قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەپتەر باقمىچىلىقى ئارقىلىق يۇرتداشلىرىنى بېيىشقا يېتەكلەش

2018-09-12 10:32:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
سانجى شەھىرى دەنبا يېزىسىنىڭ دەنبا كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق لۇ خۇڭگاڭ گۆش كەپتىرى بېقىش ئارقىلىق بېيىش يولىنى ئاچتى. 
مۇخبىر لۇ خۇڭگاڭنىڭ كەپتەرخانىدا كەپتەرلىرىنىڭ تۇخۇم بېسىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆردى. كەپتەر بېقىش ئۈستىدە توختالغاندا، لۇ خۇڭگاڭ 2015- يىلى ئۆزىنىڭ «كەپتەر كاۋىپى» سەۋەبلىك كەپتەر بېقىش ئويىغا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر قېتىم دوستلىرىم بىلەن بىللە تاماق يېگىلى بېرىپ، كەپتەر كاۋىپى يېدۇق. مەن كەپتەر كاۋىپىنى يەپ ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالدىم ھەمدە بۇ يەرنىڭ خوجايىنى بىلەن پاراڭلىشىپ، بۇ خىل كاۋاپنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرى، تەمىنلەشنىڭ ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتقانلىقىنى بىلىپ، بۇنىڭدىن سودا پۇرسىتىنى بايقاپ، كەپتەر بېقىشنى قارار قىلدىم.
2016- يىلى لۇ خۇڭگاڭنىڭ كەپتەر بېقىش ئويى بارغانسېرى كۈچەيدى. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، گۆش كەپتىرى بېقىشنى قارار قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ شىخەنزە، قاراماي ھەتتا گەنسۇ، شەندۇڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ بىر تەرەپتىن باقمىچىلىق تەجرىبىلىرىنى ئۆگەنگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن بازار ئېھتىياجىنى تەكشۈردى. 2016- يىلى 8- ئايدا، لۇ خۇڭگاڭ شەندۇڭدىن بىر تۈركۈم نەسىللىك كەپتەر سېتىۋېلىپ، گۆش كەپتىرى بېقىشقا باشلىدى. لۇ خۇڭگاڭ مۇنداق دېدى: بىرىنچى تۈركۈم كەپتەرلىرىمنى تۇنجى قېتىم كەپتەر بېقىشىم بولغاچقا ئانچە ياخشى باقالمىدىم. بۇنىڭ بىلەن مەن يەنە 1 مىڭ 200 كەپتەرنى قارامايدىن كىرگۈزۈپ باقتىم.                   
ئۇنىڭ يېڭىدىن كىرگۈزگەن كەپتەرلىرى كېسەل بولۇپ قالدى. لۇ خۇڭگاڭ مۇنداق دېدى: كەپتەرلىرىمگە كېسەل تېگىپ 700 گە يېقىن كەپتەر ئۆلۈپ كەتتى. بۇ ماڭا قاتتىق زەربە بولدى. شۇ چاغلاردا مەن ناھايىتى چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنىدىم.
لۇ خوڭگاڭ بۇنىڭلىق بىلەن ۋاز كەچمىدى. ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن كەپتەرلەرنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئاناتومىيىلىك تەكشۈرۈش قىلىپ، كېسەللىك سەۋەبىنى ئانالىز قىلدى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، لۇ خۇڭگاڭ باقمىچىلىق جەھەتتىكى ئۆگىنىشنى توختىتىپ قويمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە باقمىچىلىق كۆلىمىنى ئۈزۈكسىز كېڭەيتتى. ئۇ ئىلمىي ئۇسۇلدا باققان گۆش كەپتىرى 3 مىڭدىن ئېشىپ، كەپتەرخانىسىنىڭ كۆلىمىمۇ 300 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇ 80 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن كەپتەرلىرىمنى ئاساسلىقى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن سودىگەرلەرگە ساتتىم. ئۈرۈمچىدىكى سودىگەرلەر ھەر قېتىم كەلگەندە قانچىلىك كەپتەر بولسا شۇنچىسىنى سېتىۋالىدۇ. كەپتەرلىرىمنىڭ ھەربىرىنى 18 يۈەندىن، چوڭراقلىرىنى 20 يۈەندىن 25 يۈەنگىچە ساتتىم.         
لۇ خۇڭگاڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ. شۇڭا، مەن كەنتتىكىلەرنى باقمىچىلىق قىلىشقا يېتەكلەپ، كۆپچىلىكنىڭ مەن بىلەن بىللە ئىگىلىك تىكلەپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدىم. كەنتتە گۆش كەپتىرى بېقىشنى خالايدىغانلار بولسا مەن ئۇلارنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىشقا يېتەكلەيمەن.  

 تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى