قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە شىپالىق رولى

2018-09-12 18:42:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ ياغ تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى، لېكىن قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەردىكى ياغ كىسلاتاسى گۆش تەركىبىدىكى ياغ كىسلاتاسى بىلەن ئوخشىمايدۇ، نۇرغۇن تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەردىكى ياغ كىسلاتاسى ئادەم ئورگانىزملىرىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىكەن. 8ـ ئاينىڭ 28ـ كۈنى، جۇڭگو ئوزۇقلۇق ئىلمىي جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، «چياچيا» يېمەك ـ ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتى قوللىغان «قۇۋۋەتلىك قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر-- ساغلام جۇڭگو-- جۇڭگو تۇنجى نۆۋەتلىك قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ئوزۇقلۇق ساغلاملىق مۇنبىرى»دە، كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشنى، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ قاتتىق پوستلۇق مېۋە ئىستىېمال مىقدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى مۇراجىئەت قىلدى.
قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ئادەتتە تەركىبىدە ماي بولغان ئۇرۇق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ دەرەخ  مېۋىلىرى (مەسىلەن: ياڭاق، ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىقلار) ۋە ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى (مەسىلەن: گازىر، خۇاسېڭ، قارا كۈنجۈت قاتارلىقلار)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل يېمەكلىكلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپلا باھا بەرمەڭ، بۇ خىل يىمەكلىكلەر ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرى تەشەببۇس قىلىدىغان ئەتىۋارلىق يىمەكلىك، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە كۆپ خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى ئانالىز قىلغاندا، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى ياغ مىقدارى %40تىن ئاشىدىكەن، ئاقسىل مىقدارى %12تىن %36 كىچە بولىدىكەن، كاربون ـ سۇ بىرىكمىلىرى مىقدارى %15 تىن تۆۋەن بولىدىكەن، تەركىبىدە مىنېرال ماددا، ۋىتامىن E ۋە B تۈرىدىكى ۋىتامىنلار مول بولىدىكەن. قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ ياغ تەركىبى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن كۆپ قىسىمى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ئىچىدە لېنولېن كىسلاتاسى ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ياغ كىسلاتاسى ھېسابلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە يەنە فوسفور، فېنول، فرون قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلىق تەركىبلەر بار ئىكەن.
    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمىنى تەكشۈرۈش ۋە ئوزۇقلۇق تەجرىبىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، دائىم قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېيىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ ئىكەنلىكى بايقالغان. مەسىلەن، خۇاسېڭ، ياڭاق، ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىق تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مول بولغان قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر قاندىكى ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدىكەن؛ قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر تەركىبىدە   ۋىتامىن E، يوپۇرماق كىسلاتاسى، يېمەكلىك تالاسى، كالىي، ماگنىي، تاننىن كىسلاتاسى ۋە پولىفېنول قاتارلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى بار بۇلۇپ، يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىنى قوغداش، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەن؛ قاتتىق پوستىلىق مىۋىلەردە يېمەكلىك تالالىرى ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مول بولغانلىقى ئۈچۈن، دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن. يەنە كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ مېتابولىزمىغا پايدىلىق بۇلۇپ، دىئابېت كىسىلىنىڭ خەۋپنى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بار ئىكەن؛ كۆپ مىقداردا ۋىتامىن E، سېلېن قاتارلىق ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ئوزۇقلۇق ماددىلار بولغاچقا، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر قېرىشنى كېچىكتۈرەلەيدىكەن.
 نۇرغۇن كىشىلەر قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ ياغ تەركىبىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. دەرۋەقە، ئوزۇقلۇق تەركىبىنى ئانالىز قىلغاندا، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى ياغ مىقدارى %40تىن ئاشىدۇ. قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ ياغ تەركىبى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى پەقەت %10 تىن %15كىچە بولغان قىسىمىنى ئىگىلەيدۇ، كۆپ ھاللاردا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ۋە ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق ياغ كىسلاتاسى، يەنى لېنولېن كىسلاتاسى بولىدۇ.
ئۇنداقتا ھەر كۈنى قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى قانچىلىق دەرىجىدە ئىستىمال قىلىش كېرەك؟ «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ 2016- يىللىق تائام قوللانمىسى»غا ئاساسلانغاندا، سېرىق پۇرچاق ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى ھەر كۈنى 25 گرامدىن 35 گرامغىچە ئىستېمال قىلىش كىرەككەن، بۇنىڭ ئىچىدە ھەر كۈنى قاتتىق پوستلۇق مېۋە 10 گرام ئەتراپىدا ئىستېمال قىلىنىشى كىرەككەن.
لېكىن بىزنىڭ قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىش ئەھۋالىمىز كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە قۇرامىغا يەتكەن ئاھالىنىڭ پەقەت بەشتىن بىر قىسمىلا قاتتىق پوستلۇق مېۋە ئىستىمال قىلىدىكەن، چوڭلارنىڭ قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلىش مىقدارى ئاران يەتتە گىرامغا يېتىدىكەن، بۇلار گازىر، خۇاسىڭ قاتارلىق ئۇرۇق تۈرىدىكى قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى ئاساس قىلىدىكەن. ياڭاق، ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىنىش مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن ئىكەن.
 نۆۋەتتە بازاردا سېتىلىۋاتقان بىرىكمە ئوراپ قاچىلانغان قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ئىستىمال سەۋىيەسى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، ئەمەلىيەتتە ئوزۇقلۇق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، تەركىبىدە ھەر خىل تۈردىكى قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر بېرىكتۈرۈپ قاچىلانغان قاتتىق پوستىلىق مىۋىلەر كىشىلەرنىڭ مۇۋاپىق مىقداردىكى ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرالايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى