قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قابا ناھىيەسى 100 مىڭ مو يەردىكى گازىر تاۋۇزىدىن مول ھوسۇل ئالدى

2018-09-06 17:17:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندىن بۇيان، قابا ناھىيەسىنىڭ سارتام يېزىسى كۆكتاس كەنتىنىڭ قۇرۇتۇش مەيداندا، دېھقانلار تەرتىپ بويىچە تاۋۇز گازىرلىرىنى ئاپتاپقا سېلىش ۋە قۇرۇغانلىرىنى تاغارغا قاچىلاش ئىشلىرى بىلەن بىر قۇلىنى ئىككى قىلالمايلا قالغانىدى. بۇ ئەلۋەتتە تاۋۇز گازىرنىڭ يامغۇردا قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ھوسۇلنى يېغىۋېلىش، تاۋۇز گازىرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى باھادا سېتىپ چىقىرىش ئۈچۈن ئىدى .

سارتام يېزىسى كۆكتاس كەنتىنىڭ ئەزاسى خابىمۇرا جۇماتول مۇنداق دېدى: بۇ يىل 80 مودىن كۆپرەك يەرگە گازىر تاۋۇزى تېرىۋىدىم، مەھسۇلاتى ياخشى چىقتى، باھاسىمۇ ئۈرە بولىۋاتىدۇ، گازىر تاۋۇز مەھسۇلاتىنىڭ 11 توننىغا يېتىشىدە گەپ يوق. كېلەر يىلى يەنىمۇ كۆپرەك تېرىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.

▲ نۆۋەتتە تاۋۇز گازىرىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ بازار باھاسى 10 يۈەندىن 15 يۈەنگىچە بولىۋاتقان بولۇپ، دېھقانلار گازىر تاۋۇزىنىڭ مو بېشىدىن 100 كىلوگرام ئەتراپىدا ھوسۇل ئالالىغاندىمۇ، مو بېشى كىرىمىنىڭ مىڭ يۈەندىن ئېشىشى مۇقىملىشىپ قالدى.

قابا ناھىيەسى بۇ يىل 102 مىڭ 600 مو يەرگە گازىر تاۋۇزى تېرىغان بولۇپ، ئاساسلىق سورتلىرىدىن: قىزىل ئۇرۇقلۇق ۋە قارا ئۇرۇقلۇق گازىر تاۋۇزى سورتلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى قىزىل ئۇرۇقلۇق گازىر تاۋۇزى بالدۇر پىشار سورتقا تەۋە. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قابا ناھىيەسىدىكى دېھقانچىلىق تېخنىكلىرى «پەن- تېخنىكا قىشلىقى»، «پەن- تېخنىكا يازلىقى» پائالىيەتلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، دېھقانلارنى بىر يەرگە يىغىپ دەرس ئۆتۈش، ئېتىزلىقلاردا ئۈلگە كۆرسىتىپ تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپلا قالماي، يەنە يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارەت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش، ئېتىز- ئېرىق پەرۋىشى جەھەتلەردىكى تەشۋىقات ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىكەچكە، قابا دېھقانلىرىنىڭ تېرىقچىلىق سەۋىيىسى ئۆسۈپ، زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلاتى كاپالەتكە ئىگە بولدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى