قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە «ئاشكارا ئاشخانا» دا تاماق ئېتىش توردا بىۋاستە كۆرسىتىلىدىغان بولدى

2018-09-12 18:39:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 گىرىم قىلىشنى توردا بىۋاستە كۆرسىتىش، تاماق يېيىشنى توردا بىۋاستە كۆرسىتىش... توردا بىۋاستە كۆرسىتىش مودا يۈزلىنىشىگە ئايلاندى، ھازىر، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى «ۋەندا» مەيدانىمۇ «ئاشكارا ئاشخانا»نى يولغا قويۇپ، تاماق ئېتىدىغان جاينى توردا بىۋاستە كۆرسىتىدۇ، 43 يېمەك- ئىچمەك دۇكىنى تاماق قىلىش جەريانىنى توردا بىۋاستە كۆرسىتىدۇ.
مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى «ۋەندا» مەيدانىنىڭ 3- قەۋەت يېمەك- ئىچمەك رايونىدا، خالىغان بىر تاماقخانىغا كىرسە، سۈزۈك ئەينەكتىن خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىراش تاماق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ھەر بىر دۇكاننىڭ ئالدىدا ياكى تاماق يەيدىغان رايونىدا بىر ئېلىكتىرونلۇق ئېكران بار بولۇپ، تاماق ئېتىدىغان جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كامېرانى تەڭشەش ئارقىلىق، خىزمەت ئەھۋاللىرىنى ھەر ۋاقىت كۆرگىلى بولىدۇ.
ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يېمەكلىك بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى ئالىم مەمەت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەۋەلىك رايون بۇ يىل 5- ئايدىن باشلاپ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى «ۋەندا» مەيدانىدا «ئاشكارا ئاشخانا» نى نۇقتىدا سىناق قىلدۇق، يىل ئاخىرىغىچە تەۋەلىك رايوندىكى تيەنجۇشەن كوچىسى تائاملار كوچىسى، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى «ۋەندا» مەيدانى جىنجيې كوچىسى شۇنداقلا ئەتراپتىكى يېمەك- ئىچمەك ۋە ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرى، مەكتەپ، يەسلى ئاشخانىلىرى قاتارلىق 300 ئورۇن ۋە دۇكانغا كېڭەيتىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى