قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تەبئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقىچە قىزىپ كەتتى، توپ- توپ ئارقارلار ئۆز ئارا «ئۇچرىشىپ جۈپلىشىش» كە ئالدىرىدى

2018-09-05 18:06:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئالتۇن كۈز ئايلىرى كىرىپ، بىر قىسىم ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ «كۈيلەش» پەسلىمۇ تەڭلا يېتىپ كەلدى. يېقىندا، تاشقورغان ياۋايى ھايۋاناتلار تەبئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئارقار توپىنىڭ تاغ چوققىسىغا توپلىشىپ «ئۆز ئارا ئۇچرىشىپ جۈپلىشىش» كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتتى.

تاشقورغان ياۋايى ھايۋاناتلار تەبئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئىمىنجان پامىر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى تىيانشان تېغى، كوئېنلۇن تېغى، قارا قۇرۇم تېغى، ھىمالايا تېغى ۋە ھىندىقۇش تېغىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل قىلغان شەرقىي پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان. بۇ جاي ئېلىمىزنىڭ قارلىق ئېگىزلىك رايونىدىكى مۇھىم ھايۋانات تۈرلىرى گېن ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ. تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ تەبىئىي بايلىقى مول ھەم كۆپ خىل بولۇپ، يىلپىز، ماركوپولو ئارقارى قاتارلىق ئەتىۋارلىق قوغدىلىدىغان ھايۋاناتلار بولۇپلا قالماي، يەنە تاغ تېكىسى، ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق سوغۇر، توشقان، قوڭۇر ئېيىق، بۆرە ۋە تۈلكە قاتارلىق ھايۋاناتلار، شۇنداقلا ئۇلار، قۇماي قاتارلىق تۈرلۈك قۇش تۈرىدىكىلەر ياشايدۇ.

▲ تاشقورغان ياۋايى ھايۋاناتلار تەبئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئىمىنجان پامىر يەنە مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇھاپىزەت رايونىمىز مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئارقار سانى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. ھەر يىلى كۈز ئايلىرى يېتىپ كېلىشى بىلەنلا، ئارقار قاتارلىق ياۋايى ھايۋاناتلار «كۈيلەش» دەۋرىگە كىرىدۇ، مۇھاپىزەت رايونىدا ئارقار توپلىرىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ «ئۇچرىشىپ جۈپلىشىش» كۆرۈنۈشى كۆرۈلىدۇ، يەنە كېلىپ بۇنداق ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدۇ.

ئارقار- «چوڭ مۈڭگۈزلۈك قوي»، «چوڭ قوي» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ دۆلەت 2- دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانات. ئارقارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى بىز دائىم كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان قويغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئارقارنىڭ ئىسىمىنى ئۇنىڭ مۈڭگۈزى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دېيىشكە بولىدۇ. چىشى ئارقارنىڭ مۈڭگۈزى قىسقا ھەم ئىنچىكە بولۇپ، ھېچقانداق غەلىتە يېرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. لېكىن، ئەركەك ئارقارنىڭ مۈڭگۈزى ئۇزۇن بولۇپ، پەقەت مۈڭگۈز يىلتېزىنىڭ دىئامېتىرىلا نەچچە 10 سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئۇزۇنلىرى ھەتتا ئارقارنىڭ قولاق قىسىمىنى بىر قات ھەتتا بىر يېرىم قات يۆگەپ، كۆپ بولغاندا 1 مېتىرغا يېتىدۇ. شۇڭا ئارقارنىڭ باش قىسىمىنىڭ ئېغىرلىقى 20 كىلوگرامغا يېتىدۇ.

ئەتىياز ياز پەسىللىرىدە چىشى، ئەركەك ئارقارلار ئادەتتە ئايرىم ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىشىدۇ. كۈز ۋە قىش پەسللىرىدىكى «كۈيلەپ جۈپلىشىش» پەسلى يېتىپ كەلگەندە، ئاندىن بىر يەرگە توپلىشىدۇ. ئارقارنىڭ كۆپىيىش پەسلى ئادەتتە ئەتىيازدا 5- ئاينىڭ ئالدى- كەينىدە بولۇپ، ھەر قېتىمدا بىردىن تۆللەيدۇ، توللىرى بىر ياشقا كىرە- كىرمەيلا ئوت- چۆپ يەپ مۇستەقىل ياشاشقا باشلايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى