكاننى ئايلىنىش» شىركىتى تەمىنلىگەن)

  ياشىن تورى خەۋىرى. يايلاقنىڭ ئىچكىرىسىگە سوزۇلغان ئاسفالىت يوللاردا رەڭگارەڭ تەنھەرىكەت كىيىمى كىيگەن ماھىرلار ئاخىرقى نۇقتىغا قاراپ ئۇچتى، ئۇلاردىن ئاققان تەرلەر قۇياش نۇرىدا چاقنايتتى، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، ساپ ھاۋا، نەملەشكەن ئوتلاق، زۇمرەتتەك كۆل سۈيى خۇددى ياردەمچى دورىدەك ئۇلارنى ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇراتتى... 2018-يىللىق سايرام كۆلى يېرىم مۇساپىلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئەمدىلا ئاخىرلاشتى، 9-ئاينىڭ 9-كۈنى يەنە مورى سەھرا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ.

  2015-يىلىدىن ھازىرغىچە 13 تۈرلۈك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى كورلا، ئاقسۇ، بۇرچىن، ساۋەن، مورى قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلۈپ، يەرلىكنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولدى. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ يولغا قويۇلغان تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى، سايرام كۆلىنى ۋېلىسىپىتلىك ئايلىنىش مۇسابىقىسى، كۆكتوقاي تەنتەربىيە ساياھىتى دالىدا قونۇش پائالىيىتى قاتارلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى بۇ يىل يازدا شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك دولقۇنىنىڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىشىگە تېخىمۇ ياردەم قىلدى.

 

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى