قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«يۆجىنگەي» كوچىسىنىڭ شەرققە ئۇزارتىلغان بۆلىكىدىكى « T » شەكىللىك يول ئۆزگەرتىلىپ قاتناش باشلاندى

2018-09-12 18:37:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۈرۈمچى شەھىرى «يۆجىنگەي» كوچىسىنىڭ شەرققە ئۇزارتىلغان بۆلىكى (ئوتتۇرا ئايلانما يولدىن شەرقىي  2-ئايلانما يولىغىچە) دىكى « T « شەكىللىك يول ئۆزگەرتىلىپ مۇشۇ ئاينىڭ 6- كۈنى رەسمىي قاتناش باشلاندى. پۈتۈن لىنىيەنىڭ سۈرئەت چەكلىمىسى 50 كىلومېتىر (سائەت) قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ يولدا قاتناشنىڭ باشلىنىشى «تىيانشان» رايونىنىڭ جەنۇبىي تەۋەلىكىدە  شەرق-غەرپ يۆلىنىشىدىكى يەنە بىر شەھەر غول يولىنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مۇخبىر مۇشۇ ئاينىڭ6-كۈنى ئەتتىگەن سائەت 10 دا «يۆجىنگەي» كوچىسىنىڭ شەرققە ئۇزارتىلغان بۆلىكىدە  قاراماي ياتقۇزۇلغان يول يۈزىگە ئاق بەلگە سىزىقى سزىلغانلىقىنى، قوش يۆلىنىشتە ئالتە ئاپتوموبىل يولى بارلىقىنى، يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە كۆك بەلگە تاختىلىرى ئورنىتىلغانلىرىنى،« يۆجىنگەي» كوچىسى بىلەن ئوتتۇرا ئايلانما يول ئېغىزىغا قاتناش چىرىغىنى ئورنىتىلغانلىقىنى كۆردى.
جىنەن شەھەر قۇرۇلۇشى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ شەرققە ئۇزارتىلغان بۆلىكى قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل خادىمى ياڭ شياۋنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، «يۆجىنگەي كوچىسىنىڭ شەرققە ئۇزارتىلغان بۆلىكى غەرپتە «يۆجىنگەي» كوچىسى بىلەن ئوتتۇرا ئايلانما يولىدىكى «T « شەكىللىك يول ئېغىزىدىن باشلىنىپ، شەققتە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان شەرقىي 2-  ئايلانما تېز سۈرئەتلىك يول ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدە ئاخىرلىشىدىكەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى  920 مېتىر كېلىدىكەن، ئىلگىرى بۇ جاي يانباغرى ئىكەن.
بۇ يولنىڭ دەرىجىسى شەھەر غول يولى بولۇپ، يولنىڭ ئىككى تەرپىگە كەڭلىكى بەش مېتىر كېلىدىغان پىيادىلەر يولى، ئوتتۇرىسىغا كەڭلىكى يەتتە مېتىر كېلىدىغان كۆكەرتىلگەن ئايرىش بەلبىغى تەسىس قىلىنغان.  ئىگىلىنىشچە، بۇ يول پات ئارىدا «داۋان» يولى 2- ئايلانما يول، «داشۆ» يولى بىلەن تۇتۇاشتۇرۇلۇپ، تىيانشان رايونىدىن بۇلاقتاغ رايونىغا كىرىشتىكى مۇھىم يولغا ئايلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشچە، «راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى» ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ يىل يولغا قويغان «خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون چوڭ ئەمەلىي ئىش» تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل 50 « T « شەكىللىك يول، ئۈزۈك يول ۋە غەيرىي يول ئېغىزلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۆگەرتىش ئارقىلىق غول ۋە 2-دەرىجىلىك غول يوللار بىلەن ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇلۇپ، قولايلىق بولغان شەھەر يول تۈرىنى شەكىللەندۈرۈدىگەن. «يۆجىنگەي» كوچىسىنىڭ شەرققە ئۇزارتىلغان ئۈزۈك يول، « T « شەكىللىك يوللارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى ئىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى