قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇرپان ئۈزۈمى ھەققىدە سىز بىلمەيدىغان يېڭىلىقلارنى ئاڭلىغۇڭىز بارمۇ؟

2018-09-06 17:17:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدىغان 27- نۆۋەتلىك «جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم سەيلىسى» مۇشۇ ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تۇرپان شەھىرىنىڭ ساياھەت- مەدەنىيەت مەيدانىدا باشلاندى. شۇ كۈنى مېۋىسىنىڭ چوڭ- كىچىلىكى كاۋاۋىچىندەك كېلىدىغان بىر خىل ئۈزۈم سورتى -- 27- نۆۋەتلىك جۇڭگو «يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم سەيلىسى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ساياھەتچىلەر بەس- بەستە تالىشىپ سۈرەتكە تارتىشقان «ئەتىۋارلىق» ئۈزۈمگە ئايلاندى.

ساياھەتچىلەر ئەڭ كىچىك ئۈزۈم ھېساپلىنىدىغان بۇ «ئۇششاق» لارنى سۈرەتكە تارتىۋېلىش ئۈچۈن، ئېچىلىش مۇراسىمى مەيدانىدا، يان تېلېفونلىرىنى بەس- بەستە «غۇنچە ئۈزۈم» گە توغرىلىغىنىچە ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ، بەزىلەر بىلىكىدىكى سائىتىنى ئېلىپ ئۈزۈمنىڭ يېنىغا قويۇپ، يەنە بەزىلەر ئۈزۈمنى ئالقىنىغا قويۇپ دېگەندەك خىلمۇ- خىل شەكىل چىقىرىپ چاراسلىتىپ سۈرەتكە تارتىشتى...

▲ تۇرپان شەھەرلىك باغۋەنچىلىك تېخنىكا كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ ئىنژېنىرى ۋۇ يۈخۇا مۇنداق دېدى: بۇ ئۈزۈمنى ئۇششاق كۆرمەڭلار، بۇ خىل ئۈزۈم سورتى تۇرپاننىڭ يەرلىك ئۈزۈم سورتلىرى ئىچىدە ئەڭ ئۆزگىچىلىككە ئىگە سورتىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل مېۋىسى ئەڭ ئۇششاق ئۈزۈم «غۇنچە ئۈزۈم» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئۈزۈم ھەقىقەتەن خاسلىققا ئىگە، ئۇنى تىكىپ ئۆستۈرۈش قىيىن، نۇرغۇن قېتىم ئۇلاپ سورتىنى ئۆزگەرتىمەكچى بولغان بولساقمۇ، لېكىن مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىدۇق. شۇ سەۋەبلىك كۆپچىلىك بۇنى بىر مۆجىزە دەپ ھېساپلىدى. بۇ خىل ئۈزۈم ئاساسەن قۇرۇتۇلۇپ دورا ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ، بازاردىمۇ ئاسانلىقچە تاپقىلى بولمايدۇ.

▲ تۇرپاندا بۇ خىل «غۇنچە ئۈزۈم» دىن باشقا يەنە تۇرپاننىڭ ئەڭ بۇرۇنقى، ئەڭ ئىپتىدائى ئۈزۈم سورتلىرىدىن كۆپچىلىككە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان كىشمىش ئۈزۈمنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. تۇرپاندىكى 552 مىڭ مو ئۈزۈمزارلىقتىن كىشمىش ئۈزۈم سورتى قويۇلغان كۆلەم %90 كە يېتىدۇ. ئۆستۈرۈلۈش تارىخىدىن قارىغاندا، غۇنچە ئۈزۈم بىلەن كىشىمىش ئۈزۈم تۇرپان ئۈزۈملىرنىڭ «بوۋىسى» بۇلالايدۇ. لېكىن، كىشمىش ئۈزۈم ھۆل پىتى ئىستېمال قىلىنغاندىن باشقا، سايىدا قۇرۇتۇلۇپ قۇرۇق كىشمىش قىلىنىدۇ شۇنداقلا ئېچىتىپ ئۈزۈم ھارىقى ئىشلىنىدۇ، تۇرپاننىڭ ھاۋا كېلىماتى كىشمىش ئۈزۈم تىلى ئۆستۈرۈشكە تولىمۇ ماس كېلىدۇ، شۇڭلاشقا كىشمىش ئۈزۈمنىڭ ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى ھەممىدىن كۆپ.

▲ ناۋادا كىشمىش ئۈزۈمنى تۇرپان ئۈزۈمىنىڭ «بوۋىسى» دىيىشكە توغرا كەلسە، ئۇنداقتا يالقۇن كىشمىش، شىنيۇ ۋە ئوت يۇرتىدىكى قىزىل قاشتېشى ئۈزۈملىرىنى تۇرپاندا كۆپ ئۇچرايدىغان يېڭى ئۈزۈم سورتلىرى دېيىشكە بولىدۇ. تۇرپان شەھەرلىك باغۋەنچىلىك تېخنىكا كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ ئىنژېنىرى ۋۇ يۈخۇا مۇنداق دېدى: بۇ سورتلارنى تۇرپان شەھەرلىك باغۋەنچىلىك تېخنىكا كېڭەيتىش مەركىزىمىز ئۇلاش ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ يېتىشۈرۈپ چىققان بولۇپ، تۇرپاندا ئۆستۈرۈشكە ئەڭ ماس كېلىدۇ. تەمىنىڭ ياخشىلىقى، كېسەللىك، زىيانداش ھاشارەتلەرگە تاقابىلچانلىقىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى-- بۇ خىل سورتلارنىڭ ئالاھىدىلىكى.

▲ ناۋادا سىزنىڭ تۇرپان ئۈزۈمى ھەققىدىكى تونۇشىڭىز پەقەت ئۈزۈم ۋە قۇرۇق كىشمىش بىلەنلا توختاپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنى زاماننىڭ ئارقىسىدا قاپتىمەن دەپ ھېساپلىسىڭىز بولىدۇ. نۆۋەتتە، تۇرپاندا ئۈزۈم ھارىقى كارخانىسىدىن 40 ئى بولۇپ، قىزىل ئۈزۈم، ئاق ئۈزۈم، مۇز ئۈزۈم ھاراقلىرى ۋە لىكو ھارىقى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. تۇرپاننىڭ ئۈزۈمچىلىك كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن، تۈرلۈك تەمدىكى ئۆزگىچە ئۈزۈم سورتلىرىمۇ بۇ يەردە كېڭەيتىلمەكتە.

ئالى ئىنژىنېرنىڭ نەزىرىدە، بۇ بىر قىسىم ئوخشاشمىغان تەمگە ئىگە ئۈزۈملەر، خۇددى رەڭ تەڭشەش تاختىسىدىكى بوياققا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنى ئوخشاش بولمىغان ئۈزۈم سورتلىرىغا ئۇلىغاندا، تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ تەملىك بولغان يېڭى ئۈزۈم سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدىكەن.

▲ تۇرپانلىقلارنىڭ ئۈزۈم تاللاشتا مۇنداق بىر يۈرۈش قائىدىسى بار: كىشمىش ئۈزۈم تاللىغاندا مېۋە دانىسى ئوتتۇراھال، پوستى نېپىز، يەنە پىشىپ سارغايغانلىرىنى تاللىسا مېۋىسى تاتلىق چىقىدۇ. سايۋا ئۈزۈم تاللىغاندا، مېۋىسىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشاش، رەڭگى پاقىراقلىرىنى تاللىغاندا تەم ياخشى بولىدۇ.

بۇ يىل تۇرپان ئۈزۈمى ھەقىقەتەن تاتلىق پىشقاچقا، ئۈزۈمچىلىك ئائىلىلىرنىڭ چۆنتىكى پۇلغا لىق تولدى. تۇرپان شەھەرلىك باغ ئورمان زىيانداشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش- كارانتىن قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يۈ فېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە، تۇرپان شەھىرىمىز بويىچە سېتىلغان ھۆل ئۈزۈم 350 مىڭ توننىغا يېقىنلىشىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دېھقانلىرىمىزنىڭ كىرىمى %20 ئاشتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى