قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يايلاق كۆچكەن چارۋىچىلارنى غەمدىن خالاس قىلدى

2018-09-05 18:06:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سەرشەن يايلىقىدا قاتتىق يامغۇر ياغدى. يايلاق كۆچۈشكە تەييارلىنىۋاتقان قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى بۇستۇنگې چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ دېلۇن كەنتىدىكى چارۋىچىلار كىگىز ئۆيلىرىنى ئالدىراش- تىنەش چۇۋۇشنى باشلىۋەتتى. ئارقىدىن ئۇلار تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە كىگىز ئۆيلرىنى يۇغۇشتۇرۇپ يۈك ئاپتوموبىلىغا قاچىلاپ، بۇستۇنگې چارۋىچىلىق مەيدانىنى باشقۇرۇش كومىتېتىغا قاراپ يولغا چىقتى. ئادەتتە، بۇ پەسىلدە چارۋىچىلار بوستۇنگې چارۋىچىلىق مەيدانىنى باشقۇرۇش كومىتېتىدا ۋاقتىنچە بىر ئاي تۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن قىشلاققا يۆتكىلەتتى.

▲ قۇبۇقسار مۇڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى بۇستۇنگې چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشلىرى ئۆزگەرتىلىپ، سۇ تۇرۇبىسى ياتقۇزۇلىۋاتقاچقا، مەيداننىڭ ھەممىلا يېرىدە كولىۋېتىلگەن ئازگال، ئۆرەكلەر ئۇچرايتى. دېلۇن كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئالىيە كامرات 200 كىلومېتىر يول يۇرۇپ، سەرشەن يايلىقىدىن ئۆي جاھازلىرى ۋە كىگىز ئۆيلىرىنى يۈك ئاپتوموبىلىغا بېسىپ كۆچۈرۈپ كەلگىنىدە، دەرۋازىسى ئالدىنىڭ كولىۋىتىلگەنلىكىنى ئۆيىگە يۈك- تاقلارنى يۆتكەشنىڭ تەسكە چۇشىدىغانلىقىنى كۆردى. باشقا كەنت ئاھالىلىرىمۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تىنەپ قىلىشتى. دەل شۇ پەيىتتە ئالىيە دەرھال كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنى ئەسكە ئالدى. چۈنكى، ئىلگىرىمۇ ئۇ قاتتىق ئاغرىپ قېلىپ كارۋاتتىن چۈشكۈدەكمۇ ماجالى قالمىغاندا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ياردەملىشىپ ئۇنى ناھىيە بازىرىغا ئاپىرىپ دوختۇرغا كۆرسەتكەنىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ قەلبىدە خىزمەت ئەترىتى ھەممىگە قادىر، ھەرقانداق قىيىنچىلىققا يولۇقساق بىزگە چوقۇم ياردەم قىلىپ، قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلالايدۇ دېگەن ئاڭ شەكىللەنگەنىدى. موشۇلارنى ئويلاۋېتىپ، ئۇ يەنە تارباغاتاي ۋىلايەتلىك «خېفېڭ» سانائەت رايونى، «خېفىڭ» كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ بۇستۇنگې چارۋىچىلىق مەيدانى دېلۇن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى گۇاڭ نارىسۇغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈردى.

▲ خەلق ئاممىسى قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، دەل ۋاقتىدا بىرىنچى بولۇپ ئۇلارغا ياردەم بېرىش-- كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك خىزمەت مەسئۇلىيىتى. نەچچە مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتىلا، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى گۇاڭ نارىسۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خىزمەت ئەترىتىدىكى خادىملار چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە يېتىپ كېلىپ، ئارغامچا بىلەن چىڭ چىگىۋىتىلگەن دۈۋە- دۈۋە يۈك- تاقىلارنى يېشىپ ئۆيلىرىگە توشۇشۇپ بەردى. يەنە تېخى قۇرۇلۇش تاماملانغىچە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ- چىقىشىغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن، ياغاچ تاختايدىن ۋاقىتلىق كۆۋرۈك ياساپ ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلدى.

▲ تارباغاتاي ۋىلايىتى «خېفېڭ» سانائەت رايونى، «خېفىڭ» كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ بۇستۇنگې چارۋىچىلىق مەيدانى دېلۇن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى گۇاڭ نارىسۇ مۇنداق دېدى: چارۋىچىلار بىر يىلدا ئون نەچچە قېتىم ئۆي كۆچىدۇ. شۇڭا، ئۇلار چوقۇم چۇۋۇشقا، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ، شۇندىلا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ماسلىشالايدۇ. كىگىز ئۆيمۇ دەل ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئەمما ئۆي كۆچكەن چاغلاردا نەرسە-كىرەكلەرنى يۆتكەشكە يىتەرلىك ئەمگەك كۈچى كېرەك. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېلېفونىنى ئالغاندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتىمىز دەرھال كېلىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆي كۆچۈشىگە ياردەم بەردى، بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەت ئەترىتىمىز يەنە داۋاملىق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كەنت ئاھالىلىرىگە ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەرمەكچى.

دەرۋەقە، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بۇ كەنتكە ماكانلاشقاندىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرى تۆت قېتىم كۆچكەنىدى. چارۋىچىلارنىڭ تۆت قېتىم كۆچۈشى جەريانىدا، خىزمەت ئەترىتى يول ياساش، ئۆي كۆچۈش، كىگىز ئۆينى چۇۋۇش، يۈك ئاپتوموبىلى تېپىپ يۈك- تاقلارنى بېسىش ۋە ئاغرىپ يېتىپ قالغان كەنت ئاھالىلىرىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش، ئىچىملىك سۇ يەتكۈزۈشتەك ئۇسۇللار بىلەن كۆچۈش جەريانىدا دائىم ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىپ ئاممىنىڭ ماختىشىغا ۋە ئىشەنچىگە ئىرىشكەنىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى