قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ سابىق ئورتاق رەئىس دۆلىتى ۋە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئورتاق رەئىس دۆلىتىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

2018-09-06 18:15:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 9- ئاينىڭ 4- كۈنى، 2018- يىللىق جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەرنىڭ سابىق ئورتاق رەئىس دۆلىتى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ زۇڭتۇڭى رامافۇسا، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئورتاق رەئىس دۆلىتى سېنېگالنىڭ زۇڭتۇڭى سال بىلەن بىرلىكتە، بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ ۋېيبىڭ فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- سېنتەبىر تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار جېڭ مىڭدا، سۈن يى). 9- ئاينىڭ 4- كۈنى، 2018- يىللىق جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەرنىڭ سابىق ئورتاق رەئىس دۆلىتى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ زۇڭتۇڭى رامافۇسا، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئورتاق رەئىس دۆلىتى سېنېگالنىڭ زۇڭتۇڭى سال بىلەن بىرلىكتە خەلق سارىيىدا مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە ئەزا تەرەپلەرنىڭ باشلىقلىرى بېيجىڭغا جەم بولۇپ، «ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ جۇڭگو- ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، جۇڭگو- ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى پىلانلاپ، جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. يىغىندا «تېخىمۇ زىچ جۇڭگو- ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بېيجىڭ خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنىپ، «جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى − بېيجىڭ ھەرىكەت پىلانى» ماقۇللىنىپ، دۇنياغا جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلىشىدىن ئىبارەت كۈچلۈك سىگنال يەتكۈزۈلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو- ئافرىقا رەھبەرلىرى قول تۇتۇشۇپ مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئالىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان، بەختتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، مەدەنىيەتنى ئورتاق گۈللەندۈرىدىغان، خەۋپسىزلىكنى ئورتاق يارىتىدىغان، ئىناق ئۆتۈپ ئورتاق ياشايدىغان جۇڭگو- ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى. جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە سىياسەت جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى قولايلاشتۇرۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ساغلاملىق- ساقلىقنى ساقلاش، ئادىمىيەت ئالاقىسى، تىنچلىق- خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت «سەككىز چوڭ ھەرىكەت»نى نۇقتىلىق ياخشى يولغا قويۇشى كېرەك. جۇڭگو ھەقىقىي، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسى ۋە توغرا ھەققانىيەت- مەنپەئەت قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، ئافرىقا بىلەن بىللە، جۇڭگو- ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق- ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر، مۇستەھكەم، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىقى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا ئىزچىل چىڭ تۇردى. خەلقئارا ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنىڭ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر ئافرىقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئافرىقىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، ئافرىقىنىڭ تەشەببۇسىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئافرىقىغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو- ئافرىقا رەھبەرلىرى بارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئورتاق سادا چىقاردى. بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشى جۇڭگو- ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسىنى ئېچىپ، جەنۇب- جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى دەۋر ئابىدىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى خەلقئارانىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ۋە جەنۇب- جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ بايرىقىغا ئايلاندى. بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى جۇڭگو- ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق- ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تارىخىي مۇساپە ئاچتى. بىز جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنى ئورتاق ھالدا پۇختا، كۈچلۈك قىلىپ، بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭگو- ئافرىقا خەلقىگە بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان ئافرىقا تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو ۋە ئافرىقىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ پائال قاتناشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، 2 مىليارد 600 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو- ئافرىقا خەلقىنىڭ پائال قوللىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ جۇڭگو- ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنىڭ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدىغانلىقى، جۇڭگو- ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەتىسىنىڭ چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشەندى.

  رامافۇسا بىلەن سال سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغان 18 يىلدىن بۇيان، ئافرىقا- جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ، بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىشىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك سۇپىغا ئايلاندى. بىز جۇڭگو تەرەپنىڭ ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمىز، رەئىس شى جىنپىڭ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ بۇ قېتىملىق بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز، بېيجىڭ شەھىرى خەلقىنىڭ قىزغىن، دوستانىلىقىغا ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز. بېيجىڭنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە پاكىز، رەتلىك شەھەر قىياپىتى بىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى مول نەتىجىلىك بولۇپ، ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ قېرىنداشلارچە چوڭقۇر دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى، ئافرىقا- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزدى. ئافرىقا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئافرىقا- جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق- ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، ئافرىقا- جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو- ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئافرىقا- جۇڭگو خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى