قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پويىز شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە تۈرتكە بولدى

2018-09-07 13:28:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  9- ئاينىڭ 5- كۈنى، 2018- يىلىدىكى شىنجاڭغا كىرگەن 100- ساياھەت مەخسۇس پويىزى 767 ساياھەتچىنى ئېلىپ، سائەت 14 تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.

    سۈرەتتە: ساياھەتچىلەر سەنشى داتۇڭدىن شىنجاڭ بېيتۈنگە قاتنايدىغان Y401- قېتىملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزىدا «داۋانچىڭ قىزى» دېگەن ناخشىنى ئېيتماقتا. (مۇخبىرىمىز زۇ يى فوتوسى)

  مۇخبىرىمىز لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 5- كۈنى، ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كەلگەن بېيجىڭلىق ساياھەتچى خې لىشيا مۇنداق دېدى: پويىزغا ئولتۇرۇپ ساياھەتكە چىقىش بەكلا قولاي ئىكەن، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ- ئادەتلىرى بۇ قېتىمقى ساياھىتىمنى ئىنتىزارلىققا تولدۇردى.

  شۇ كۈنى، سەنشى داتۇڭدىن شىنجاڭ بېيتۈنگە قاتنايدىغان Y401- قېتىملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزى 767 ساياھەتچىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى، بۇ، بۇ يىل شىنجاڭغا كىرگەن 100- ساياھەت مەخسۇس پويىزى. بۇ قېتىمقى ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىكى ساياھەتچىلەر ئاساسلىقى سەنشى، خېبېي، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن بولۇپ، پويىز 14 كۈنلۈك مۇساپىدە غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكىدىن ئۆتىدۇ، ساياھەتچىلەر قاناس، بوغدا كۆلى قاتارلىق نۇرغۇن مەنزىرە نۇقتىلىرىنى تاماشا قىلالايدۇ.

  8- ئايدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەت مەخسۇس پويىزلىرى مەركەزلىك يېتىپ كېلىپ، شىنجاڭنىڭ جەنۇبى، شىمالى ۋە ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئۈچ يول لىنىيەسىنى قاپلاپ، بىر لىنىيە بىلەن كۆپ ساياھەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ساياھەت مەخسۇس پويىزى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، شىنجاڭ ساياھەت بازىرىنىڭ سىجىل ئۆرلەيدىغان يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندى.

  جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يولۇچىلار تىرانسپورتى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئىچكىرىدىكى تۆمۈريول تارماقلىرى بىلەن بولغان گۇرۇھ ھالقىغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «شىنجاڭغا باشلاپ كىرىش» خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ «ساياھەت + شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش + قاتناش» يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ داڭلىق ماركا تەسىر كۈچىنى زورايتىپ، ئىچكىرى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. ھازىر «بېيجىڭ- خوتەن»، «خاربىن- ئالتاي»، «ۋۇخەن- بورتالا» قاتارلىق ساياھەت مەخسۇس پويىزلىرىنىڭ قاتناش يول لىنىيەسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ساياھەت مەزمۇنى بېيىتىلىپ، توختايدىغان بېكەت نۇقتىلىرى كۆپەيتىلدى، كېچىسى يول يۈرۈپ، كۈندۈزى ساياھەت قىلىش ئەندىزىسى ساياھەتچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، «خاربىن- ئالتاي» قاتارلىق ساياھەت مەخسۇس پويىزلىرىنىڭ دائىملىق قاتنىشى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. تۆمۈريول ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ قاتنىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ سىجىل جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، «شىنجاڭغا باشلاپ كىرىش» 2015- يىلى باشلانغان بولۇپ، شۇ يىلى شىنجاڭغا جەمئىي 102 ساياھەت مەخسۇس پويىزى، 2016- يىلى 153 ساياھەت مەخسۇس پويىزى قاتنىغان، 2017- يىلى شىنجاڭغا قاتنىغان ساياھەت مەخسۇس پويىزى 176 گە يەتكەن، پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش ئىچكىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭنى بەھۇرۇز ئايلىنىشىدىكى يېڭى ئۇسۇلغا ئايلانغان.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى