قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

27-نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى توقسۇن تارماق مەيدان پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2018-09-06 18:36:41     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

 

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى چىڭخەي، دۈەن جيەنيۈن، ئالىيە خەۋىرى، فوتوسى: 9-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى باشلاندى، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 19 دا توقسۇن ناھىيەسىنىڭ تارماق مەيدان پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەت «تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى پىشتى» ئاساسىي تېما قىلىنغان ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن باشلاندى. يەرلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىن نومۇر كۆرسىتىشكە قاتناشقان ئارتىسلار ساياھەتچىلەرگە مول مەزمۇنلۇق نومۇرلارنى ئورۇنداپ بەردى. مېھماندوست توقسۇن خەلقى ئۆزىگە خاس ئۇسۇللار بىلەن جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ئارىسىدا ئۈزۈم يېيىش مۇسابىقىسى ۋە كۆزىنى ئېتىپ قويۇپ ئۈزۈم تېتىپ پەرقلەندۈرۈش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

 

 

 

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى