قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيىسىدىكى مىليون مو يۇلغۇن چېچەكلەپ ساياھەتچىلەر كۆرۈپ قانمايدىغان مەنزىرە شەكىللەندى

2018-09-12 19:06:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېشىللىق ئارىسىدا ھال رەڭلىك يۇلغۇن چىچەكلىرى بەس-بەستە ئېچىلىپ ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. كۇچا ناھىيەسى تارىم يېزىسىنىڭ ئاقكۆل كەنتىدە ئىككى كىلومېتىرغا سوزۇلغان ھال رەڭلىك يۇلغۇن چىچەكلىرى بىلەن بېزەلگەن يول بار بولۇپ، بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، چىچەكلەرنىڭ ئېچىلىش مەزگىلى يېتىپ كەلگەچكە، ھال رەڭلىك گۈل دېڭىزى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. ساياھەتچىلەر ئاپتوموبىللىرىنى توختىتىپ، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.                  
گۇاڭدوڭدىن كەلگەن ساياھەتچى خې ئەپەندى ئاقكۆل كەنتىدىن ئۆتكەندە، يۇلغۇنلارنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يۇلغۇننى بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن، يۇلغۇن چېچەكلىگەننى تېخىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن، يۇلغۇن چېچىكىنىڭ بۇنداق ئاددىي ھەم جەزىبىدار بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەن.
كۇچا ناھىيەسى تارىم يېزىسىنىڭ يېرى شورلۇق بولۇپ، دەل ـ دەرەخلەرنىڭ ئەي بولۇشى قىيىن ئىدى، «قۇمنى تىزگىنلەپ ئورمان بىنا قىلىش» ئۈچۈن، شۇ جايدىكى يېزىلىق ھۆكۈمەت يۇلغۇننى تاللىدى. تارىم يېزىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى فېڭ شياۋياڭ مۇنداق دېدى: يۇلغۇن قۇرغاقچىلىققا، ئىسسىققا چىداملىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈپ يىلتىزىنىڭ ئۆسۈشى كۈچلۈك، قۇم بارخانلىرى ئاستىدا يۇلغۇن يىلتىزىنىڭ يىلتىز تارتىشى تېخىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇمنى تىزگىنلەپ ئورمان بىنا قىلىش ناھايىتى مۈشكۈل. يېزمىزنىڭ زور ئۈمىدلەر بىلەن 12 يىل تىرىشىپ پەرۋىش قىلىشى ۋە قوغدىشى ئارقىسىدا، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، تارىم يېزىسى يولىنىڭ ئىككى قاسنىقى ۋە ئېتىزلىقلاردا ئۇزۇنغا سوزۇلغان يۇلغۇنلارنى ئۇچراتقىلى بولىدىغان بولدى. ئىككى كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يۇلغۇن مەركەزلىك ئۆسىدىغان رايون ھازىر تارىم يېزىسىدىكى گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى.
 ئىگىلىنىشىچە، تارىم يېزىسىنىڭ يۇلغۇن بىلەن قاپلىنىش كۆلىمى تەخمىنەن 2 مىليون مو بولۇپ، بۇ يەردىكى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قۇمنى تىزگىنلەش ئىرادىسىنىڭ شاھىدى ھىسابلىنىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى