قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنى قارشى ئالدى

2018-09-05 16:41:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 

 9- ئاينىڭ 3- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىنى قارشى ئالدى.

    سۈرەتتە: شى جىنپىڭ كەچلىك زىياپەتتە سۆز قىلماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- سېنتەبىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 9- ئاينىڭ 3- كۈنى خەلق سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىنى قارشى ئالدى. لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى قاتناشتى.

  شۇ كۈنى كەچتە خەلق سارىيىدا چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى، ساراي شاد- خۇراملىق، ئىناق كەيپىياتقا تولغانىدى. شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ئەھۋال سوراشتى. 56 نەپەر شوخ، ئوماق ئۆسمۈر- بالا قولىدا جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە ئەزا تەرەپلەرنىڭ دۆلەت بايراقلىرى، يىغىن بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنى قولىدىن يېتىلەپ، كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشۈشىگە يول باشلىدى. شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن «سەددىچىن سېپىلى» كەشتىلەنگەن تام رەسىم ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئارقىدىن، تام رەسىم ئېچىلىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل باشلىقلىرى ھەم ئۇلارنىڭ جورىلىرى خەنبەييۈ پەشتىقىنىڭ ئالدىدا توختاپ، بالىلار ئورۇنلىغان «يەسىمەن گۈلى» ناملىق خوردىن ھۇزۇرلاندى. زىياپەت زالىغا بارىدىغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە، چىرايلىق كىيىنگەن ياشلار، ئۆسمۈرلەر ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، يىراقتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى.

  زىياپەت زالى پانۇس ۋە رەڭدار لېنتىلار بىلەن زىننەتلەنگەن، ئەزىز مېھمانلار بىلەن لىق تولغانىدى. شادىيانە قارشى ئېلىش مۇزىكىسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە زىياپەت زالىغا كىرىپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 12 يىلنىڭ ئالدىدا، جۇڭگو- ئافرىقا باشلىقلىرى بېيجىڭدا خۇشال- خۇرام جەم بولۇپ، دوستلۇق ئۈستىدە ئورتاق سۆزلىشىپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشكەنىدى. 12 يىلدىن كېيىن، بىز بۇ يەردە قايتا بىر مەقسەتتە داغدۇغىلىق جەم بولۇپ، ئەسلىي مەقسەتكە ئەمەل قىلىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىۋاتىمىز. 12 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو- ئافرىقا مۇناسىۋىتى باشتىن- ئاخىر ساغلام، تېز تەرەققىي قىلىپ، ھەرقايسى قاتلاملاردىكى ئالاقە تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق تېخىمۇ كۈچىيىپ، جۇڭگو- ئافرىقا دوستانە چوڭ ئائىلىسىنىڭ كۈچى تېخىمۇ زورىيىپ، جۇڭگو- ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ تەقدىرى بىر- بىرىگە تېخىمۇ زىچ باغلاندى. جۇڭگودىكى «ئافرىقا ئامىلى» بىلەن ئافرىقىدىكى «جۇڭگو ئامىلى» ئۆزئارا بىر- بىرىنى تولۇقلاپ، جۇڭگو- ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، يارقىن نۇقتىلار ئارقا- ئارقىدىن بارلىققا كەلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ ۋە ئىرادە بىلەن، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو- ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە پىلان تۈزۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ كۈچلۈك مېلودىيەسىنى ئورتاق ياڭرىتىمىز؛ جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىقى «سەككىز چوڭ ھەرىكەت»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش يىرىك پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئۇلۇغ مۇساپىسىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرىمىز؛ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە بىرلىكتە ئەقىل ۋە كۈچ قوشۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك تۈۋرۈكىنى ھەمكارلىشىپ ئورنىتىمىز. جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىللە، ھەرىكەت ئارقىلىق ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق تارىخ يېزىپ، جۇڭگو- ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل قىلىپ، جۇڭگو- ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ ئەتىسىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

  مۇنبەرنىڭ ئورتاق رەئىسى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جەنۇب- جەنۇب ھەمكارلىقى ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم سۇپىسى. «يالغۇز قىلغان ئىش تېز روياپقا چىقىدۇ، ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ، ئاۋام قىلغان ئىش پۇختا بولىدۇ، ئۇزاققىچە راۋاجلىنىدۇ»، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ «2063- يىل قارالمىسى» ئۇلۇغ مەنزىلىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا، جۇڭگو ئىشىنىشكە بولىدىغان ھەمكارلىق ھەمراھى بولالايدۇ. مۇنبەر بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ئافرىقا- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى جەزمەن يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ. يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەر باشلىقلىرى بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئافرىقا- جۇڭگو دوستانە ھەمكارلىقىغا پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

  زىياپەت شوخ، قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋاملاشتى. شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر باشلىقلىرى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى، جۇڭگو ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىپ ئىلگىرىلىشى، خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم بولۇشى، جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ، يېڭى سەھىپە ئېچىشى، بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنى بىرلىكتە ئۈمىد قىلدى.

  زىياپەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىللە ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى.

  سائەت 20 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، ئويۇن «بوشلۇقتىكى ھەسەن- ھۈسەن» ناملىق ئۇسسۇل بىلەن باشلاندى. ئۇسسۇلچىلار يىپەك لېنتا بىلەن بوشلۇقتا ئۇسسۇل ئويناپ، دۈنخۇاڭ سەنئىتىنىڭ گۈزەل كۆرۈنۈشىنى قايتا نامايان قىلدى. «دۇمباق ساداسى» ناملىق دۇمباق مۇزىكىسىغا جۇڭگونىڭ دۇمباق مۇزىكىسى، ئافرىقىنىڭ بۇرۇندى چوڭ دۇمبىقى ۋە نىگېرىيە دۇمباق مۇزىكىسىنىڭ جەۋھەرلىرى يۇغۇرۇلغان بولۇپ، بۇ، ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ ئىناق، تەڭ مەۋجۇت بولۇش قارىشىنى يەتكۈزۈپ، جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىقىغا ئىلھام ۋە مەدەت بەردى. «يىپەك يولىدىكى ئەكس سادا» ناملىق خۇايىن ئەلنەغمىسى قەدىمقى بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ مۇكەممەل بىرىكىشىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو- ئافرىقا چامباشچىلىق كۇرسانتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ نەي، كوتو چېلىش ئارتىسلىرى بىرلىكتە ئورۇنلىغان «چامباشچىلىق روھى»دا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى نامايان قىلىندى. «پادا پادا» ناملىق قىزغىن، شوخ ناخشا- ئۇسسۇلدا جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىگە تونۇشلۇق ناخشا- مۇزىكا بىلەن ئۇسسۇل ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئافرىقا زېمىنىنىڭ قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن كەيپىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. جۇڭگو- ئافرىقا سەنئەتكارلىرى سەھنىدە بىرلىكتە ئورۇنلىغان كىلاسسىك بالېت تىياتىرى «دون كىخوت»تىن ئارىيە نادىر «چوڭ قوش كىشىلىك ئۇسسۇل»دا بالېت ماھارىتى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە نامايان قىلىندى. باش تېمىلىق ناخشا «تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى»دە «ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ جۇڭگو- ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش»، جۇڭگو خەلقى بىلەن ئافرىقا خەلقىنىڭ «دوستلۇق بىردىنبىر داغدام يول، بىر مەقسەتتە گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش»تەك ئورتاق يۈرەك ساداسى ئىپادىلەندى. جۇڭگو ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ناخشا- ئۇسسۇل ئارتىسلىرى چىرايلىق كىيىنىپ، بىرلىكتە سەھنىگە چىقىپ «يېڭى دەۋر ئۇسسۇلى» ناملىق ناخشا- ئۇسسۇلنى ھېسسىياتلىق ۋە رىتىملىق ئورۇنلاپ، نەق مەيداندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلار بىلەن بىللە ناخشا ئېيتتى، ئۆسمۈرلەر، بالىلار سېھىرگەرلىك ماھارىتى ئارقىلىق جۇڭگو ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى ئېچىپ، جۇڭگو- ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىغا، 2018- يىللىق جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ، ئويۇننى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى، ۋاڭ يى، جاۋ كېجى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

 

    9- ئاينىڭ 3- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىنى قارشى ئالدى.

    سۈرەتتە: كەچلىك زىياپەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن چەت ئەل باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى بىلەن «سەددىچىن سېپىلى» كەشتىلەنگەن تام رەسىم ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لىڭ فوتوسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى