قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

توڭلىتىپ قۇرۇتۇش تېخنىكىسى شىنجاڭ خاس باغۋەنچىلىكىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

2018-09-12 18:34:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

»بۇ يەرنىڭ ئالما قېقى بەك يېيىشلىك ئىكەن، ئىمپورت مەھسۇلاتمىكىن دەپ قاپتىمەن!« مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پوسكام ئالتۇن توغراق مەنزىرە رايونىدا، شاڭخەيلىك ساياھەتچى جاڭ خۇشېڭ توڭلىتىپ قۇرۇتۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن ئالما قېقىنى يېگەچ، شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى.
جاڭ خۇشېڭ تاللاپ سېتىۋالغان مەھسۇلاتنى شاڭخەي كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە كىرگۈزۈلگەن كارخانا - شىنجاڭ مىنلۇڭدا قۇرۇق مېۋە كەسپى چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان. پوسكامدا ماكانلاشقىنىغا ئون يىل بولاي دەپ قالغان بۇ كارخانا ئەسلىدىكى 5500 توننا چىلاننى ئىنچىكە پىششىقلاش ئاساسىدا، بۇ يىل يەنە 4 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، توڭلىتىپ قۇرۇتۇش تېخنىكىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇردى، كارخانىنىڭ يىلىغا 8000 توننا يېڭى مېۋە پىششىقلىشى مۆلچەرلەندى.
شىنجاڭ مىنلۇڭدا قۇرۇق مېۋە كەسپى چەكلىك شىركىتى باش دىرېكتور ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۈن لېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 6 - ئايدا سېتىۋالغان ئۈجمە بىلەن يېڭى ئۆرۈكنى پىششىقلىغاندىن كېيىن شاڭخەيگە ئېلىپ بېرىپ ساتتۇق، 150 گىرامدىن قاچىلانغان بىر خالتا توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان ئۈجمىنىڭ سېتىلىش باھاسى 15 يۈەن بولۇپ، ئاشۇرما قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. توڭلىتىپ قۇرۇتۇش تېخنىكىسى تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە ئوكسىگېن كەمچىل شارائىتتا مېۋە، كۆكتاتلارنى قۇرۇتۇپ، نورمال تېمپېراتۇرىدا سۇ قوشۇپلا ئەسلىي ھالىتىگە قايتۇرغىلى بولىدىغان، رەڭگى، پۇرىقى، تەمى، شەكلى ئۆزگەرمەيدىغان، ئوزۇقلۇق تەركىبى ئاساسەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدىغان بىر تۈرلۈك تېخنىكا. بۇ يېڭى تېخنىكا شىنجاڭنىڭ خاس باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىغا ئالاھىدە ماس كېلىدۇ. ھازىر، شىركىتىمىز يەكەن، مارالبېشى، پوسكام، قاغىلىقتىن ئىبارەت تۆت ناھىيەدە خاس باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ، توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان يېمەكلىك ئىشلىگەندىن كېيىن، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدا سېتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
پوسكام ناھىيەسى بويلۇق تاجىك يېزىسىنىڭ تۇغچى كەنتىدىكى دېھقان مەمەت ئابلىز خۇشال ھالدا: ئىلگىرى يول يىراق بولغاچقا، سېتىۋالىدىغان سودىگەرلەر كېلىشنى خالىمايتتى، ھازىر مىنلۇڭدا شىركىتى مەخسۇس ئاپتوموبىل ئەۋەتىپ ئېتىز بېشىدىلا سېتىۋالىدىغان بولدى، ئۇلار قۇرۇق مېۋىلەرنىمۇ، پەسىللىك مېۋىلەرنىمۇ سېتىۋالىدۇ، سېتىۋېلىش باھاسىمۇ خېلى يۇقىرى، بىز دېھقانلار بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتۇق، دېدى. ھازىر، مىنلۇڭدا شىركىتى ئەتراپتىكى 2500دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنىڭ ھەربىرىنىڭ يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كىرىمىنى 8000 يۈەندىن ئارتۇق ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
جەنۇبىي شىنجاڭدىلا ئەمەس، شەرقىي شىنجاڭدىكى قومۇلدىمۇ ئوخشاش تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان كارخانا - شىنجاڭ چاڭگېدې گو يېمەكلىك پاي چەكلىك شىركىتى بار. بۇ كارخانىغا خېنەن خاۋشياڭنى چىلانچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سالغان بولۇپ، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپ ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق تۈرى. ھازىر، شىنجاڭ چاڭگېدې گو يېمەكلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان مېۋە، كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش تۈرىگە 175 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. خاۋشياڭنى چىلانچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى لۇ گوجيې مۇنداق دېدى: سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىدىلا بىز قومۇل ۋە ئەتراپتىن 500 توننا قوغۇن سېتىۋالدۇق.
27 ياشلىق ئايزۆھرەم مەمەت قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى ئاستانە بازىرىنىڭ ئاستانە كەنتىدىكى دېھقان بولۇپ، تەربىيەلەنگەندىن كېيىن مۇشۇ كارخانىنىڭ سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندى. ئايزۆھرەم مەمەت مۇنداق دېدى: مەن ھازىر ماشىنا مەشغۇلاتىنى پىششىق ئىگىلەپ بولدۇم، سىناق مەزگىلىدە ئىشلەۋاتقان بولساممۇ، ئايلىق مائاشىم 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى مەمنۇن. زاۋۇتتا ھازىر ماڭا ئوخشاش 200 ئىشچى بار، تەربىيەلىنىش ئارقىلىق دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندۇق، يىلىغا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمىز، بۇ، ئىلگىرىكىنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
ھازىر، توڭلىتىپ قۇرۇتۇش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدا باغۋەنچىلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى شەكىللەنمەكتە ھەم شىنجاڭ باغۋەنچىلىكىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقتا.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى