قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ يىللىق تاۋۇز چاغىنىدا ئۈرۈمچىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايرۇپىلانلارنىڭ بېلىتى يەنىلا ئېتىبار باھادا سېتىلماقتا

2018-09-12 18:14:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىللىق تاۋۇز چاغىنىدا ئۈرۈمچىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايرۇپىلانلارنىڭ بېلىتى يەنىلا ئېتىبار باھادا سېتىلماقتا، ئۈرۈمچىدىن چۇڭچىڭ، شىئەنلەرگە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانلارنىڭ بىلەت باھاسى مىڭ يۈەن ئەتراپىدا، ئۈرۈمچىدىن شاڭخەي، گۇاڭجۇغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانلارنىڭ بىلەت باھاسى 1500 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، يازلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا 200 يۈەندىن 400 يۈەنىگىچە تۆۋەنلىدى. شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە، مۇشۇ ئاينىڭ20- كۈنىدىن25- كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ بىلەت باھاسىدا ئوتتورىچە 70 پىرسەنت ئەتىراپىدا ئېتىبار بېرىلىدۇ. ئۈرۈمچى ـ غۇلجا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدىكى ئۈچ كۈندە 200 يۈەنلىك ئايروپىلان بېلەتلىرىنى سېتىۋالغىلى بولىدىغان بۇلۇپ، 89 پىرسەنت ئېتىبار بېرىلىۋاتىدۇ. تاۋۇز چاغىنىدىن كىيىنكى قايتىش بىلىتىنىڭ ئوتتورىچە باھاسىمۇ 200 يۈەندىن سەل يۇقىرى بولىۋاتىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ21ـ كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئالتايغا  ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانلارنىڭ بىلەت باھاسى 75 پىرسەنت چۈشۈرۈلۈپ، 435 يۈەندىن باشلاپ سېتىلىۋاتىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ 21ـ كۈنى ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايرۇپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى 77 پىرسەنت چۈشۈرۈلۈپ، 460 يۈەندىن باشلاپ سېتىلىۋاتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى