قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۇزاق ئۇخلىغاننىڭ پايدىسى يوق

2018-09-12 18:02:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بەزىلەر ياز بىلەن كۈز ئالمىشىدىغان پەيتتە ئاسان زۇكام بولۇپ قالىدۇ، تېبابەتتە ئۇلار ئاسان زۇكام بولىدىغان كىشىلەر توپى، دەپ ئاتىلىدۇ. ناتوغرا يېمەك- ئىچمەك ئادىتى، ئىممۇنېتىت كۈچى ئاجىزلاش، ئادەم زىچ توپلاشقان يەلەردە يۈرۈش، زىيادە كۆپ تاماكا چېكىش ئادەمنى ئوڭايلا زۇكام قىلىپ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇنداق سەۋەبلەرمۇ بار:
كۆپ ئۇخلاش:
كۆپ ئۇخلاپ، ھەرىكەتنى ئازايتىپ، ماغدۇرسىزلىنىش، چۈشكۈنلىشىش، ئىممۇنېتىت سېستىمىسى بۇزۇلۇشقا سەۋەب بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم ئاسان زۇكام بولىدۇ.
قەۋزىيەت:
تەرەت نورمال بولمىسا، چوڭ ئۈچەي ئۆپكىنىڭ رولىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئادەمنى زۇكام قىلىۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، قەۋزىيەت بولغان ئادەم بەدەندىكى زەھەرنى سىرتقا ھەيدىيەلمىگەچكە ئوڭاي زەھەرلىنىدۇ، ھەتتا ئۆپكىگە ئىسسىق ئۆتۈپ گال ئاغرىش، قىزىش ئالامىتى پەيدا قىلىدۇ.
ئاپتاپتىن قورقۇش:
 ئاپتاپ بەدەنگە ۋىتامىن «د» تولۇقلاپ، كالىتسىينىڭ سۈمۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەن ساغلام بولىدۇ. بىراق، بەزىلەر ئاپتاپتىن قورقىدۇ، بۇنداق ئادەمنىڭ ئىممۇنېتىت كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئوڭايلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ.
  تەنھالىق:
 ئەگەر ئادەم باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشنى خالىماي يۈرسە، ئۇنداقتا ئادەم كۆپ مۇھىتقا دۇچ كەلسىلا، دەرھال كۆنەلمەي، ئوڭاي زۇكام بولۇپ قالىدۇ.
  تاماقنى ئاز يېيىش: بەزىلەر ھەددىدىن زىيادە ئاز تاماق يەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەن ئاجىزلاپ، قان سوۋۇپ كېتىدۇ ۋە ئورگانىزىمنىڭ ئىممۇنېتىت كۈچى ئاجىزلاپ ئوڭاي زۇكام بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى