قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

غەربىي رايوندىكى كۆچەت ماكانىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يولى

2018-09-06 17:16:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قۇتۇبى ناھىيەسى تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۆزگىچە قۇياش نۇرى، ئىسسىقلىق ۋە سۇ، تۇپراق شارائىتى سەۋەپلىك، شىنجاڭدىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى، كۆچەت، گۈل- گىياھ ئۆستۈرۈشكە ئەڭ ماس كېلىدىغان رايونلارنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى كۆچەت، گۈل- گىياھ كەسپىنىڭ تىپىنى ئۈزۈكسىز ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تۈجۈپىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشكە يۈزلىنىپ، «غەربىي رايوندىكى كۆچەت ماكانى» دەپ تەرىپلەندى.

▲ قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئەرشىلىدەن بازىرىدىكى كۆچەت ئۆستۈرگۈچى چۈ جىنبو ئىككى كۈن ئىلگىرى، گېرمانىيەدە ئېكىسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشكە قاتنىشىپ قايتىپ كەلدى. ئۇ كۆچەتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ يېڭىلاش ئۈستىدە باش قاتۇردى. چۈ جىنبو شۇ جايدىكى ئەڭ بالدۇر كۆچەت تىككەن دېھقان ئائىلىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2000- يىلىنىڭ بېشىدىلا بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆچەت يېتىشتۈرۈش كەسپىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدە باشلانغان تەرەققىياتىغا شاھىد بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 150 مو يەردىكى گۈل- گىياھنى ئەڭ ياخشى ۋاقىتتا 4، 5 مىليون يۈەنگە ساتالايمەن. كۈزدە بىر قېتىم، ئەتىيازدا بىر قېتىم، يىلدا ئىككى قېتىم ساتقىلى بۇلىدۇ.

▲ شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا، قوتۇبىي ناھىيەسىدە كۆچەت يېتىشتۈرۈش تەدرىجىي يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئەمما سورتلار ئوخشاش ، رىقابەت تەرتىپسىز بولغاچقا، يېتىشتۈرگەن كۆچەتلەرنى سېتىپ چىقىرىش بارغانسىرى تەسلەشتى. 2008- يىلى قۇتۇبى ناھىيەسى دېھقانلارنى تەشكىللىنىپ كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بولۇپ ئويۇشۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، كۆچەت يېتىشتۈرۈش كەسپىنى تەدرىجىي قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇردى. چۈ جىنبو ئېقىمغا ماسلىشىپ، ئۆز جايىدىكى تۇنجى «كۆچەت يېتىشتۈرۈش دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى»نى قۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەسىلەن: كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمىدۇننى ئالساق، دىئامىتىرى ئۈچ سانتىمېتىر كېلىدىغان كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمىدۇننى بازارغا سالساق، باھا تالىشىپ يۈرۈپ يەتتە، سەككىز يۈەندىن ساتقىلى بۇلاتتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، باھانى كوللىكتىپنىڭ كۈچىگە تايىنىپ بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، 15 يۈەندىن، 30 يۈەنگىچە ساتتۇق.

▲ قۇتۇبى ناھىيەسى 2012- يىلى، تۇنجى نۆۋەتلىك «شىنجاڭ كۆچەت، گۈل- گىياھ كۆرگەزمىسى »ئۆتكۈزۈپ، نەق سودا ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئېلىمىزدىكى ئەمەلىي كۈچى بار بىر تۈركۈم كۆچەت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى جەلپ قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر يىلى بۇ يەردە ئۆتكۈزىدىغان «كۆچەت، گۈل- گىياھ كۆرگەزمىسى» غەربىي شىمالنىڭ كۆچەت، گۈل- گىياھ يېتىشتۈرۈش كەسپىدىكى ئەڭ داڭلىق ماركا بولۇپ قالدى. 6 يىلدىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى كۆچەت، گۈل- گىياھقا مۇناسىۋەتلىك 21 كارخانىنى كىرگۈزۈپ، سىرتتىن 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ جەلپ قىلدى. جياڭسۇلۇق كارخانىچى دەي ۋېيجۇڭ مۇنداق دېدى: قوتۇبىي دىيارىنىڭ كۆچەت يېتىشتۈرۈشكە تولىمۇ ماس كېلىدىغانلىقى، بازارنىڭ كۆچەتكە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. بىز بۇ يەردە «جېنشى» كۆچەت يېتىشتۈرۈش بازىسى چەكلىك شىركىتىنى قۇردۇق. قارىياغاچ دەرەخلىرىنى ئىلگىرى ئوتۇن باھاسىدىلا ساتاتتۇق، باغۋەنلەرنىڭ پىششىقلاپ ئىشلىشىدىن ئۆتكەچكە،ھازىر 10، 20 مىڭ يۈەنگە سېتىشتىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بۇلىدىغان بولدى. تېخىمۇ مۇھىمى، يوپۇرماقلاردىن شەكىل ھاسىل قىلىنىپ، ئۇنىڭغا تېخنىكا ۋە مۇلازىمەت قېتىلغاچقا، كەسىپ زەنجىرىنىڭ قىممىتى يەنىمۇ ئېشىۋاتىدۇ.

▲ قۇتۇبى ناھىيەسى كۆچەتچىلىك كەسپىنىڭ ئۈزۈكسىز تىپىنى ئۆزگەرتىپ،دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، كۆچەت يېتىشتۈرۈش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەت تىپىدىكى يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، سېتىش سوممىسىنى 2 مىليارد يۈەندىن ئاشۇردى. يەنە قازاقىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى كارخانىلار بىلەن مۇقىم كۆچەت سېتىش مۇلازىمىتى ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، «غەربىي رايوندىكى كۆچەت ماكانى» دېگەن نامىنى بارغانسېرى تۇنۇتتى.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق كۆچەت، گۈل- گىياھ كەسپى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، قۇتۇبى دۆلەت دەرىجىلىك كۆچەت سودا بازىرى چەكلىك پاي شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى فەن شياۋفېڭ مۇنداق دېدى: پۈتكۈل كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈش، ئۇچۇرنى يوچۇقسىز تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە سودا قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭغا قارىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تەسىر كۆرسىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلىنىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى